نەھەمىيا
نەھەمىيا بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ
1
‏1 خاكاليانىڭ ئوغلى نەھەمىيانىڭ سۆزلىرى بۇدۇر.
يىگىرمىنچى يىلى كىسلەۋ ئېيىدا مەن شۇشان قەلئەسىدە تۇرغىنىمدا، ‏2 ئۆز قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان خانانى بىرنەچچە ئادەم بىلەن يەھۇدىيەدىن كەلدى. مەن ئۇلاردىن سۈرگۈندىن قۇتۇلۇپ قالغان يەھۇدىيلار ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا سورىسام، ‏3 ئۇلار ماڭا جاۋاب بېرىپ: «سۈرگۈندىن قۇتۇلۇپ قېلىپ، يەھۇدىيە ۋىلايىتىدە تۇرغانلار ئېغىر قىيىنچىلىقلاردا ۋە خورلۇقتا ياشاۋاتىدۇ. يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى بولسا ئۆرۈۋېتىلدى ۋە ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلدى» دېدى.
‏4 مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم. بىرنەچچە كۈنگىچە قايغۇدا ئولتۇرۇپ، ئاسمانلارنىڭ خۇداسى ئالدىدا روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىپ، ‏5 مۇنداق دېدىم: «ئەي ئاسمانلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئەي ئۇلۇغ ۋە قورقۇنچلۇق خۇدا، سېنى سۆيۈپ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلغانلار ئۈچۈن ئەھدەڭدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارغا مەرھەمەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن. ‏6 ئەمدى سەن قۇلاق سېلىپ، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ، مەن خىزمەتكارىڭنىڭ ھېلى كېچە-كۈندۈز سېنىڭ ئالدىڭدا خىزمەتكارلىرىڭ بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىنى ئاڭلغايسەن. بىز، بەنى ئىسرائىل، ساڭا قارشى قىلغان گۇناھلارنى مەن ئىقرار قىلىمەن، چۈنكى ھەممىمىز، مەن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىمۇ گۇناھ قىلدۇق. ‏7 بىز ساڭا قارشى يامانلىق قىلدۇق، سېنىڭ ئۆز خىزمەتكارىڭ مۇسا ئارقىلىق ئەۋەتكەن بۇيرۇق، قانۇن ۋە ئەھكاملىرىڭغا ئەمەل قىلمىدۇق. ‏8 ئەمما سەن خىزمەتكارىڭ مۇساغا سۆز قىلىپ: ‹ئەگەر سىلەر ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلساڭلار، سىلەرنى ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن. ‏9 لېكىن سىلەر ماڭا قايتىپ كېلىپ، ئەمرلىرىمگە بويسۇنۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار، تارقىلىپ كەتكەنلىرىڭلار ئاسماننىڭ چېتىدە بولسىمۇ، مەن ئۇلارنى ئۇ يەردىن يىغىپ، ئۆز نامىمنى تىكلەش ئۈچۈن تاللىغان جايغا ئېلىپ كېلىمەن› دېگەن سۆزۈڭنى ياد ئەتكەيسەن. ‏10 ئۇلار سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ، سەن ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى ئىشلىتىپ كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن قۇتۇلدۇرغان خەلقىڭ ئەمەسمۇ؟ ‏11 ئەي ئىگەم، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئاسىغا ۋە چىن كۆڭۈل بىلەن نامىڭدىن قورقىدىغان خىزمەتكارلىرىڭنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن خىزمەتكارىڭنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، ئۇنى بۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرگەيسەن». چۈنكى مەن پادىشاھنىڭ ساقىيى ئىدىم.