زەرۇببابەل بىلەن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىپ كېلگەنلەر
2
‏1 بابىلنىڭ پادىشاھى نېبۇكادنەزارنىڭ قولى بىلەن بۇرۇن سۈرگۈن قىلىنىپ بابىلغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئىچىدىن، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە، ھەربىرى ئۆز شەھىرىگە، ‏2 زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، سەرايا، رېلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رېخۇم ۋە بائانا بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
‏3 پاروسنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى،
‏4 شېفاتيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى،
‏5 ئاراخنىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز يەتمىش بەش كىشى،
‏6 يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ نەسلىدىن بولغان پاخەت-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون ئىككى كىشى،
‏7 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى،
‏8 زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز قىرىق بەش كىشى،
‏9 زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى،
‏10 بانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى،
‏11 بېباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى،
‏12 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى.
‏13 ئادونىقامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە كىشى،
‏14 بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئەللىك ئالتە كىشى،
‏15 ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى تۆت يۈز ئەللىك تۆت كىشى،
‏16 خىزقىيانىڭ نەسلىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى،
‏17 بېزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى،
‏18 يورانىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى،
‏19 خاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى،
‏20 گىببارنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى،
‏21 بەيتلەھەملىكلەردىن بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى،
‏22 نەتوفالىقلاردىن ئەللىك ئالتە كىشى،
‏23 ئاناتوتلۇقلاردىن بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى،
‏24 ئازماۋەتنىڭ جەمەتىدىن قىرىق ئىككى كىشى،
‏25 قىريات-يېئارىملىقلار، كېفىرالىقلار ۋە بەئەروتلۇقلاردىن يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى،
‏26 رامالىقلار ۋە گېبالىقلاردىن ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى،
‏27 مىكماسلىقلاردىن بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى،
‏28 بەيتەللىكلەر ۋە ئايلىقلاردىن ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى،
‏29 نېبونىڭ ئەۋلادلىرى ئەللىك ئىككى كىشى،
‏30 ماگبىشنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئەللىك ئالتە كىشى،
‏31 يەنە بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى،
‏32 خارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى،
‏33 لودلۇقلار، خادىدلىقلار ۋە ئونولۇقلاردىن يەتتە يۈز يىگىرمە بەش كىشى،
‏34 يېرىخولۇقلاردىن ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى
‏35 ۋە سەنائانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى.
 
‏36 كاھىنلاردىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
يەشۇئانىڭ جەمەتىدىن بولغان يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى،
‏37 ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى،
‏38 پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى
‏39 ۋە خارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى.
 
‏40 
لاۋىيلاردىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
ھوداۋيانىڭ نەسلىدىن بولغان يەشۇئا بىلەن قادمىئەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى،
‏41 نەغمىچىلەردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى،
‏42 دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن بولغان شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاققۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە شوباينىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى بىر يۈز ئوتتۇز توققۇز كىشى.
 
‏43 قايتىپ كەلگەن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىلەر ئىدى: زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى، ‏44 قېروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىياھانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، ‏45 لەبانانىڭ ئەۋلادلىرى، خاگابانىڭ ئەۋلادلىرى، ئاققۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، ‏46 خاگابنىڭ ئەۋلادلىرى، شاملاينىڭ ئەۋلادلىرى، خاناننىڭ ئەۋلادلىرى، ‏47 گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاخارنىڭ ئەۋلادلىرى، رېئايانىڭ ئەۋلادلىرى، ‏48 رېزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىقودانىڭ ئەۋلادلىرى، گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، ‏49 ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسېئاھنىڭ ئەۋلادلىرى، بەساينىڭ ئەۋلادلىرى، ‏50 ئاسنانىڭ ئەۋلادلىرى، مېئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، ‏51 باقبۇقنىڭ ئەۋلادلىرى، خاقۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، ‏52 بازلۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەخىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، ‏53 بارقوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، ‏54 نەزىياھنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرى.
‏55 قايتىپ كەلگەن سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا: سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پەرۇدانىڭ ئەۋلادلىرى،    ‏56 يائالانىڭ ئەۋلادلىرى، دارقوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، ‏57 شېفاتيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوكەرەت-زەبايىمنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئامىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
‏58 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قايتىپ كەلگەن ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى ئىدى.
 
‏59 ئەمما تەل-مېلاخ، تەل-خارشا، كەرۇب، ئاددان ۋە ئىممەردىن كەلگەن تۆۋەندىكىلەر ئاتىلىرىنىڭ جەمەتى ۋە نەسلى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى:
‏60 دەلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىقودانىڭ ئەۋلادلىرى، جەمئىي ئالتە يۈز ئەللىك ئىككى كىشى.
‏61 يەنە كاھىنلارنىڭ جەمەتىدىن خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، ھاقوزنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىمۇ قايتىپ كەلگەنىدى. بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۇ جەمەتنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. ‏62 ئۇلار ئۆز نەسەبنامىلىرىنى ئىزدەپ تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار كاھىنلىق خىزمىتىگە نالايىق دەپ ھېسابلاندى. ‏63 ۋالىي ئۇلارغا: «‹ئۇرىم› ۋە ‹تۇمىم›نى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا بولمىغۇچە ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمەڭلار» دەپ بۇيرۇدى.   
 
‏64 پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى ئىدى. ‏65 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە ئەر-ئايال خىزمەتكارى ۋە ئىككى يۈز ئەر-ئايال ناخشىچىمۇ بار ئىدى. ‏66 ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئات، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىر،
‏67 تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگە ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكىمۇ بار ئىدى.
 
‏68 ئۇلار يېرۇسالېمغا يېتىپ، خۇدانىڭ بەيتىگە كەلگەندە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ بەزىسى ئۆز ئىختىيارى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ئۈچۈن، ئىلگىرىكى جايىدا ياسالسۇن دەپ، ھەدىيەلەر كەلتۈردى. ‏69 ئۇلار ھەربىرى قولىدىن كەلگىنىچە قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە ئىئانە بېرىپ، جەمئىي ئاتمىش بىر مىڭ دارىك ئالتۇن، بەش مىڭ مىنا كۈمۈش سۇندى ۋە يۈز قۇر كاھىن تونىنى بەردى.   
‏70 كاھىنلار، لاۋىيلار، ئاۋام خەلقنىڭ بەزىسى، نەغمىچىلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۆز شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشتى، شۇنىڭدەك ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشتى.