ئەزرا ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇپ دۇئا قىلىدۇ
9
‏1 بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن يەھۇدىي باشلىقلار مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ: «ئىسرائىل خەلقى، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار يەرلىك خەلقلەردىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتماي، بەلكى كەنئانلار، ھېتىتلار، پەرىززىيلەر، يەبۇسىيلار، ئاممونىيلار، موئابىيلار، مىسىرلىقلار ۋە ئامورىيلارنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن. ‏2 ئۇلار ئۆزلىرىگە ۋە ئوغۇللىرىغا بۇ خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئېلىپ، مۇقەددەس ئۇرۇقنى يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئارىلاشتۇرغان. بۇنىڭ ئۈستىگە باشلىقلار ۋە ئەمەلدارلار بۇ ۋاپاسىزلىقتا باشلامچى بولدى» دېدى.
‏3 مەن بۇنى ئاڭلىغاندا كۆينەك ۋە تونۇمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ، ھاڭ-تاڭ بولۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ‏4 ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ ھەممىسى سۈرگۈنلەرنىڭ يامان ئىشلىرى تۈپەيلىدىن يېنىمغا يىغىلدى. مەن ئاخشاملىق قۇربانلىقنىڭ ۋاقتىغىچە ھاڭ-تاڭ بولۇپ ئولتۇردۇم. ‏5 لېكىن ئاخشاملىق قۇربانلىق ۋاقتىدا مەن ھەسرەتلەنگەن ھالدا ئولتۇرغان ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كۆينەك ۋە تونۇم يىرتىق ھالدا تىزلىرىمنى پۈكۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمغا قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ،
‏6 مۇنداق دۇئا قىلدىم: ئەي خۇدايىم، مەن قاتتىق خىجالەتتە قېلىپ، يۈزۈمنى سېنىڭ تەرىپىڭگە كۆتۈرۈشتىن ئۇيالىمەن. ئەي خۇدايىم، مانا، گۇناھلىرىمىز باشلىرىمىزدىن ئاشتى، خاتالىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى. ‏7 ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ياشاپ كەلدۇق. گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە كاھىنلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندىكىدەك يات پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىلىچقا، ئەسىرلىككە، تالان-تاراجغا ۋە شەرمەندىلىككە تاپشۇرۇلدۇق. ‏8 لېكىن خۇدايىمىز بىر قىسمىمىزنى سۈرگۈندىن قۇتقۇزۇپ، ئۆز مۇقەددەس جايىدا بىزگە بىر ماكان بېرىپ، كۆزلىرىمىزنى يورۇتۇپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە ئازغىنە ئارام بېرىش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بىر مەزگىل مەرھەمەت كۆرسەتتى.    ‏9 مانا، بىز قۇلدۇرمىز، لېكىن خۇدايىمىز قۇللۇقىمىزدا بىزنى قويماي، بەلكى پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا بىزنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈردى. شۇنداقكى، ئۇلار بىزنى خۇدايىمىزنىڭ بەيتىنى قايتىدىن ياساپ، خارابىلىكلىرىنى ئوڭلاشقا ۋە يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ئۆزىمىزگە بىر پاناھگاھ راسلاشقا روھلاندۇردى.
‏10 لېكىن ئەمدى، ئەي خۇدايىمىز، يەنە نېمە ئېيتايلى؟ سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى تاشلىۋەتتۇق ئەمەسمۇ؟ ‏11 سەن بۇ ئەمرلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بېرىپ، مۇنداق دېگەنىدىڭ: ‹سىلەر ئۇنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن بارىدىغان زېمىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ ناپاكلىقى ۋە قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى بىلەن ناپاك بولغان بىر زېمىندۇر. ئۇلار ئۆز ناپاكلىقى بىلەن ئۇنى بىر چەتتىن يەنە بىر چېتىگىچە تولدۇرۇۋەتتى.   
‏12 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئۆز ئوغۇللىرىڭلارغا خوتۇنلۇققا ئالماڭلار. سىلەر كۈچلۈك بولۇپ، يۇرتنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىدىن يەپ، زېمىنى ئەبەدكىچە ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قالدۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇ خەلقلەرنىڭ ئامانلىقى ۋە ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئىزدىمەڭلار›.
‏13 ئەمدى بىزنىڭ قىلغان يامان قىلمىشلىرىمىز ۋە ئېغىر گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بۇ ھەممە بالا-قازا بېشىمىزغا كەلدى. لېكىن سەن، ئەي خۇدايىمىز، بىزنى ئاياپ، يامان قىلمىشلىرىمىزغا يارىشا جازا بەرمىدىڭ ۋە بۈگۈن مەلۇم بولغاندەك بىر قىزمىمىزنى سۈرگۈندىن قۇتقۇزۇپ ئامان ساقلىدىڭ. ‏14 بىز ئەمدى سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغان خەلق بىلەن نىكاھلانساق بولامدۇ؟ شۇنداق قىلساق سەن بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، بىزدىن ھېچكىم قالمىغۇدەك بىزنى يوقاتمامسەن؟ ‏15 ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، سەن ئادىلدۇرسەن. چۈنكى بۈگۈن مەلۇم بولغاندەك ئاران بىر قىسمىمىز قۇتۇلۇپ قالدۇق. مانا، ئەمدى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكار بولۇپ، شۇ ئىشلار ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرالمايمىز».