زەرۇبابەل بىلەن قايتىپ كېلگەن كاھىنلار ۋە لاۋىيلار
12
1 شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەن كاھىنلار ۋە لاۋىيلار تۆۋەندىكىلەر: كاھىنلاردىن: سەرايا، يەرەمىيا، ئەزرا، 2 ئاماريا، ماللۇك، خاتتۇش، 3 شەكانيا، رېخۇم، مەرىموت، 4 ئىددو، گىننىتو، ئابىيا، 5 مىيامىن، مائاديا، بىلگا، 6 شەمايا، يويارىب، يەدايا، 7 ساللۇ، ئاموق، خىلقىيا ۋە يەدايا.
بۇلار يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدە كاھىنلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.
8 لاۋىيلاردىن: يەشۇئا، بىننۇي، قادمىئەل، شېرەبيا، يەھۇدا ۋە ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە مەدھىيە ئوقۇشنى يېتەكلەيدىغان ماتتانيا.
9 ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى باقبۇقيا ۋە ئۇننى ئىبادەتتە ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپ نۆۋەت بىلەن خىزمەت قىلاتتى.
10 باش كاھىن يەشۇئادىن يوياقىم تۆرەلدى، يوياقىمدىن ئەلياشىب تۆرەلدى، ئەلياشىبتىن يويادا تۆرەلدى. 11 يويادادىن يوناتان تۆرەلدى، يوناتاندىن ياددۇئا تۆرەلدى.
12 تۆۋەندىكىلەر يوياقىمنىڭ كۈنلىرىدە كاھىنلارنىڭ جەمەتلىرىگە باشلىق بولغانلار: سەرايانىڭ جەمەتىگە مەرايا، يەرەمىيانىڭ جەمەتىگە خانانيا، 13 ئەزرانىڭ جەمەتىگە مەشۇللام، ئاماريانىڭ جەمەتىگە يەھوخانان، 14 ماللۇقنىڭ جەمەتىگە يوناتان، شېبانيانىڭ جەمەتىگە يۈسۈپ، 15 خارىمنىڭ جەمەتىگە ئادنا، مەرايوتنىڭ جەمەتىگە خەلقاي، 16 ئىددونىڭ جەمەتىگە زەكاريا، گىننىتوننىڭ جەمەتىگە مەشۇللام، 17 ئابىيانىڭ جەمەتىگە زىكرى، مىنيامىن جەمەتىگە، موئاديانىڭ جەمەتىگە پىلتاي، ■ 18 بىلگانىڭ جەمەتىگە شامۇئا، شەمايانىڭ جەمەتىگە يەھوناتان، 19 يويارىبنىڭ جەمەتىگە ماتتەناي، يەدايانىڭ جەمەتىگە ئۇززى، 20 ساللاينىڭ جەمەتىگە قاللاي، ئاموقنىڭ جەمەتىگە ئېبەر، 21 خىلقىيانىڭ جەمەتىگە خاشابيا ۋە يەدايانىڭ جەمەتىگە نەتانەل باشلىق ئىدى.
22 ئەلياشىب، يويادا، يوخانان ۋە ياددۇئانىڭ كۈنلىرىدە لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىگە باشلىق بولغان كىشىلەر تىزىمغا ئېلىنغانىدى. پارس پادىشاھى دارىيۇسنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ۋاقتىدا كاھىنلارمۇ تىزىمغا ئېلىنغانىدى. 23 لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىگە باشلىق بولغانلار ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يوخاناننىڭ كۈنلىرىگىچە تارىخ كىتابىدا تىزىملەنگەنىدى.
24 لاۋىيلارنىڭ باشلىقلىرى خاشابيا، شېرەبيا ۋە قادمىئەلنىڭ ئوغلى يەشۇئا بولۇپ، ئىبادەتتە ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇدنىڭ ئەمرى بويىچە نۆۋەتلىشىپ مەدھىيە ئوقۇپ شۈكۈر ئېيتىشاتتى.
25 دەرۋازىلارنىڭ يېنىدىكى خەزىنىلەرگە قارايدىغان دەرۋازىۋەنلەر ماتتانيا، باقبۇقيا، ئوباديا، مەشۇللام، تالمون ۋە ئاققۇب ئىدى. 26 بۇ كىشىلەر يوساداقنىڭ نەۋرىسى، يەشۇئانىڭ ئوغلى يوياقىمنىڭ كۈنلىرىدە، ھەم نەھەمىيا ۋالىي ۋە تەۋرات ئۇستازى كاھىن ئەزرانىڭ كۈنلىرىدە خىزمەتتە تۇراتتى.
يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى خۇداغا بېغىشلاش
27 يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى خۇداغا بېغىشلاش ۋاقتى كەلگەندە، لاۋىيلار تۇرغان جايلىرىدىن ئىزدەپ چاقىرىلىپ، خۇشاللىق ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ناخشا ئېيتىپ، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىپ سېپىلنى بېغىشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كەلتۈرۈلدى. ■ 28 نەغمىچىلەر يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن ۋە نەتوفاتىيلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىن، 29 بەيت-گىلگالدىن، گېبا ۋە ئازماۋەتكە تەۋە ئېتىزلىقلاردىن كېلىپ يىغىلدى، چۈنكى نەغمىچىلەر يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا ئۆزلىرىگە يېزا-كەنتلەر قۇرغانىدى. 30 كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىغاندىن كېيىن خەلقنى پاكلىدى، ئاندىن دەرۋازىلار ۋە سېپىلنىمۇ پاكلىدى.
