پادىشاھ دارىيۇسنىڭ بۇيرۇقى
6
‏1 شۇنىڭ بىلەن دارىيۇس پادىشاھ بابىلدىكى ئورالما پۈتۈكلەر ساقلىنىدىغان خەزىنە ئۆيىنى ئاختۇرۇشنى بۇيرۇدى. ‏2 ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە مېدىيا ۋىلايىتىدىكى ئاخمېتا ئوردىسىدا بىر ئورالما پۈتۈك تېپىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى:
‏3 «كورەش پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بىرىنچى يىلى كورەش پادىشاھ خۇدانىڭ يېرۇسالېمدا بولغان بەيتى توغرىسىدا مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: ‹ئۇ بەيت قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان بىر جاي بولۇش ئۈچۈن قايتىدىن ياسىلىپ، ئۇللىرى مۇستەھكەم سېلىنسۇن. ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكىمۇ ئاتمىش گەزلىك بولۇپ، ‏4 ئۈچ قەۋەت يوغان تاش ۋە بىر قەۋەت يېڭى ياغاچ قويۇلسۇن. چىقىمى پادىشاھنىڭ خەزىنىسىدىن بېرىلسۇن. ‏5 نېبۇكادنەزار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن بابىلغا ئېلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بەيتىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلىرى قايتۇرۇلۇپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئۆز جايىغا قايتۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ بەيتىگە قويۇلسۇن›».
‏6 شۇڭا دارىيۇس پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق خەت يازدى: «فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ۋىلايەتنىڭ باشلىقى تاتناي، شەتار-بوزناي ۋە سىلەرنىڭ ھەمراھلىرىڭلار، يەنى فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق ئافارسكايلار، ئۆزۈڭلارنى ياقىغا ئېلىپ، ‏7 خۇدانىڭ بەيتىنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلماڭلار. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى خۇدانىڭ بۇ بەيتىنى ئۆز جايىدا قايتىدىن ياسىسۇن.
‏8 ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى خۇدانىڭ بۇ بەيتىنى ياسىغىنىدا ئۇلارغا قانداق قىلىدىغىنىڭلار توغرىسىدا شۇ ھۆكۈمنى چىقىرىمەنكى، قۇرۇلۇش ئىشى توختىتىلمىسۇن دەپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى زېمىندىن پادىشاھقا تاپشۇرغان ئالۋان-سېلىقتىن ئىشنىڭ لازىم بولىدىغان چىقىمى ئۈچۈن ئاجرجىتىلىپ، شۇ ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلسۇن. ‏9 ئاسمانلارنىڭ خۇداسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن، مەيلى تورپاق، مەيلى قوچقار ياكى قوزىلار بولسۇن، ھەرنېمە لازىم بولسا ئۇلارغا بېرىلسۇن ۋە يېرۇسالېمدىكى كاھىنلار بەلگىلىگىنى بويىچە ئۇلار كۈندىن-كۈنگە بۇغداي، تۇز، شاراب ۋە ياغ بىلەن تەمىنلەنسۇن. ‏10 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسمانلارنىڭ خۇداسىغا خۇشبۇي قۇربانلىق سۇنۇپ، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەي.
‏11 بۇنىڭ بىلەن ئەمر قىلىمەنكى، كىمكى بۇ بۇيرۇقنى بۇرمىلىسا، بىر خادا ئۇنىڭ ئۆيىدىن سۇغۇرۇپ، ئۆزى شۇنىڭغا ئېسىلسۇن ۋە مۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيى بىر قىغ دۆۋىسىگە ئايلانسۇن. ‏12 ‹ئۆز نامىم ئۇ يەردە تىكلەنسۇن› دەپ ئېيتقان خۇدا، مۇشۇ بۇيرۇقنى بۇرمىلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدا بولغان بۇ بەيتىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئۆز قولىنى ئۇزاتقان ھەر پادىشاھ ۋە خەلقنى ھالاك قىلسۇن! مەن دارىيۇس بۇ بۇيرۇقنى چۈشۈردۈم. ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىڭلار».
 
پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى پۈتكۈزۈلىدۇ ۋە خۇداغا ئاتىلىدۇ
‏13 شۇنىڭ بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ۋىلايەتنىڭ باشلىقى تاتناي، شەتار-بوزناي ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى دارىيۇس پادىشاھ چىقارغان ھۆكۈمنى تېزلىك بىلەن ئىجرا قىلدى. ‏14 يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىدىن جۈرئەت تېپىپ، قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەمرى بويىچە ۋە كورەش، دارىيۇس ۋە پارس پادىشاھى ئارتاخشاستا بۇيرۇقى بويىچە ئىشلەپ، بەيتنى قايتىدىن قۇرۇپ بولدى. ‏15 دارىيۇس پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئالتىنچى يىلى ئادارنىڭ ئېيىدا بەيتنىڭ قۇرۇلۇشى تامام بولدى.
‏16 بەنى ئىسرائىل، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن باشقا كىشىلەر خۇدانىڭ بەيتىنىڭ خۇداغا ئاتاش مۇراسىمىنى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدى. ‏17 خۇدانىڭ بەيتىنىڭ خۇداغا ئاتاش مۇراسىمىدا ئۇلار يۈز بۇقا، ئىككى يۈز قوچقار ۋە تۆت يۈز قوزىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ ھەممە ئىسرائىل ئۈچۈن ئون ئىككى تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇندى. ‏18 ئۇلار يەنە مۇسانىڭ كىتابىدا پۈتۈلگىنى بويىچە كاھىنلارنى ئۆز نۆۋەتلىرى بويىچە ۋە لاۋىيلارنى ئۆز جەمەتلىرى بويىغە خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەيىنلىدى.
 
‏19 سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. ‏20 چۈنكى ھەممە كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىغانىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاك بولۇپ، بارلىق سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر، قېرىنداشلىرى بولغان كاھىنلار ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش قوزىلىرىنى سويدى. ‏21 سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللەر ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ناپاكلىقىدىن ئۆزىنى نېرى تۇتۇپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ يەھۇدىيلارغا قوشۇلغان ھەممە كىشىلەر شۇنىڭدىن يېيىشتى. ‏22 ئۇلار يەتتە كۈن خۇشاللىق بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئۇلارغا مايىل قىلغاچقا، ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى قايتىدىن قۇرغاندا ئۇلارنى قوللىغانىدى.