ئەستەر
پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ چوڭ زىياپىتى
1
‏1 ھىندىستاندىن تارتىپ كۇشقىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ۋىلايەتكە پادىشاھ بولغان ئاخاشۋېروشنىڭ كۈنلىرىدە شۇنداق بولدىكى، ‏2 ئاخاشۋېروش شۇشان قەلئەسىدە ئۆز پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، ‏3 ئۇ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا ھەممە ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت بەردى. پارس بىلەن مېدىيانىڭ قوشۇن سەردارلىرى، ۋىلايەتلەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر بولدى. ‏4 ئۇ ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئۇلارغا سەلتەنىتىنىڭ شان-شەرىپى ۋە بايلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇلۇغ دەبدەبىسىنىڭ شەۋكىتىنى بىر يۈز سەكسەن كۈنگىچە نامايان قىلدى. ‏5 بۇ كۈنلەر تامام بولغاندا، پادىشاھ شۇشان قەلئەسىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەملەرگە ئوردىنىڭ بېغىدىكى ھويلىدا يەتتە كۈنگىچە زىياپەت بەردى. ‏6 ئۇ يەر مەرمەر تېشىدىن ياسالغان تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن كۈمۈش تاياقلارغا ئاق كەندىر يىپ ۋە سۆسۈن يىپلار ئارقىلىق ئېسىلغان ئاق، يېشىل ۋە كۆك رەڭلىك پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن ئىدى. قاشتېشى، ئاق مەرمەر، گۆھەردەك پارقىرىدىغان تاش ۋە قارا مەرمەردىن ياسالغان مەيداندا ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغانىدى. ‏7 ئىچكۈلۈك بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ئالتۇن قەدەھلەرگە قۇيۇلدى ۋە شاھانە شاراب پادىشاھقا يارىشا مول ئىدى. ‏8 ئەمما شاراب ئىچىشنىڭ قائىدىسى بويىچە ھېچ كىشى زورلانمايتتى، چۈنكى پادىشاھ ئوردا خىزمەتكارلىرىغا: «ھەربىرىنىڭ خاھىشى بويىچە قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى. ‏9 خانىش ۋاشتىمۇ ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن بىر زىياپەت بەردى.
 
مەلىكە ۋاشتىدىن مەلىكە مەرتىۋىسى ئېلىنىدۇ
‏10 يەتتىنچى كۈنى ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ كۆڭلى شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا ئۇ ئۆز ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىپ تۇرغان مەھۇمان، بىزتا، خاربونا، بىگتا، ئاباگتا، زېتار ۋە كاركاس دېگەن يەتتە ئوردا ئەمەلدارىغا: ‏11 «خانىش ۋاشتىنى شاھانە تاج كىيدۈرۈپ، خەلق ۋە ئەمەلدارلارغا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى ئۇ كۆرۈنۈشكە چىرايلىق ئىدى. ‏12 لېكىن خانىش ۋاشتىغا ئوردا ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق پادىشاھنىڭ ئەمرى يەتكۈزۈلگەندە، ئۇ كەلگىلى ئۇنىمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، غەزىپى ئۆرلەپ كەتتى. ‏13 پادىشاھنىڭ بىر ئىشى بولغاندا، قانۇن ۋە ھۆكۈم بىلگۈچىلەردىن مەسلىھەت سوراش ئادىتى بار ئىدى، شۇڭا پادىشاھ ئۇ زامانكى ۋەزىيەتلەرنى ياخشى بىلىدىغان دانىشمەنلەردىن، ‏14 يەنى پادىشاھنىڭ يۈزىنى دائىم كۆرىدىغان، پادىشاھلىقتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان كارشنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسىنا ۋە مەموكان ئىسىملىك يەتتە پارس بىلەن مېدىيانىڭ كاتتا ئەمەلدارلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى. ‏15 ئۇ ئۇلاردىن «خانىش ۋاشتى مەنكى ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرىم ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئەمرىم بويىچە ئىش قىلمىغىنى ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا نېمە قىلىش لازىم بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. ‏16 ئۇ ۋاقىتتا مەموكان پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدا مۇنداق دېدى: «خانىش ۋاشتى پەقەت پادىشاھ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەممە ئەمىرلەر ئالدىدا، شۇنداقلا ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ ھەممە ۋىلايەتلىرىدىكى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى. ‏17 چۈنكى ھەممە ئاياللارغا: ‹ئاخاشۋېروش پادىشاھ: «خانىش ۋاشتىنى ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ بۇيرۇغىنىدا ئۇ كەلگىلى ئۇنىمىدى› دېگەن خەۋەر تارقالسا، خانىشنىڭ بۇ قىلغان ئىشى ئۇلارنىڭ ئۆز ئەرلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ‏18 دەرۋەقە بۈگۈن پارس بىلەن مېدىيانىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ خانىملىرى خانىشنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاڭلاپ قېلىپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا ئوخشاش سۆزلەشكە باشلىسا، بۇ ئىشتىن كۆپ ھاقارەت ۋە خاپىلىق چىقىدۇ. ‏19 ئەگەر پادىشاھ مۇۋاپىق كۆرسە، ئۇ پارس بىلەن مېدىيانىڭ قانۇنلىرى ئىچىگە پۈتۈلۈپ ئۆزگەرتىلمەيدىغان بىر پادىشاھلىق پەرماننى چىقارتقاي. ۋاشتى ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە كەلمىسۇن ۋە ئۇنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرىگە بېرىلسۇن. ‏20 پادىشاھنىڭ بۇ چىقىرىدىغان پەرمانى ئۇنىڭ چوڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئېلان قىلىنغاندا ھەممە ئاياللار، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن ئۆز ئەرلىرىگە لايىق ھۆرمەت-ئىززەت كۆرسىتىدىغان بولىدۇ». ‏21 پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ سۆزنى خۇش كۆردى. شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ مەموكاننىڭ ئېيتقىنىدەك قىلىپ، ‏22 پادىشاھلىقنىڭ ھەممە ۋىلايەتلىرىگە، ھەربىر ۋىلايەتكە ئۇنىڭ ئۆز يېزىقىدا، ھەربىر خەلققە ئۇنىڭ ئۆز تىلىدا: «ھەربىر ئەر كىشى ئۆز ئۆيىنىڭ خوجايىنى بولسۇن ۋە ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىسۇن» دېگەن پەرمان چۈشۈردى.