ئەھدىگە مۆھۈر باسقانلار ۋە ئەھدىنىڭ مەزمۇنى
10
‏1 بۇ ھەممە ئىشلار ئۈچۈن بىز بىر ئەھدە تۈزۈپ يازدۇق، باشلىقلىرىمىز، لاۋىيلار ۋە كاھىنلىرىمىز ئۇنىڭغا مۆھۈر باستى. ‏2 مەزكۇر ئەھدىگە مۆھۈر باسقانلار تۆۋەندىكىلەر ئىدى:
خاكاليانىڭ ئوغلى نەھەمىيا ۋالىي ۋە زىدقىيا، ‏3 سەرايا، ئازاريا، يەرەمىيا، ‏4 پاشخۇر، ئاماريا، مالكىيا، ‏5 خاتتۇش، شېبانيا، ماللۇك، ‏6 خارىم، مەرىموت، ئوباديا، ‏7 دانىيال، گىننىتون، بارۇخ، ‏8 مەشۇللام، ئابىيا، مىيامىن، ‏9 مائازيا، بىلگاي ۋە شەمايا. ئۇلار كاھىنلار ئىدى.
‏10 بۇنىڭدىن باشقا لاۋىيلاردىن: ئازانيانىڭ ئوغلى يەشۇئا، خېنادادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بىننۇي ۋە قادمىئەل، ‏11 ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى شېبانيا، ھودىيا، قېلىتا، پەلايا ، خانان، ‏12 مىكا، رەخوب، خاشابيا، ‏13 زاككۇر، شېرەبيا، شېبانيا، ‏14 ھودىيا، بانى ۋە بەنىنۇ.
‏15 خەلقنىڭ باشلىقلىرىدىن: پاروس، پاخەت-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى، ‏16 بۇننى، ئازگاد، بېباي، ‏17 ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن، ‏18 ئاتېر، خىزقىيا، ئاززۇر، ‏19 ھودىيا، خاشۇم، بېزاي، ‏20 خارىف، ئاناتوت، نېباي، ‏21 ماگپىياش، مەشۇللام، خېزىر، ‏22 مەشېزابەل، سادوق، ياددۇئا، ‏23 پېلاتيا، خانان، ئانايا، ‏24 ھوشىيا، خانانيا، خاششۇب، ‏25 ھالوخەش، پىلخا، شوبەك، ‏26 رېخۇم، خاشابنا، مائاسېيا، ‏27 ئاخىيا، خانان، ئانان، ‏28 ماللۇك، خارىم ۋە بائانا.
 
‏29 قالغان خەلق، كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، نەغمىچىلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە شۇنىڭدەك خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنى بويىچە ياشاش ئۈچۈن زېمىندىكى يات خەلقلەردىن ئۆزلىرىنى ئايرىغانلار، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىزلىرى، يەنى ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ‏30 ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان رەھبەرلەرگە قوشۇلۇپ، مۇنداق دەپ قەسەم قىلدى:
«بىز خۇدانىڭ مۇسا ئارقىلىق بېرىپ خۇدا تەرىپىدىن كەلگەن تەۋرات قانۇنى بويىچە ياشاپ، رەب پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ھەممە ئەمر، پەرمان ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىمىز.
‏31 بىز قىزلىرىمىزنى بۇ زېمىندىكى خەلقلەرگە بەرمەيمىز، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىمۇ ئوغۇللىرىمىزغا خوتۇن قىلىپ بەرمەيمىز.
‏32 بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر شابات كۈنىدە ساتقىلى مال-تاۋار ياكى ھەر خىل يېمەكلىك ئېلىپ كەلگەندە، بىز شابات كۈنى ياكى ھېيت كۈنىدە ئۇلاردىن ھېچنېمىنى سېتىۋالمايمىز.
بىز ھەر يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىمىز ۋە قەرزلەردىن ۋاز كېچىمىز.
‏33 بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىرىمىز ھەر يىلى خۇدايىمىزنىڭ بەيتىدىكى خىزمەت ئۈچۈن بىر شېكەلنىڭ ئۈچتىن بىرىنى بېرىشنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز. ‏34 بۇ پۇل خۇداغا ئاتالغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنلىرىدىكى قۇربانلىقلار، يېڭى ئايلاردىكى قۇربانلىقلار بىلەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان قۇربانلىقلار، ئامانلىق قۇربانلىقلىرى، ئىسرائىلغا كەفارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقلىرى ۋە خۇدايىمىزنىڭ بەيتىدىكى ھەر ئىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ.   
‏35 بىز يەنە كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە خەلق ئاتا جەمەتلىرىمىز بويىچە يىلدىن-يىلغا بېكىتىلگەن ۋاقىتلاردا تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قالىنىدىغان ئوتۇننى خۇدايىمىزنىڭ بەيتىگە نۆۋەت بىلەن ئېلىپ تەمىنلەش تەرتىپىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلىدۇق.
‏36 بىز ھەر يىلى تۇنجى پىشقان زىرائىتىمىزنى ۋە ھەر خىل دەرەخنىڭ ھەممە تۇنجى پىشقان مېۋىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كېلىمىز. ‏37 تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك تۇنجى ئوغۇللىرىمىز ۋە كالىلىرىمىزنىڭ تۇنجىسى ياكى قويلىرىمىزنىڭكى بولسۇن چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىمۇ خۇدايىمىزنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كېلىپ، خۇدايىمىزنىڭ بەيتىدە خىزمەت قىلىپ تۇرغان كاھىنلارغا تاپشۇرىمىز، ‏38 شۇنىڭدەك دەسلەپكى ئۇنىمىز ۋە كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىمىز ۋە ھەر خىل دەرەخنىڭ تۇنجى پىشقان مېۋىسىنى، يېڭى شاراب ۋە يېڭى ياغنى خۇدايىمىزنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كېلىپ، كاھىنلارغا تاپشۇرىمىز.
بىز ئېتىزلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنىمۇ لاۋىيلارغا بېرىمىز، چۈنكى لاۋىيلارنىڭ بىز تىرىكچىلىك قىلغان كەنت-شەھەرلەردە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى يىغىشىنى بېكىتتۇق. ‏39 لاۋىيلار ئوندىن بىر ئۈلۈشنى يىغقاندا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان بىر كاھىن لاۋىيلار بىلەن بىللە بولىدۇ. لاۋىيلارمۇ تاپقان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ئوندىن بىرىنى خۇدايىمىزنىڭ بەيتىنىڭ ئامبارلىرىغا ئېلىپ تاپشۇرىدۇ. ‏40 چۈنكى بەنى ئىسرائىل ۋە لاۋىيلار ئاشلىق، يېڭى شاراب ۋە ياغدىن بولغان ھەدىيەلىرىنى مۇقەددەس جاينىڭ قاچا-قۇچىلىرى ساقلىنىدىغان ۋە كاھىنلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە نەغمىچىلەر خىزمەت قىلىدىغان خانىلارغا ئېلىپ تاپشۇرۇشى كېرەك. بىز بولساق بىپەرۋالىق قىلىپ خۇدايىمىزنىڭ بەيتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز».