مۇقەددەس بايتنى قايتا قۇرۇش يېڭىدىن باشلىنىدۇ
5
‏1 ئۇ چاغدا پەيغەمبەرلەر، يەنى ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيا، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ نامىدا پەيغەمبەرلىك قىلاتتى. ‏2 ئۇ ۋاقىتتا شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يوساداقنىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ، خۇدانىڭ يېرۇسالېمدا بولغان بەيتىنى ياساشنى يېڭىدىن باشلىدى. خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى بولسا ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.
‏3 شۇ كۈنلەردە فىرات دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ۋىلايەتنىڭ باشلىقى تاتناي، شەتار-بوزناي ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارغا كېلىپ: «بۇ بەيتنى قايتىدىن سېلىپ ۋە سېپىلنى ياساشقا كىم ئىجازەت بەردى؟» دەپ سورىدى. ‏4 ئۇلار يەنە: بۇ ئىمارەتنى ياساپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟» دەپ سورىدى. ‏5 ئەمما يەھۇدىيلارنىڭ خۇداسىنىڭ كۆزى يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، دارىيۇسقا بۇ ھەقتە خەۋەر يەتكۈزۈلمىگۈچە ۋە ئۇنىڭدىن جاۋابنامە كەلمىگۈچە ئۇلار قۇرۇلۇش ئىشىنى توختىتالمىدى.
 
‏6 فىرات دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ۋىلايەتنىڭ باشلىقى تاتناي، شەتار-بوزناي ۋە دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ھەمراھلىرى بولغان ئافارسكايلار پادىشاھ دارىيۇسقا ئەۋەتكەن خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: ‏7 ئۇلار ئۇنىڭغا خەت ئەۋەتتى. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى:
«دارىيۇس پادىشاھقا تولۇق ئامانلىق بولغاي. ‏8 پادىشاھقا مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەھۇدىيەنىڭ ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ بەيتىگە كەلدۇق. ئۇلار شۇ بەيتنى يوغان تاشلاردىن ياساپ، تاملارنى ياغاچ بىلەن قاپلايدۇ. ئىش زور غەيرەت بىلەن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا راۋاج تاپىدۇ. ‏9 بىز ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: ‹بۇ بەيتنى سېلىپ، سېپىلنى ياساشقا كىم ئىجازەت بەردى؟› دەپ سورىدۇق. ‏10 ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ، ساڭا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ سورىدۇق.
‏11 بىزگە بەرگەن جاۋاب مۇنداق ئىدى: ‹بىز ئاسمان بىلەن يەرنىڭ خۇداسىنىڭ خىزمەتكارلىرىمىز، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سېلىنغان بەيتنى قايتىدىن ياساۋاتىمىز. ئىسرائىلنىڭ ئۇلۇغ بىر پادىشاھى ئۇنى بىنا قىلىپ ياسىغانىدى. ‏12 لېكىن ئاندىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسمانلارنىڭ خۇداسىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگىنىدە ئۇ ئۇلارنى كالدىيلاردىن بولغان بابىلنىڭ پادىشاھى نېبۇكادنەزارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ بۇ بەيتنى بۇزۇپ، خەلقنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى.
‏13 لېكىن بابىلنىڭ پادىشاھى كورەشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بىرىنچى يىلى پادىشاھ كورەش: «پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى قايتىدىن ياسالسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. ‏14 نېبۇكادنەزار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ كېتىپ بابىلنىڭ بۇتخانىسىغا سالغان ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنى كورەش پادىشاھ بابىلنىڭ بۇتخانىسىدىن چىقىرىپ، ئۆزى ۋىلايەت باشلىقى قىلىپ قويۇپ شەشباززار ئىسىملىك كىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ‏15 ئۇنىڭغا: «بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئالغاچ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ قويغىن، چۈنكى خۇدانىڭ بەيتى ئۆز جايىدا قايتىدىن ياسالسۇن» دەپ بۇيرۇدى. ‏16 ئاندىن ئۇ شەشباززار كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدا ياسىلىدىغان بەيتىنىڭ ئۇلىنى سالدى. ئۇ ۋاقىتتىن تارتىپ بۇ ۋاقىتقىچە بەيت ياسىلىۋاتىدۇ، ئىش تېخى پۈتمىدى›.
‏17 ئەگەر پادىشاھ مۇۋاپىق كۆرسە، كورەش پادىشاھ يېرۇسالېمدا خۇدانىڭ بۇ بەيتىنى قايتىدىن ياساش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ياكى چۈشۈرمىگەن دەپ ئېنىقلاش ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ بابىلدىكى خەزىنىسىنى ئاختۇرۇپ تەپتىش قىلسۇن. ئاندىن پادىشاھ بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆز ئىرادىسىنى بىزگە بىلدۈرسۇن».