ئەزرا بىلەن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى
8
1 ئارتاخشاستا پادىشاھ سەلتەنەت سۈرگەن دەۋردە بابىلدىن چىقىپ جەمەت باشلىقلىرى بولغانلارنىڭ نەسەبنامىلىرى تۆۋەندىكىچە: 2 پىنىخاسنىڭ ئەۋلادلىرىدىن گەرشوم، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن دانىيال، داۋۇدنىڭ ئەۋلادلىرىدىن خاتتۇش،
3 پاروسنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكانيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكاريا ۋە ئۇنىڭ بىلەن نەسەبنامىدە تىزىملەنگەن بىر يۈز ئەللىك ئەر كىشى،
4 پاخەت-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەراخيانىڭ ئوغلى ئەليەھوئېناي ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئىككى يۈز ئەر كىشى،
5 شەكانيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن ياخازىئەلنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈچ يۈز ئەر كىشى،
6 ئادىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبەد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەللىك ئەر كىشى،
7 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاتاليانىڭ ئوغلى يەشايا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەتمىش ئەر كىشى،
8 شېفاتيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىكائەلنىڭ ئوغلى زېباديا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەكسەن ئەر كىشى،
9 يوئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەخىئەلنىڭ ئوغلى ئوباديا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى يۈز ئون سەككىز ئەر كىشى،
10 شېلومىتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوسىفيانىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر يۈز ئاتمىش ئەر كىشى،
11 بېباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن بېباينىڭ ئوغلى زەكاريا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يىگىرمە سەككىز ئەر كىشى،
12 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاققاتاننىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر يۈز ئون ئەر كىشى،
13 ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەن ئادونىقامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەلىفېلەت، يەئىيەل ۋە شەمايا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئاتمىش ئەر كىشى،
14 ۋە بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي ۋە زاببۇد ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان يەتمىش ئەر كىشى.
يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىش
15 مەن ئۇلارنى ئاھاۋاغا ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىدا جەم قىلدىم. ئۇ يەردە بىز ئۈچ كۈنگىچە تۇرۇپ، چېدىر تىكتۇق. لېكىن مەن خەلقنى ۋە كاھىنلارنى تەكشۈرۈپ قارىسام، ئۇ يەردە لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىۋالدىم. 16 شۇڭا مەن باشلىقلاردىن ئەلىئەزەر، ئارىئەل، شەمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زەكاريا ۋە مەشۇللاملارنى، ھەم يويارىب ۋە ئەلناتان دېگەن دانالارنى چاقىرىپ، 17 ئۇلارنى كاسىفيا دېگەن جايدا باشلىق بولغان ئىددونىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ، ئىددو ئۆزىگە، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە كاسىفيادىكى ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىغا: ‹بىزگە خۇدايىمىزنىڭ بەيتىدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئادەملەرنى ئەۋەتكىن› دەيدىغان سۆزنى ئۇلارنىڭ ئېغزىغا سالدىم. 18 خۇدانىڭ ياخشى قولى بىزنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، ئۇلار بىزگە ئىسرائىلنىڭ ئەۋرىسى، لاۋىينىڭ نەۋرىسى بولغان ماخلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شېرەبيا ئىسىملىك ئەقىل-ئىدراكلىق بىر كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇنى ئۆزى ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە، جەمئىي ئون سەككىز كىشىنى، ئەۋەتتى. 19 شۇلاردىن باشقا يەنە خاشابيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەشايا ھەم ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى، يەنى يىگىرمە كىشىنى، 20 ۋە يەنە داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى لاۋىيلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەيىنلىگەن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىدىن ئىككى يۈز يىگىرمە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىمۇ ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسىملىرى بىلەن تىزىملانغانىدى.
21 خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى تۆۋەن تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىز، بالىلار ۋە مېلىمىز ئۈچۈن يولنى ئوچۇق قىلىشىنى تىلىشىمىز ئۈچۈن مەن ئاھاۋا دەرياسىنىڭ يېنىدىكىلەر روزا تۇتۇشقا چاقىردىم. 22 بىز پادىشاھقا: «خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۇنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇلارنى ئامان ساقلايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە غەزىپى ئۆزىنى تاشلىغانلارغا قارشىدۇر» دېگىنىمىز ئۈچۈن مەن يولدا بىزنى دۈشمەنلەردىن ساقلايدىغان پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى پادىشاھتىن سوراشتىن ئۇيالدىم. 23 شۇڭا بىز روزا تۇتۇپ، خۇدايىمىزغا شۇ ئىش توغرىسىدا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدۇق ۋە ئۇ دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلدى.
24 ئاندىن كېيىن مەن كاھىنلارنىڭ باشلىرىدىن ئون ئىككىنى، يەنى شېرەبيا، خاشابيانى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان قېرىنداشلىرىدىن ئون ئادەمنى تاللىدىم. 25 ئاندىن مەن پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇ يەردىكى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى خۇدايىمىزنىڭ بەيتى ئۈچۈن بەرگەن ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە قاچا-قۇچىلارنى تارازىدا تارتىپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم. 26 مەن ئۇلارغا ئالتە يۈز ئەللىك تالانت كۈمۈش، ئېغىرلىقى يۈز تالانت بولغان كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، يۈز تالانت ئالتۇن، 27 قىممىتى بىر مىڭ دارىك بولغان يىگىرمە ئالتۇن قەدەھ ۋە ئالتۇندەك قىممەت، پارقىرايدىغان ئېسىل مىستىن ياسالغان ئىككى تاۋاقنى تارازىدا تارتىپ، تاپشۇرۇپ بەردىم. ■ 28 مەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەسلەردۇرسىلەر، قاچا-قۇچىلارمۇ مۇقەددەستۇر ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىختىيارىي بېرىلگەن ھەدىيەلەردۇر. 29 سىلەر ھوشيار بولۇپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمدا كاھىنلارنىڭ باشلىرى، لاۋىيلار ۋە ئىسرائىلنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ھۇجرىلىرىدا تارازىدا تارتىپ، تاپشۇرۇپ بەرگۈچە ئوبدان ساقلاڭلار». 30 شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار ۋە لاۋىيلار يېرۇسالېمغا خۇدايىمىزنىڭ بەيتىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تارازىدا تارتىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە قاچا-قۇچىلارنى تاپشۇرۇۋالدى.
31 بىز بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى ئاھاۋا دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. خۇدايىمىزنىڭ قولى بىز بىلەن بىللە بولۇپ، بىزنى دۈشمەنلەر ۋە بۆكتۈرمىدە ياتقان قاراقچىلاردىن ساقلىدى. 32 بىز يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق. 33 تۆتىنچى كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە قاچا-قۇچىلارنى خۇدايىمىزنىڭ بەيتىدە تارازىدا تارتىلىپ، كاھىن ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرىموتقا تاپشۇرۇلدى. ئۇنىڭ يېنىدا پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ۋە يەنە لاۋىيلاردىن يەشۇئانىڭ ئوغلى يوزاباد ۋە بىننۇينىڭ ئوغلى نوئاديامۇ بار ئىدى. 34 ھەممە نەرسە سانىلىپ، تارازىدا تارتىلىپ، ئېغىرلىقى خەتلەپ قويۇلدى. 35 سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن ئون ئىككى تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ۋە توقسان ئالتە قوچقار، يەتمىش يەتتە ئەركەك قوزا ۋە ئون ئىككى تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئىدى. 36 ئۇلار پادىشاھنىڭ پەرمانىنى فىرات دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى پادىشاھنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ۋالىيلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل خەلقىگە خۇدانىڭ بەيتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ياردەمچى بولدى.