ئەلىيا ئاسمانغا كۆتۈرۈلىدۇ
2
1 پەرۋەردىگار ئەلىيانى بىر قۇيۇندا ئاسمانغا ئالىدىغانغا ئاز قالغاندا ئەلىيا بىلەن ئەلىشا گىلگالدىن چىقىپ ماڭغانىدى. 2 ئەلىيا ئەلىشاغا ئېيتتى: «بۇ يەردە قالغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى بەيتەلگە ئەۋەتتى» دېدى. لېكىن ئەلىشا: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ تىرىك جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن ئايرىلمايمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەيتەلگىچە چۈشۈپ بېرىشتى. 3 ئۇ ۋاقىتتا بەيتەلدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئەلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «بىلەمسەنكى، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى كۆتۈرۈپ، سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ» دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «بىلىمەن، لېكىن شۈك تۇرۇڭلار» دېدى. 4 ئەلىيا ئۇنىڭغا: «ئەي ئەلىشا، بۇ يەردە قالغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى يېرىخوغا ئەۋەتتى» دېدى. لېكىن ئەلىشا: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ تىرىك جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن ئايرىلمايمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېرىخوغا يېتىپ كەلدى. 5 ئۇ ۋاقىتتا يېرىخودىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئەلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: «بىلەمسەنكى، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ» دېدى. ئەلىشا: «بىلىمەن، لېكىن شۈك تۇرۇڭلار» دېدى.
6 ئەلىيا ئۇنىڭغا «بۇ يەردە قالغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ئەۋەتتى» دېدى. لېكىن ئەلىشا: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ تىرىك جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن ئايرىلمايمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى كېتىپ بېرىشتى. 7 ئەمدى پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىنمۇ ئەللىك كىشى بېرىپ، يىراقتىن قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا توختاپ تۇردى. 8 ئەلىيا ئۆز يېپىنچىسىنى ئېلىپ قاتلاپ ئۇنىڭ بىلەن سۇنى ئۇردى. سۇ ئىككىگە بۆلۈندى ۋە ئۇلار ئىككىسى قۇرۇق يول بىلەن مېڭىپ دەريادىن ئۆتتى. 9 ئۆتكەندىن كېيىن ئەلىيا ئەلىشاغا: «مەن سەندىن ئايرىلماستا، ساڭا نېمە قىلاي، نېمە تىلەيسەن؟» دېدى. ئەلىشا «سېنىڭ روھىڭنىڭ ئىككى ھەسسىسى ماڭا تەگكەي» دېدى. 10 ئەلىيا: «بۇ سورىغىنىڭ تەستۇر. لېكىن مەن سەندىن ئېلىپ كېتىلىدىغان چاغدا سەن مېنى كۆرۈپ تۇرساڭ، سورىغىنىڭ ساڭا بېرىلىدۇ. بولمىسا بېرىلمەيدۇ» دېدى.
11 ئۇلار سۆزلىشىپ يۈرگەندە، مانا، يالقۇنلۇق جەڭ ھارۋىسى بىلەن يالقۇنلۇق ئاتلار پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىدى. شۇ تەرىقىدە ئەلىيا بىر قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. 12 ئەلىشا بۇنى كۆرۈپ: «ئەي ئاتام، ئەي ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىقلىرى!» دەپ توۋلىدى. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۇنى يەنە كۆرمىدى. ئۇ ئۆز كىيىمىنى تۇتۇپ، يىرتىپ ئىككى پارچە قىلدى. 13 ئاندىن كېيىن ئۇ ئەلىيانىڭ چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسىنى يەردىن ئېلىپ، قايتىپ كېتىپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا كەلدى. 14 ئۇ ئەلىيانىڭ چۈشكەن يېپىنچىسىنى ئېلىپ، سۇنى ئۇرۇپ: «ئەلىيانىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار قەيەردىدۇر؟» دېدى. ئەلىشا سۇنى ئۇرغاندا سۇ ئۇ تەرەپكە بۇ تەرەپكە ئېقىپ، ئىككىگە بۆلۈندى ۋە ئەلىشا دەريادىن ئۆتتى.
15 يېرىخودىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى نېرىراق تۇرۇپ، شۇنى كۆرۈپ: «ئەلىيانىڭ روھى ئەلىشانىڭ ئۈستىدىدۇر» دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىشتى. 16 ئۇلار ئەلىشاغا: «مانا، سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ ئارىسىدا ئەللىك كۈچلۈك ئادەم بار. بۇلار غوجاڭنى ئىزدىگىلى بارسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنى كۆتۈرۈپ، تاغلارنىڭ بىرىدە ياكى بىر ۋادىدا قويغانمىكىن» دېدى. لېكىن ئۇ: «ھېچكىمنى ئەۋەتمەڭلار» دېدى. 17 ئەمما ئۇلار ئۇنى تولا قىستىغاچقا، ئۇ خىجالەت بولۇپ: «بوپتۇ، ئەۋەتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللىك كىشىنى ئەۋەتتى. بۇلار ئۈچ كۈنگىچە ئەلىيانى ئىزدىدى، لېكىن ئۇنى تاپالمىدى. 18 ئۇلار تېخى يېرىخودا تۇرغان ئەلىشانىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا: «‹بارماڭلار› دېمىدىممۇ؟» دېدى.
ئەلىشا يېرىخو شەھىرىدىكى سۇنى ئوڭلايدۇ
19 شەھەردىكى ئادەملەر ئەلىشاغا: «غوجام كۆرگەندەك شەھەر ئۆزى ئوبدان جايدىدۇر، لېكىن سۇ ناچار ۋە يۇرتتا تۇغماسلىق پەيدا قىلىدۇ» دېدى. ■ 20 ئەلىشا ئۇلارغا: «ماڭا يېڭى قاچىنى ئېلىپ كېلىپ، شۇنىڭغا تۇز سېلىڭلار» دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلدى. 21 ئۇ سۇ بۇلىقىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تۇزنى سېلىپ: «‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ سۇنى ئوڭلىدىم. ئۆلۈم ۋە تۇغماسلىق ئۇنىڭدىن يەنە پەيدا بولمايدۇ›» دېدى. 22 ئەلىشا ئېيتقاندەك سۇ ئوڭلىنىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلمەكتە.
بەيتەلدە بالىلار ئەلىشانى زاڭلىق قىلىدۇ
23 ئەلىشا ئۇ يەردىن كېتىپ بەيتەلگە باردى. يولدا كېتىپ بارغىنىدا شەھەردىن بالىلار چىقىپ، ئۇنى زاڭلىق قىلىپ: «چىقىپ كەت، ئەي تاقىر باش! چىقىپ كەت، ئەي تاقىر باش!» دەپ ۋارقىرىشىپ تۇردى. 24 ئۇ بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى قارغىغاندا، ئورمانلىقتىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، بالىلاردىن قىرىق ئىككىنى تالاپ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى. 25 ئەلىشا ئۇ يەردىن كېتىپ، كارمەل تېغىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سامارىيەگە قايتىپ باردى.