خەلقنىڭ روزا تۇتۇپ گۇناھىنى تونۇشى
9
‏1 شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى بەنى ئىسرائىل روزا تۇتۇپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ بېشىغا توپا چاچقان ھالدا يىغىلدى.    ‏2 ئىسرائىلنىڭ نەسلى ئۆزلىرىنى يات خەلقلەردىن ئايرىپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۆز گۇناھلىرى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خاتالىرىنى ئىقرار قىلدى. ‏3 ئۇلار كۈننىڭ تۆتتىن بىرىدە ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇن كىتابى ئوقۇلغىنىدا ھەربىرى ئۆز جايىدا ئۆرە تۇردى. كۈننىڭ يەنە تۆتتىن بىرىدە ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. ‏4 لاۋىيلاردىن بولغان يەشۇئا، بانى، قادمىئەل، شېبانيا، بۇننى، شېرەبيا، بانى ۋە كېنانى پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلدى. ‏5 لاۋىيلاردىن بولغان يەشۇئا، قادمىئەل، بانى، خاشابنىيا، شېرەبيا، ھودىيا، شېبانيا ۋە پەتاخيا خەلققە: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار ئەبەدىلئەبەدكىچە!» دېدى. ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: ‹سېنىڭ ھەممە ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن ئېگىز بولغان شەرەپلىك نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي.
‏6 سەن، پەقەتلا سەن پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسمانلارنى، دەرۋەقە ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنىنى يۇلتۇزلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن قوشۇپ ئاپىرىدە قىلىپ، يەر ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بارلىقىنى يارىتىپ، دېڭىزلار بىلەن ئىچىدىكى پۈتۈن بارلىقىنى پەيدا قىلدىڭ ۋە ھەممىسىگە ھايات بېرىسەن. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى ساڭا سەجدە قىلىدۇ.
‏7 سەن ئابرامنى تاللىغان، ئۇنى كالدىيلارنىڭ زېمىنىدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا ئىبراھىم دېگەن ئىسىم قويغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن. ‏8 سەن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئالدىڭدا ئىماندا سادىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا كەنئانلار، ھېتىتلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، يەبۇسىيلار ۋە گىرگاشىيلارنىڭ زېمىنىنى بېرىمەن» دەپ ۋەدە قىلدىڭ. سەن ھەققانىي بولغاچقا، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلدىڭ.
‏9 سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىسىردا تارتقان ئازابنى كۆردۈڭ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدا قىلغان پەريادىنى ئاڭلىدىڭ. ‏10 سەن فىرئەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە زېمىنىدىكى ھەممە خەلقىگە كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلەر كۆرسەتتىڭ، چۈنكى سەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا تەكەببۇرلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىنى بىلدىڭ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزۈڭگە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ بىر نام تىكلىدىڭ. ‏11 سەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا دېڭىزنى ئىككىگە بۆلدۈڭ. شۇنداقكى، ئۇلار قۇرۇق يەردە ماڭغاندەك دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن سەن ئۇلارنى قوغلىغۇچىلار، جۇشقۇن سۇلارغا تاش تاشلىغاندەك، چوڭقۇر سۇغا تاشلىۋەتتىڭ. ‏12 سەن ئۇلارنى كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتتۇڭ.
‏13 سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئاسماندىن ئۇلارغا سۆز قىلدىڭ، توغرا ئەھكاملەر، ھەق قانۇنلار، ياخشى بەلگىلىمىلەر ۋە ئەمرلەرنى ئاتا قىلدىڭ. ‏14 سەن ئۇلارغا مۇقەددەس شاباتىڭ توغرىسىدا بىلدۈردۈڭ، خىزمەتكارىڭ مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە قانۇنلارنى بەردىڭ.
‏15 ئۇلار ئاچ قالغاندا، سەن ئاسماندىن ئۇلارغا نان چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇلار ئۇسساپ قالغاندا، قورام تاشتىن ئۇلارغا سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۆزۈڭ ئۇلارغا بېرىشكە قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغان زېمىنغا بېرىپ، ئۇنى ئىگىلىۋېلىشنى ئۇلارغا بۇيرۇدۇڭ.
