پارس پادىشاھى ئارتاخشاستا ئەزراغا يېرۇسالېمغا بېرىشنى بۇيرۇيدۇ
7
1 بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پارس پادىشاھى ئارتاخشاستا سەلتەنەت سۈرگەن دەۋردە ئەزرا بابىلدىن چىقتى. شۇ ئەزرا سەرايانىڭ ئوغلى، سەرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، 2 خىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم سادوكنىڭ ئوغلى، سادوك ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، 3 ئاخىتۇب ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا مەرايوتنىڭ ئوغلى، 4 مەرايوت زەراھيانىڭ ئوغلى، زەراھيا ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇققىنىڭ ئوغلى، 5 بۇققى ئابىشۇئانىڭ ئوغلى، ئابىشۇئا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلىئازارنىڭ ئوغلى، ئەلىئازار بولسا تۇنجى باش كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى. 6 شۇ ئەزرا بابىلدىن يولغا چىقتى. ئۇ كاتىپ بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەۋرات قانۇنىنى مۇكەممەل بىلگەن ئۇستاز ئىدى. ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇ نېمىنى تەلەپ قىلغان بولسا پادىشاھ شۇنى بەرگەنىدى. 7 ئارتاخشاستانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىلەن بىللە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرى، جۈملىدىن كاھىنلار، لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى يېرۇسالېمغا چىقتى. 8 ئەزرا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى بەشىنچى ئايدا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 9 بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئەزرا بابىلدىن يولغا چىقىپ، بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. چۈنكى خۇدانىڭ ياخشى قولى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى. 10 ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، ئىسرائىلغا قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى بىلدۈرۈپ تەلىم بېرەتتى.
11 ئارتاخشاستا پادىشاھنىڭ تەرىپىدىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بۇيرۇغان تەۋرات قانۇنىنىڭ سۆزلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئۇستازى بولغان كاھىن ئەزراغا بېرىلگەن خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
12 «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئارتاخشاستانىڭ تەرىپىدىن ئاسمانلارنىڭ خۇداسىنىڭ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۇستازى بولغان كاھىن ئەزراغا سالام. 13 مەن پادىشاھلىقىمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىل خەلقىدىن، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىيلىرىدىن يېرۇسالېمغا بارماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى سەن بىلەن بارسۇن دېگەن بۇيرۇق چۈشۈرىمەن. 14 چۈنكى سەن قولۇڭدىكى خۇدايىڭنىڭ قانۇنى بويىچە يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۈچۈن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يەتتە مەسلىھەتچىسىنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلىسەن. 15 سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېرۇسالېمدا ماكانى بولغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بارغايسەن. 16 شۇنىڭدەك بابىلنىڭ پۈتۈن ۋىلايىتىدە يىغىلىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، خەلق ۋە كاھىنلار ئۆز خۇداسىنىڭ يېرۇسالېمدا بولغان بەيتىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرگەن ھەدىيەلىرىگە قوشۇپ، ئۇ يەرگە ئېلىپ بارغايسەن. 17 سەن بۇ پۇللارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوچقار، قوزىلارنى ۋە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىگە لازىم بولىدىغىنىنى سېتىۋېلىپ، بۇلارنى خۇدايىڭلارنىڭ يېرۇسالېمدىكى بەيتىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلغايسەن. 18 ئېشىپ قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ خۇدايىڭلارنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىپ ھالدا خالىغىنىڭلارچە ئىشلەتكەيسىلەر. 19 خۇدايىڭنىڭ بەيتىدىكى ئىبادىتى ئۈچۈن ساڭا بېرىلگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمنىڭ خۇداسىنىڭ ئالدىغا قويغايسەن. 20 ئەمما خۇدايىڭنىڭ بەيتى ئۈچۈن بۇنىڭ ئۈستىدە ساڭا يەنە نېمە لازىم بولسا، ئۇنى پادىشاھنىڭ خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكەيسەن.
21 مەن ئارتاخشاستا پادىشاھ فىرات دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ھەممە خەزىنىچىلەرگە مۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرىمەنكى: ‹ئەرشلەرنىڭ خۇداسىنىڭ تەۋرات قانۇنى ئۇستازى بولغان كاھىن ئەزرا سىلەردىن نېمە سورىسا، شۇنى ئىككىلەنمەي ئادا قىلىڭلار. 22 يۈز تالانت كۈمۈش، يۈز كور بۇغداي، يۈز بات شاراب ۋە يۈز بات ياغقىچە لازىم بولسا، بېرىڭلار. تۇز بولسا چەكسىز بېرىلسۇن. 23 خۇدانىڭ غەزىپى پادىشاھ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستىگە چۈشمىسۇن دەپ، ئاسمانلارنىڭ خۇداسى نېمىنى بۇيرۇغان بولسا، شۇنى ئاسمانلارنىڭ خۇداسىنىڭ بەيتى ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ئادا قىلىڭلار. 24 سىلەرگە يەنە مەلۇم قىلىمىزكى، كاھىنلار، لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ بۇ بەيتىدە باشقا خىزمەت قىلىدىغانلاردىن خىراج ۋە ئالۋان-سېلىق ئېلىنمىسۇن›.
25 ئەمما سەن، ئەي ئەزرا، ئۆز خۇدايىڭنىڭ تەرىپىدىن ساڭا بېرىلگەن ھېكمەت بويىچە فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە خۇدايىڭنىڭ تەۋرات قانۇنىنى بىلىدىغان ھەممە خەلقنى باشقۇرۇپ، دەۋالىرىنى سوراش ئۈچۈن ھاكىملار ۋە سوراقچىلارنى تەيىنلىگەيسەن. كىمكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمىسە، ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويغايسەن. 26 كىمكى خۇدانىڭ قانۇنى ياكى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىگە رىئايە قىلمىسا، ئۇ ئۆلۈمگە، سۈرگۈنگە، جەرىمانە-مۇسادىرىگە ياكى قاماققا قەتئىي ھۆكۈم قىلىنسۇن».
27 يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە شان-شەرەپ بېرىدىغان نىيەتنى پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە سالغان ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي. 28 ئۇ مېنى پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋە پادىشاھنىڭ ھەممە كاتتا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈردى. پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ قولى مەن بىلەن بىللە بولغاچقا، مەن غەيرەتلىك بولۇپ، ئۆزۈم بىلەن بىللە يېرۇسالېمغا چىقىش ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنى يىغدىم.