پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى قايتا قۇرۇلىدۇ
3
‏1 بەنى ئىسرائىل ئۆز شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، يەتتىنچى ئاينىڭ بېشىدا خەلق بىر ئادەمدەك يېرۇسالېمغا يىغىلدى. ‏2 يوساداقنىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان كاھىنلار، ھەم شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى قوپۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا بۇيرۇلغاندەك ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى.    ‏3 ئۇلار يەرلىك خەلقلەردىن قورقسىمۇ، قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۆز جايىدىكى ئۇلى ئۈستىگە سالدى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، يەنى ئەتىگەنلىك ۋە ئاخشاملىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا باشلىدى.    ‏4 ئۇلار بۇيرۇلغاندەك كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى شۇ كۈنى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن سانى بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلدى. ‏5 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇلار كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە يېڭى ئايلارنىڭ قۇربانلىقلىرىنى، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ھېيتلىرىنىڭ قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن پەرۋەردىگارغا كەلتۈرۈلگەن قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا باشلىدى.
‏6 ئۇلار يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلى تېخى سېلىنمىغانىدى. ‏7 ئۇلار تاشچى ۋە ياغاچچىلارغا پۇل بېرىپ، پارس پادىشاھى كورەشنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۇلار ئۈچۈن كېدىر ياغىچى لىۋاندىن دېڭىز ئارقىلىق جاففاغا ئېلىپ كېلىدىغان سىدونلۇقلار ۋە تىرلىقلارنى يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن تەمىنلىدى. ‏8 ئۇلار يېرۇسالېمغا يېتىپ، خۇدانىڭ بەيتىگە كەلگەندىن كېيىن ئىككىنچى يىلنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل، يوساداقنىڭ ئوغلى يەشۇئا، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان باشقا كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ يېرۇسالېمغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قولىنى ئىشقا سالدى. يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىشقا تەيىنلەندى. ‏9 يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى بولغان يەشۇئا ئۆزى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى ۋە قادمىئەل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى بىرگە خۇدانىڭ بەيتىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. لاۋىيلاردىن بولغان خېنادادنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرىمۇ بۇ ئىشتا ئۇلارغا ھەمراھ بولدى.   
‏10 تامچىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بولغاندا كاھىنلار خاس كىيىملىرىنى كىيىپ، كاناي تۇتقان ھالدا ۋە لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ جاڭ تۇتقان ھالدا قاتار-قاتار تۇرغۇزۇلۇپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇدنىڭ بەلگىلىگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى. ‏11 ئۇلار ناخشا ئېيتىشىپ: «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئىسرائىلغا بولغان مېھىر-شەپقىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ مەدھىيە ئوقۇدى. ھەممە خەلق خۇشال بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ئۇلىنىڭ سېلىنىپ بولغىنى ئۈچۈن ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىدى. ‏12 لېكىن ئىلگىرىكى بەيتنى ئۆزلىرى كۆرگەن نۇرغۇن قېرى كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە جەمەت باشلىقلىرى كۆزلىرى ئالدىدا سېلىنغان ئۇلنى كۆرگەندە يىغلىدى. ئەمما نۇرغۇن باشقا كىشىلەر خۇشال بولۇپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ توۋلاشتى. ‏13 خەلق خۇشاللىقنىڭ ئۈنلۈك توۋلىشىنى يىغىنىڭ ئاۋازىدىن پەرق ئېتەلمىدى، چۈنكى خەلق شۇنداق ئۈنلۈك توۋلاشتىكى، ئاۋازى يىراق يەرگە ئاڭلاندى.