نەھەمىيانىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش غەيرىتى
13
1 ئۇ كۈندە مۇسانىڭ كىتابى خەلققە ئوقۇلدى. ئۇنىڭدا: «ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. 2 چۈنكى ئۇلار يېمەكلىك ۋە سۇ ئېلىپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا چىقماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن بىلېئامنى ياللىدى. لېكىن خۇدايىمىز بۇ لەنەتنى بەرىكەتكە ئايلاندۇردى» دەپ يېزىلغان سۆز چىقىپ قالدى. 3 ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىغان ھامان، ھەممە ئارىلاش يات كىشىلەرنى ئىسرائىل جامائىتى ئىچىدىن چىقىرىۋەتتى. 4 لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن توبىيانىڭ تۇغقىنى بولغان، خۇدايىمىزنىڭ بەيتىنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرغۇچىسى كاھىن ئەلياشىب 5 توبىياغا چوڭ بىر ئۆينى ھازىرلاپ بەرگەنىدى. شۇ ئۆيدە ئىلگىرى ئاشلىق ھەدىيەلىرى، مەستىكى، قاچا-قۇچىلار، ھەمدە لاۋىيلار، نەغمىچىلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە بېرىلىدىغان بۇغداي، يېڭى شاراب ۋە ياغنىڭ ئوندىن بىرى، شۇنداقلا كاھىنلارنىڭ ئۈلۈشى بولغان كۆتۈرمە ھەدىيەلەر قويۇلاتتى.
6 لېكىن مەن ئۇ ۋاقىتتا يېرۇسالەمدە ئەمەس ئىدىم، چۈنكى مەن بابىل پادىشاھى ئارتاخشاستانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى پادىشاھنىڭ يېنىغا كەتكەنىدىم. ئەمما بىرنەچچە ۋاقىتتىن كېيىن پادىشاھتىن رۇخسەت ئېلىپ، 7 يېرۇسالېمغا كەلسەم، ئەلياشىبنىڭ توبىيا ئۈچۈن خۇدانىڭ بەيتىنىڭ ھويلىسىدا بىر ئۆينى ھازىرلاپ بەرگىنى بىلەن قانداق يامانلىق قىلغىنىنى ئۇقۇپ قالدىم. 8 بۇ ئىشقا مەن بەكمۇ ئاچچىقلىنىپ، توبىيانىڭ بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپ تالاغا تاشلىدىم. 9 مەن بۇ ئۆيلەرنى پاكلاشنى بۇيرۇدۇم، ئاندىن خۇدانىڭ بەيتىنىڭ قاچا-قۇچىلىرى، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە مەستىكىنى ئۇ يەرگە قايتا ئېلىپ كىردىم.
10 لاۋىيلارغا تېگىشلىك ئۈلۈشى بېرىلمىگەچكە، خىزمەتتە تۇرغان لاۋىيلار ۋە نەغمىچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېتىزلىقىغا قېچىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلىپ قالدىم. 11 شۇڭا مەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلاپ: «نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ بەيتى تاشلىنىپ قالدى» دېدىم. مەن لاۋىيلارنى يىغىپ، يەنە ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنىغا قويدۇم. 12 شۇنىڭ بىلەن بارلىق يەھۇدىيلار بۇغداي، يېڭى شاراب ۋە ياغنىڭ ئوندىن بىرىنى يەنە ئامبارلارغا ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. 13 ئاندىن كېيىن مەن كاھىن شېلەميا، كاتىپ سادوق ۋە لاۋىيلاردىن بولغان پەدايانى ئامبارلارغا مەسئۇل قىلىپ، ماتتانيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى خاناننى ئۇلارغا ياردەمچى قىلىپ تەيىنلىدىم، چۈنكى ئۇلار ئىشەنچلىك كىشىلەر ئىدى. قېرىنداشلىرىغا تېگىشلىك ئۈلۈشلەرنى بېرىش ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى.
14 بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي خۇدايىم، مېنى ياد ئېتىپ، ئۆز خۇدايىمنىڭ بەيتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرىمنى ئۇنتۇمىغىن.
