ئەزرا
پارس پادىشاھى كورەشنىڭ پەرمانى
1
1 پەرۋەردىگارنىڭ يەرىمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار پارس پادىشاھى كورەشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بىرىنچى يىلى پارس پادىشاھى كورەشنىڭ روھىنى قوزغىدى. شۇنداقكى، ئۇ پۈتۈن پادىشاھلىقىدا ئېلان چىقىرىپ، يازما ۋە ئاغزاكى يول بىلەن مۇنداق جاكارلاتتى: 2 «پارس پادىشاھى كورەش مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاسمانلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلارنى بېرىپ، مېنى ئۆزىگە يەھۇدا زېمىنىدىكى يېرۇسالېمدا بىر بەيت ياساشقا تەيىنلىدى. 3 سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كىم ئۇنىڭ خەلقىدىن بولسا، خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولغاي. ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى يېرۇسالېمغا چىقىپ، خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى قايتىدىن ياسىسۇن. چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمنى ماكان قىلغان خۇدادۇر. 4 شۇ خەلق ئىچىدىن مەيلى قەيەردە بولسۇن مۇساپىر بولۇپ ياشىغانلارغا ئۇ يەردىكى ئادەملەر ياردەم بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈك ۋە قوي-كالا بەرسۇن. شۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى بەيتى ئۈچۈن ھەدىيەلەر بەرسۇن›».
5 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بەنيامىننىڭ جەمەت باشلىقلىرى، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار، شۇنداقلا خۇدا روھىنى قوزغىغانلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى قايتىدىن ياسىغىلى بېرىشقا تەييارلاندى. 6 ئۇلارنىڭ چۆرىسىدە تۇرغانلار ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، كۈمۈش بۇيۇملار، ئالتۇن، مال-مۈلۈك، قوي-كالا ۋە ئەۋزەل سوۋغاتلار بەردى ۋە يەنە ئۆز ئىختىيارى بىلەن كۆپ نەرسە بەردى. 7 كورەش پادىشاھ نېبۇكادنەزار ئىلگىرى يېرۇسالېمدىن ئېلىپ كېتىپ ئۆز بۇتخانىسىغا قويغان پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە تەئەللۇق بۇيۇملارنى چىقىرىپ بەردى. 8 پارس پادىشاھى كورەش بۇلارنى خەزىنىچىسى مىترەداتنىڭ قولى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى شەشباززارغا ساناپ تاپشۇرۇپ بەردى.
9 بۇلارنىڭ سانى: ئوتتۇز ئالتۇن داس، بىر مىڭ كۈمۈش داس، يىگىرمە توققۇز پىچاق، 10 ئوتتۇز ئالتۇن قەدەھ، تۆت يۈز ئون دانە كۈمۈش قەدەھ ۋە بىر مىڭ باشقا قاچا-قۇچا ئىدى. 11 ھەممە ئالتۇن ۋە كۈمۈش بۇيۇملار بەش مىڭ تۆت يۈز ئىدى. سۈرگۈنلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا يولغا چىققاندا شەشباززار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالغاچ باردى.