يات خوتۇنلار قويۇپ بېرىلىدۇ
10
1 ئەزرا دۇئا قىلىپ، گۇناھىنى تونۇپ، خۇدانىڭ بەيتى ئالدىدا يىغلاپ ياتقاندا ئىسرائىل خەلقىدىن زور بىر تۈركۈم ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى. خەلقمۇ جان ئاچچىقى بىلەن يىغلاشتى. 2 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەخىئەلنىڭ ئوغلى شەكانيا ئەزراغا: «بىز خۇدايىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، بۇ زېمىندىكى يات خەلقلاردىن خوتۇن ئالدۇق. لېكىن مۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىل ئۈچۈن تېخى ئۈمىد بار. 3 شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خۇدايىمىز بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، خوجامنىڭ مەسلىھەتى ۋە ئىگىمىزنىڭ ئەمرلىرىدىن قورققان كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇنداق ئاياللار ۋە ئۇلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنى قويۇپ بېرەيلى. بۇ ئىش تەۋرات قانۇنى بويىچە قىلىنسۇن. 4 ئورنۇڭدىن تۇرغىن. مانا، بۇ ئىش ساڭا پەرزدۇر. بىز سېنى قوللايمىز. جۈرئەتلىك بولۇپ ئىشقا قوپقىن» دېدى.
5 شۇنىڭ بىلەن ئەزرا قوپۇپ، كاھىنلارنىڭ باشلىرى، لاۋىيلار ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى: «بۇ سۆز بويىچە قىلىمىز» دەپ قەسەم قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلار شۇنداق قىلىشقا قەسەم قىلدى. 6 ئاندىن ئەزرا خۇدانىڭ بەيتىنىڭ ئالدىدىن كېتىپ، ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يەھوخاناننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، سۈرگۈنلەرنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن غەم يېگەچكە، نانمۇ يېمىدى، سۇ مۇ ئىچمىدى. 7 ئاندىن ئۇلار يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە: «يېرۇسالېمدا جەم بولۇڭلار. 8 كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە كەلمىسە، باشلىقلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىغە ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى مۈسادىرە قىلىنىدۇ ۋە ئۆزى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ جامائىتىدىن ئايرىلىدۇ» دەپ ئېلان قىلدى.
9 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بەنيامىننىڭ ھەممە ئادەملىرى ئۈچ كۈن ئىچىدە جەم بولدى. توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى خەلقنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ بەيتىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانىغا كېلىپ، بۇ ئىشنىڭ ئەندىشىسىدىن ۋە قاتتىق يامغۇرنىڭ سەۋەبىدىن تىترىگەن ھالدا ئولتۇرۇشتى. 10 كاھىن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا: «سىلەر ۋاپاسىزلىق قىلىپ، يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇڭلار. 11 لېكىن ئەمدى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇنى ئىقرار قىلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈڭلار. يەرلىك يات خەلقلەر ۋە بۇ يات خەلقلەردىن ئالغان خوتۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭلار».
12 پۈتۈن جامائەت ئۈنلۈك ئاۋازدا جاۋاب بېرىپ: «ساڭا قوشۇلىمىز، سەن ئېيتقاندەك قىلىشىمىز كېرەك. 13 لېكىن خەلق كۆپ، ھەم قاتتىق يامغۇر ياغقاچقا، تالادا تۇرالمايمىز. ئارىمىزدا بۇ مەسىلىدە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر كۆپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىش بىر ياكى ئىككى كۈندە تۈگىمەيدۇ. 14 باشلىقلىرىمىز پۈتۈن جامائەت ئۈچۈن بۇ ئىشقا مەسئۇل بولسۇن ۋە شەھەرلىرىمىزدە يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ھەرقايسى شەھەردىكى ئاقساقاللار ۋە ھاكىملار بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلسۇن. خۇدانىڭ شۇ ئىش توغرىسىدا قوزغالغان قەھر-غەزىپى بىزدىن ياندۇرۇلغۇچە شۇنداق قىلىپ تۇرسۇن» دېدى.