15 ئۇ كۈنلەردە مەن قاراپ باقسام، ئۇلارنىڭ شابات كۈنىدە شاراب كۆلچىكىدە ئۈزۈم دەسسىۋاتقىنىنى، ئېشەكلەرگە ئاشلىق ئارتىپ ئۆيگە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شابات كۈنىدىمۇ شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەر خىل يۈكلەرنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار بۇ يېمەكلىكلەرنى سېتىۋاتقان كۈنى ئۇلارنى ئەيىبلىدىم. 16 ئۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق تىرلىقلارمۇ بېلىق ۋە ھەر خىل نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، شابات كۈنىدە يەھۇدىيلارغا، ھەتتا يېرۇسالېمدىمۇ ساتىدىكەن. 17 بۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەھۇدىيەنىڭ ئېسىلزادىلىرىنى ئەيىبلەپ: «نېمە ئۈچۈن مۇنداق سەت ئىشنى قىلىپ، شابات كۈنىنى بۇلغىدىڭلار؟ 18 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن خۇدا بىز بىلەن بۇ شەھەرنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەممە بالايىئاپەتنى كەلتۈردى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى سىلەر شابات كۈنىنى بۇلغاپ، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە تېخى چوڭ غەزەپ قوزغايسىلەر ئەمەسمۇ؟» دېدىم.
19 مەن شابات كۈنىنىڭ باشلىنىشىدىن ئاۋۋال كۈن پéتىپ، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىغا سايە چۈشكەن چاغدا دەرۋازىلارنى تاقاشنى ۋە شابات كۈنى ئۆتۈپ بولمىغۇچە ئاچماسلىقنى بۇيرۇدۇم. شابات كۈنىدە ھېچبىر يۈك كىرگۈزۈلمىسۇن دەپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىمنى دەرۋازىلارغا قويدۇم. 20 شۇنداق قىلسام، سودىگەرلەر ۋە ھەر خىل مال-تاۋار ساتقۇچىلار بىر-ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا قونۇپ قالدى. 21 ئەمما مەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «نېمىشقا سېپىلنىڭ ئالدىدا قونىسىلەر؟ ئەگەر يەنە بىر قېتىم شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرگە قولۇمنى سالىمەن» دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار شابات كۈنىدە يەنە كەلمىدى.
22 مەن لاۋىيلارغىمۇ سۆز قىلىپ: «ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، شابات كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كېلىپ، دەرۋازىلاردا قاراۋۇللۇق قىلىڭلار» دېدىم.
ئەي خۇدايىم، بۇ ئىش ئۈچۈنمۇ مېنى ياد ئەتكىن، زور مېھىر-شەپقىتىڭدە ماڭا رەھىم قىلغىن.
23 ئۇ كۈنلەردە مەن شۇنىمۇ كۆردۈمكى، بەزى يەھۇدىي كىشىلەر ئاشدودلۇقلاردىن، ئاممونىيلاردىن ۋە موئابىيلاردىن خوتۇن ئالغانىدى. 24 ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك يەھۇدىي تىلىدا تۈز گەپ قىلالماي، يېرىمچە ئاشدودچە ياكى باشقا خەلقلەرنىڭ تىلىدا سۆزلەيتتى. 25 بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، لەنەت ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى ئۇرۇپ، چاچلىرىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارغا: «سىلەر قىزلىرىڭلارنى ھەرگىز ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭلار ياكى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەرگىز خوتۇنلۇققا ئالمايسىلەر» دەپ، ئۇلارنى شۇ توغرىسىدا خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزدۈم. 26 مەن ئۇلارغا: «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان مۇشۇنداق ئىشنىڭ سەۋەبىدىن گۇناھقا چۈشۈپ قالغان ئەمەسمۇ؟ ئەللەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئوخشىشى بولمىغان. ئۇ خۇداسىنىڭ ئامرىقى بولۇپ، خۇدا ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلىپ قويغان. بىراق شۇنداق بولسىمۇ، يات خەلقلاردىن بولغان ئاياللار ئۇنى ئازدۇرۇپ گۇناھقا پاتۇرۇپ قويدى! 27 ئەمدى بىز سىلەرنىڭ يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، چوڭ يامانلىق قىلغىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، جىم تۇرامدۇق؟» دېدىم.
28 باش كاھىن ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يويادانىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى خورونىيلاردىن بولغان سانبالاتنىڭ كۈيئوغلى ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنى يېنىمدىن قوغلىۋەتتىم.
29 ئەي خۇدايىم، ئۇلار كاھىنلىقنى ھەمدە كاھىنلىققا ۋە لاۋىيلارغا تېگىشلىك ئەھدىنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇلارنى يادىڭدا تۇتقىن.
30 بۇ تەرىقىدە مەن ئۇلارنى يات خەلقلەرنىڭ ناپاكلىكىدىن پاكلىدىم ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، ھەربىرىنى ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىدىم. 31 مەن يەنە بېكىتىلگەن ۋاقىتلاردا ئوتۇنلارنىڭ ۋە دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەلىرىنىڭ ئېلىپ كېلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم.
ئەي خۇدايىم، مېنى ياد ئېتىپ، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.