31 مەن يەھۇدىيدىكى خەلقئىمىزنىڭ باشلىقلىرىنى سېپىلنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىققاندىن كېيىن شۈكۈر-مەدھىيە ئوقۇيدىغان ئىككى چوڭ نەغمىچىلەر توپىنى ئۇيۇشتۇردۇم. بىر توپ سېپىلنىڭ ئۈستىدە ئوڭ تەرەپكە، قىغ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى. 32 ئۇلارنىڭ كەينىدىن ھوشايا ۋە يەھۇدانىڭ باشلىقلىرىنىڭ يېرىمى ماڭدى. 33 يەنە ئازاريا، ئەزرا، مەشۇللام، 34 يەھۇدا، بەنيامىن، شەمايا ۋە يەرەمىيامۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. 35 قوللىرىدا كاناي تۇتقان بىرنەچچە كاھىن زەكاريا بىلەن ماڭدى. زەكاريا يوناتاننىڭ ئوغلى، يوناتان شەمايانىڭ ئوغلى، شەمايا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى. 36 ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان شەمايا، ئازارەل، مىلالاي، گىلالاي، مائاي، نەتانەل، يەھۇدا ۋە خانانى خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇدنىڭ سازلىرىنى قوللىرىدا تۇتۇپ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ماڭدى. ■ 37 ئۇلار بۇلاق دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدىن ئۇدۇل مېڭىپ، داۋۇدنىڭ شەھىرىنىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ، داۋۇدنىڭ ئوردىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئېگىز تامدىن ئۆتۈپ، شەرق تەرەپتىكى سۇ دەرۋازىسىغا كەلدى.
38 شۈكۈر-مەدھىيەلەر ئوقۇيدىغان ئىككىنچى نەغمىچىلەر توپى باشقا تەرەپكە ماڭدى. مەن ۋە جامائەتنىڭ قالغان يېرىمى ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلار سېپىل ئۈستىدە يۈرۈپ، تونۇرلار مۇنارىدىن ئۆتۈپ، كەڭ سېپىلغىچە مېڭىپ، 39 ئاندىن ئەفرائىم دەرۋازىسى بىلەن كونا دەرۋازا ۋە بېلىق دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ، خانانەئەل مۇنارى ۋە مېئاھ مۇنارىدىن ئۆتۈپ، قوي دەرۋازىسىغىچە مېڭىپ، زىندان دەرۋازىسىغا كېلىپ توختىدى.
40 ئاندىن كېيىن شۈكۈر-مەدھىيەلەر ئوقۇيدىغان ئىككى توپ نەغمىچىلەر خۇدانىڭ بەيتىگە يېتىپ كىرىپ ئورۇن ئالدى. مەن ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان ئەمەلدارلارنىڭ يېرىمىمۇ كىرىپ ئورۇن ئالدۇق. 41 كاھىنلاردىن قوللىرىدا كاناي تۇتقان ئېلياقىم، مائاسېيا، مىنيامىن، مىكايا، ئەليوئېناي، زەكاريا ۋە خانانيا، 42 ۋە يەنە مائاسېيا، شەمايا، ئەلىئازار، ئۇززى، يەھوخانان، مالكىيا، ئېلام ۋە ئېزەرمۇ ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. نەغمىچىلەر يىزراخيانىڭ باشلامچىلىقىدا يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشتى.
43 ئۇ كۈنى خەلق نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى سۇندى. خۇدا ئۇلارغا چوڭ خۇشاللىق ئاتا قىلغاچقا، ئۇلار شادلاندى، ئاياللار ۋە بالىلارمۇ شادلاندى. شۇنداقكى، يېرۇسالېمدىكى بۇ خۇشاللىق ئاۋازى يىراق-يىراقلارغا ئاڭلاندى.
خەلقنىڭ لاۋىيلارغا كۈنلۈك ھەسسىسىنى بېرىپ تۇرۇشى
44 ئۇ كۈنى كۆتۈرمە ھەدىيە، دەسلەپكى ھوسۇل ۋە ئوندىن بىر ئۈلۈشنى قويۇلىدىغان خەزىنە-ئامبارلارنى ساقلايدىغان ئادەملەر تەيىنلەندى. ئۇلار شەھەرنىڭ ئېتىزلىقلىرىدىن تەۋرات قانۇنى بويىچە كاھىنلار ۋە لاۋىيلارغا تېگىدىغان ھەسسىلەرنى ئۇ يەرگە يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. بارلىق يەھۇدا خەلقى كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ئۆز خىزمىتىنى باشلىغىنى ئۈچۈن بەكمۇ خۇرسەن بولغانىدى. 45 ئۇلار ئۆز خۇداسىنىڭ ئىبادەت ۋە پاكلاش خىزمەتلىرىنى قىلاتتى. نەغمىچىلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلاتتى. 46 چۈنكى بۇرۇن، داۋۇد ۋە ئاسافنىڭ كۈنلىرىدە نەغمىچىلەرنىڭ يېتەكچىلىرى بار ئىدى ۋە خۇداغا مەدھىيە ۋە تەشەككۈر ناخشىلىرى ئېيتىلاتتى. 47 شۇڭا زەرۇببابەل ۋە نەھەمىيانىڭ كۈنلىرىدىمۇ پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى نەغمىچىلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە ھەر كۈنى كۈندىلىك ئوزۇقىنى تەمىنلەپ بېرەتتى. ئۇلار يەنە لاۋىيلارغا بېكىتىلگەن ئۈلۈشنى بېرەتتى. لاۋىيلارمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېكىتىلگەن ئۈلۈشنى بېرەتتى. ■