خەلقنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا شەھەرلەردە ماكان تۇتۇشى
11
1 خەلقنىڭ باشلىقلىرى يېرۇسالېمدا تۇردى. لېكىن خەلقنىڭ قالغانلىرى ئۇلاردىن ئوندىن بىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقا چەك تاشلىدى، قالغان ئوندىن توققۇزى باشقا شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشتى. 2 خەلق ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشقا رازى بولغانلارغا بەرىكەت تىلىدى. 3 ئىسرائىل خەلقى، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە، ھەربىرى ئۆز شەھىرىگە ۋە ئۆزىنىڭ مىراس يېرىگە ئولتۇراقلاشتى. تۆۋەندىكىلەر يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە ۋىلايىتىنىڭ باشلىقلىرى:
4 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە بەنيامىن قەبىلىسىدىن بەزىلەر يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشتى.
يەھۇدا قەبىلىسىدىن: پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئاتايا. ئاتايا ئۇززىيانىڭ ئوغلى، ئۇززىيا زەكاريانىڭ ئوغلى، زەكاريا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا شېفاتيانىڭ ئوغلى، شېفاتيا ماھالالەلنىڭ ئوغلى ئىدى. 5 يەنە مائاسېيا بار ئىدى. مائاسېيا بارۇخنىڭ ئوغلى، بارۇخ كولخوزەنىڭ ئوغلى، كولخوزە خازايانىڭ ئوغلى، خازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يويارىبنىڭ ئوغلى، يويارىب زەكاريانىڭ ئوغلى، زەكاريا شىلونىڭ ئوغلى ئىدى. 6 يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقان پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى تۆت يۈز ئاتمىش سەككىز پالۋان كىشى ئىدى.
7 بەنيامىن قەبىلىسىدىن: ساللۇ. ساللۇ مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام يوئەدنىڭ ئوغلى، يوئەد پەدايانىڭ ئوغلى، پەدايا قولايانىڭ ئوغلى، قولايا مائاسېينىڭ ئوغلى، مائاسېي ئىتىئەلنىڭ ئوغلى، ئىتىئەل يەشايانىڭ ئوغلى ئىدى. 8 ئۇنىڭدىن باشقا گابباي ۋە ساللاي بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى توققۇز يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى ئىدى. 9 زىكرىنىڭ ئوغلى يوئەل ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى، ھاسەنۇئانىڭ ئوغلى يەھۇدا شەھەرنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئىدى.
10 كاھىنلاردىن يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقانلار: يويارىبنىڭ ئوغلى يەدايا، ياكىن 11 ۋە خۇدانىڭ بەيتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سەرايا. سەرايا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام سادوقنىڭ ئوغلى، سادوق مەرايوتنىڭ ئوغلى، مەرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. 12 ئۇلارنىڭ بەيتتە خىزمەت قىلىدىغان سەككىز يۈز يىگىرمە ئىككى قېرىنداشلىرىمۇ بار ئىدى. يەنە ئادايا بار ئىدى. ئادايا يەروخامنىڭ ئوغلى، يەروخام پەلايانىڭ ئوغلى، پەلايا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زەكاريانىڭ ئوغلى، زەكاريا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى. 13 ئۇنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان قېرىنداشلىرىمۇ بار ئىدى، جەمئىي ئىككى يۈز قىرىق ئىككى كىشى. يەنە ئاماشاي بار ئىدى. ئاماشاي ئازارەلنىڭ ئوغلى، ئازارەل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مەشىللېموتنىڭ ئوغلى، مەشىللېموت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى. 14 ئۇنىڭ باتۇر كىشى بولغان قېرىنداشلىرى بار ئىدى، جەمئىي يۈز يىگىرمە سەككىز. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى باشقۇرغۇچىسى گېدولىمنىڭ ئوغلى زابدىئەل ئىدى.
15 لاۋىيلاردىن يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقانلار: شەمايا. شەمايا خاششۇبنىڭ ئوغلى، خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا بۇننىنىڭ ئوغلى ئىدى. 16 يەنە لاۋىيلارنىڭ باشلىقلىرىدىن خۇدانىڭ بەيتىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل بولغان شاببىتاي ۋە يوزاباد. 17 بۇلاردىن باشقا نەغمىچىلەرنىڭ بېشى، ئىبادەتتە مەدھىيە ئوقۇشقا باشلامچىلىق قىلغان ماتتانيا بار ئىدى. ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدە ئىككىنچىسى بولغان باقبۇقيا ۋە يەنە ئابدا بار ئىدى. ئابدا شامۇئانىڭ ئوغلى، شامۇئا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى. 18 مۇقەددەس شەھەردىكى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئىككى يۈز سەكسەن ئىككى كىشى ئىدى.
19 دەرۋازىۋانلەردىن يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقانلار: دەرۋازىلارنى ساقلىغۇچى ئاققۇب ۋە تالمون ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى ئىدى.
20 قالغان ئىسرائىل خەلقى، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار يەھۇدىيەنىڭ ھەممە باشقا شەھەرلىرىگە، ھەربىرى ئۆز مىراس يېرىگە ئولتۇراقلاشتى.
21 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بولسا ئوفەل ئېگىزلىكىدە ياشىدى. زىخا ۋە گىشپا ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنى باشقۇراتتى.
22 ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، نەغمىچىلەردىن بولغان ئۇززى يېرۇسالېمدىكى لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، خۇدانىڭ بەيتىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. ئۇززى بانىنىڭ ئوغلى، بانى خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى ئىدى. 23 چۈنكى پادىشاھ ئۇلار توغرىسىدا چىقارغان ھۆكۈم بويىچە نەغمىچىلەر ھەر كۈنى شۇ كۈنگە بېكىتىلگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك ئىدى. ■
24 يەھۇدانىڭ ئوغلى زېراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشېزابەلنىڭ ئوغلى پەتاخيا بارلىق خەلق ئىشلىرىدا پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.
25 يېزا-كەنتلەر ۋە بۇلارغا تەۋە ئېتىزلىقلارغا كەلسەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىن بەزىلەر قىريات-ئاربا بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە، دىبون بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە، ۋە يەقابزىئەل بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە ئولتۇراقلاشتى. 26 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەشۇئا، مولادا، بەيت-پېلەت، 27 خازار-شۇئال، بەئەرشېبا بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە، 28 زىقلاغ، مەكونا بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە، 29 ئەن-رىممون، زورا، يارمۇت، 30 زانوئاھ، ئادۇللام بىلەن ئۇلارغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە، لاكىش بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارغا ۋە ئازېقا بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار بەئەرشېبادىن تارتىپ ھىننوم ۋادىسىغىچە چېدىر-بارگاھ تىكىپ ئولتۇراقلاشتى.
31 بەنيامىن قەبىلىسى بولسا گېبادىن باشلاپ، مىكماس، ئاييا، بەيتەل ۋە ئۇنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە، 32 ئاناتوت، نوب ۋە ئانانيادا 33 خازور، راما ۋە گىتتايىمدا، 34 خادىد، زېبويىم ۋە نەباللاتتا، 35 لود، ئونو ۋە ھۈنەرۋەنلەر ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشتى.
36 يەھۇدىيەدىكى بەزى لاۋىيلار بەنيامىن قەبىلىسى ئارىسىغا ئولتۇراقلاشتى.