دۈشمەنلەر بايتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ
4
1 يەھۇدا ۋە بەنيامىن جەمەتلىرىنىڭ دۈشمەنلىرى: «سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ياساۋاتىدۇ» دەپ ئاڭلىغاندا، 2 زەرۇببابەل ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ياسىشايلى، چۈنكى بىز سىلەردەك خۇدايىڭلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى ئېسەر-خاددون بىزنى بۇ يەرگە كەلتۈرگەن ۋاقىتتىن تارتىپ ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز» دېدى. 3 ئەمما زەرۇببابەل، يەشۇئا ۋە ئىسرائىلنىڭ باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ بىز بىلەن خۇدايىمىزغا ئاتىغان بەيت ياسىشىڭلار كېلىشمەيدۇ، بەلكى پارس پادىشاھى كورەش بىزگە بۇيرۇغاندەك، بىز ئۆزىمىز بىرلىشىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بەيتنى ياسايمىز» دېيىشتى. 4 لېكىن يەرلىك خەلق يەھۇدا خەلقىنىڭ قوللىرىنى ئاجىز قىلىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ قۇرۇلۇش ئىشىدىن قالدۇردى. 5 ئۇلار يەھۇدىيلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن مەسلىھەتچىلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، پارس پادىشاھى كورەشنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، تا پارس پادىشاھى دارىيۇس سەلتەنەتنى قولىغا ئالغۇچە شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيلارنىڭ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى توسۇپ يۈردى.
6 ئاخاشۋېروشنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن دەۋردە، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە، ئۇلار يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈستىدىن شىكايەت خېتى يېزىپ ئەۋەتتى. 7 ئاندىن ئارتاخشاستانىڭ كۈنلىرىدە بىشلام، مىترەدات، تابەئەل ۋە ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىمۇ پارس پادىشاھى ئارتاخشاستاغا خەت يازدى. ئۇلارنىڭ خېتى ئارامىي يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، ئارامىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانىدى.
8 رېخۇم مەسلىھەتچى ۋە شىمشاي كاتىپ يېرۇسالېم توغرىسىدا ئارتاخشاستا پادىشاھقا مۇنداق خەت يازدى:
9 «رېخۇم ۋالىي ياردەمچىسى، شىمشاي كاتىپ ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ھەمراھلىرى، يەنى دىينايلار، ئافارسكايلار، تارپەللىكلەر، پارسلار، ئېرەكلىكلەر، بابىللىقلار ۋە شۇشانلىقلار، يەنى ئېلاملىقلار، 10 ۋە ئۇلۇغ جانابىي ئاسناپپار سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى باشقا يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان بۆلەك خەلقلەر».
11 ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن خەتتە مۇنداق پۈتۈلگەنىدى:
«ئارتاخشاستا پادىشاھقا فىرات دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە ۋە باشقا يەرلەردە ئولتۇرۇشلۇق خىزمەتكارلىرىڭدىن سالام. 12 پادىشاھقا مەلۇم بولسۇنكى، سېنىڭ تەرىپىڭدىن يېرۇسالېمغا كېلىپ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار ئاشۇ توپىلاڭخور يامان شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ سېپىللىرىنى ۋە ئۇللىرىنى مۇستەھكەملەۋاتىدۇ. 13 پادىشاھ بىلسۇنكى، ئەگەر ئۇ شەھەر قايتىدىن قۇرۇلۇپ، سېپىللىرى ئوڭلىنىپ بولسا، ئۇلار خىراج، ۋە ئالۋان-سېلىق تاپشۇرمايدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھلارنىڭ خەزىنىسىگە زىيان بولىدۇ. 14 بىز پادىشاھلىق ئوردىسىنىڭ تۇزىنى يەپ تۇرۇپ ھېچنېمە دېمەي تۇرۇپ، پادىشاھنىڭ بۇنداق زىيانغا ئۇچرىشىغا پەرۋاسىز قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەت ئەۋەتىپ، پادىشاھقا شۇنى مەلۇم قىلدۇق. 15 ئەگەر ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تارىخ كىتابلىرى تەپتىش قىلىنسا، بۇ تارىخ كىتابلاردىن ساڭا بۇ شەھەرنىڭ توپىلاڭخور بىر شەھەر بولۇپ، قەدىم ۋاقىتتىن تارتىپ پادىشاھلار ۋە ۋىلايەتلەرگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭدا قوزغىلاڭلار بولۇپ تۇرغانلىقىنى مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شەھەر ۋەيران قىلىنغان. 16 ئەمدى پادىشاھقا مەلۇم قىلىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قايتىدىن قۇرۇلۇپ، سېپىللىرى ئوڭلانسا، فىرات دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە پادىشاھنىڭ نېسىۋىسى قالمايدۇ».
17 پادىشاھ مۇنداق جاۋاب يوللىدى:
«رېخۇم ۋالىي ياردەمچىسى، شىمشاي كاتىپ ۋە فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى زېمىندا ئولتۇرۇشلۇق باشقا ھەمراھلىرىغا سالام. 18 سىلەر ماڭا ئەۋەتكەن خەت مېنىڭ ئالدىمدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇپ بېرىلدى. 19 مەن تەپتىش قىلىشنى بۇيرۇغاندىن كېيىن مەلۇم بولدىكى، بۇ شەھەر قەدىمدىن تارتىپ پادىشاھلارغا ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدە توپىلاڭ ۋە قوزغىلاڭ بولۇپ تۇرغان ئىكەن. 20 يېرۇسالېمدا قۇدرەتلىك پادىشاھلارمۇ ياشاپ، فىرات دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى پۈتۈن زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە ئۇلاردىن خىراج، ئالۋان-سېلىق ئالغان ئىكەن. 21 شۇنىڭ ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈڭلاركى، ئۇ كىشىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشى توختىتىلسۇن ۋە مەن ئەمر قىلغۇچە ئۇ شەھەر قايتىدىن قۇرۇلمىسۇن. 22 بۇ ئىشتا ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماڭلار. بولمىسا بۇ خاپىلىق ئېشىپ، پادىشاھلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ».
23 ئارتاخشاستا پادىشاھنىڭ خېتىدە پۈتۈلگەن سۆز رېخۇم، شىمشاي كاتىپقا ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىگە ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئالدىراپ يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلارغا بېرىپ، بېسىم ۋە زوراۋانلىق كۈچ ئىشلىتىپ ئۇلارنى قۇرۇلۇش ئىشىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىدى. 24 بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدا بولغان بەيتىنىڭ قايتىدىن ياسىلىشى توسۇلۇپ، پارس پادىشاھى دارىيۇسنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىغىچە توختاپ قالدى.