15 پەقەت ئاسائەلنىڭ ئوغلى يوناتان ۋە تىقۋانىڭ ئوغلى ياخزيا بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتتى. مەشۇللام ۋە لاۋىيلاردىن بولغان شاببىتاي ئۇلارنى قوللىدى.
16 لېكىن سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر بۇيرۇلغاندەك قىلدى. كاھىن ئەزرا ۋە جەمەتلەرنىڭ بىرنەچچە باشلىقلىرى ئۆز جەمەتلىرى بويىچە تەيىنلىنىپ، بۇ ئىشقا ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسىملىرى بويىچە تىزىملاندى. ئۇلار ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە ئولتۇردى. 17 ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەرنىڭ سورىقىنى تۈگىتىپ بولدى. 18 كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئارىسىدا يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلار تۆۋەندىكىلەر: يوساداقنىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مائاسېيا، ئەلىئەزەر، يارىب ۋە گېداليا. 19 ئۇلار: «خوتۇنلىرىمىزنى قويۇپ بېرىمىز» دەپ قول بېرىشىپ، گۇناھى ئۈچۈن بىر قوچقارنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇندى.
20 ۋە يەنە: ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن خانانى بىلەن زېباديا،
21 خارىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مائاسېيا، ئەلىيا، شەمايا، يەخىئەل ۋە ئۇززىيا،
22 پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليوئېناي، مائاسېيا، يىسمائەل، نەتانەل، يوزاباد ۋە ئەلاسا،
23 لاۋىيلاردىن يوزاباد، شىمەي، قېلايا، قېلىتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، پەتاخيا، يەھۇدا ۋە ئەلىئەزەر،
24 نەغمىچىلەردىن ئەلياشىب ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن: شاللۇم، تېلەم ۋە ئۇرى.
25 قالغان ئىسرائىل خەلقىدىن: پاروسنىڭ ئەۋلادلىرىدىن راميا، يىززىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلىئازار، مالكىيا ۋە بەنايا،
26 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتانيا، زەكاريا، يەخىئەل، ئابدى، يەرىموت ۋە ئەلىيا،
27 زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليوئېناي، ئەلياشىب، ماتتانيا، يەرىموت، زاباد ۋە ئازىزا،
28 بېباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھوخانان، خانانيا، زەبەدىي ۋە ئاتلاي،
29 بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشۇللام، ماللۇك، ئادايا، ياشۇب، شېئال ۋە راموت،
30 پاخەت-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئادنا، كەلال، بەنايا، مائاسېيا، ماتتانيا، بېزالەل، بىننۇي ۋە ماناسسە،
31 خارىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەلىئەزەر، يىشىيا، مالكىيا، شەمايا، شىمون، 32 بەنيامىن، ماللۇك ۋە شەماريا،
33 خاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتەناي، ماتاتا، زاباد، ئەلىفېلەت، يەرەماي، ماناسسە ۋە شىمەي،
34 بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مائاداي، ئامرام، ئۇئەل، 35 بەنايا، بېدىيا، كەلۇھ، 36 ۋانيا، مەرىموت، ئەلياشىب، 37 ماتتانيا، ماتتەناي، يائاسۇ، 38 بانى، بىننۇي، شىمەي، 39 شېلەميا، ناتان، ئادايا، 40 ماكنادباي، شاشاي، شاراي، 41 ئازارەل، شېلەميا، شەماريا، 42 شاللۇم، ئاماريا، ۋە يۈسۈپ،
43 نېبونىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەئىيەل، ماتىتيا، زاباد، زەبىنا، يىددو، يوئەل ۋە بەنايا.
44 بۇلارنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانىدى ۋە بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن پەرزەنت كۆرگەنىدى.
تەۋرات دەۋرىنىڭ تارىخىنى كۆرسىتىدىغان خەرىتە