‏16 لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەكەببۇرلۇق قىلىپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، بۇيرۇقلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. ‏17 ئۇلار قۇلاق سېلىشنى خالىماي، ئۇلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى يادمۇ قىلماي، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، جاھىللىقىدا قۇللۇق يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بىر سەردار تەيىنلىدى. لېكىن سەن ئەپۇ قىلىشقا تەييار، شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، مېھىر-شەپقىتى كەڭ خۇدا بولغاچقا ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.    ‏18 ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر قۇيما موزاينى ياساپ: «مانا، سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ!» دەپ ئېيتىشىپ ئېغىر كۇپۇرلۇق قىلغاندىمۇ، ‏19 سەن تولىمۇ رەھىم-شەپقەتلىك بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمىدىڭ. كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئۇلاردىن ئايرىلماي، ئۇلارغا يول باشلىدى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئۇلاردىن ئايرىلماي ماڭىدىغان يولىدا ئۇلارغا نۇر بېرىپ تۇردى.
‏20 سەن ئۇلارغا تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئۆز ياخشى روھىڭنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىڭ. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ماننانى ئايىمىدىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىغا سۇ بەردىڭ. ‏21 سەن قىرىق يىل داۋامىدا چۆل-باياۋاندا ئۇلارغا ئوبدان قارىغىنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنېمىسى كەم بولمىدى، كىيىملىرى كونىراپ قالمىدى، پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى.
‏22 سەن پادىشاھلىقلەر ۋە ئەللەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا بېرىپ، بۇلارنىڭ زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلدىڭ. شۇنداقكى، ئۇلار سىخوننىڭ زېمىنىنى، يەنى خەشبون پادىشاھىنىڭ زېمىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى.
‏23 سەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادىنى ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىدەك ئاۋۇتتۇڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا «ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇنى ئىگىلىۋالىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى ئېلىپ كەلدىڭ. ‏24 بۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كېلىپ، زېمىننى ئىگىلىۋالغاندا، سەن زېمىننىڭ ئاھالىسى بولغان كەنئانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردىڭ. ئۇ يەردىكى پادىشاھلار ۋە يەرلىق خەلقنى، ئۇلار خالىغىنىچە بۇلارغا مۇئامىلە قىلسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. ‏25 ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە مۇنبەت يەرلەرنى ئىگىلەپ، ھەر خىل ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولغان ئۆيلەر، كولانغان قۇدۇقلار، ئۈزۈمزارلىقلار، زەيتۇنلۇقلار ۋە نۇرغۇن مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئىگە بولۇپ، يەپ تويۇپ سەمرىدى. ئۇلار زور نېمەت-مەرھەمەتلىرىڭدىن سۆيۈنۈشتى.
‏26 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ساڭا قارشى قوپۇپ، تەۋرات قانۇنۇڭنى ئارقىسىغا تاشلاپ، ئۇلارنى سېنىڭ تەرىپىڭگە ياندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا نەسىھەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئىنتايىن ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك قىلدى. ‏27 شۇڭا سەن ئۇلارغا زۇلۇم سالىدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۇلارنى تاپشۇرۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار ئازاب-ئوقۇبەتتە قېلىپ ساڭا پەرياد قىلغاندا، سەن ئەرشتىن ئاڭلاپ، چوڭ رەھىم-شەپقىتىڭدە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتتىڭ.
‏28 ئەمما ئۇلار ئارام تاپقاندىن كېيىن، سېنىڭ ئالدىڭدا يەنە يامانلىق قىلىشنى باشلىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار يەنە ساڭا پەرياد قىلسا، سەن ئەرشتىن ئاڭلاپ، ئۆز رەھىمدىللىقىڭدە ئۇلارنى كۆپ قېتىم قۇتقۇزدۇڭ. ‏29 سەن ئۇلارنى تەۋرات قانۇنۇڭغا قايتىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇردۇڭ. ئەمما ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، بۇيرۇقلىرىڭغا قۇلاق سالماي تۇردى. ئەھكاملىرىڭغا ئەمەل قىلغان كىشى ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ياشايدۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ئەھكاملىرىڭغا خىلاپلىق قىلدى. ئۇلار جاھىللىقىدا يۈز ئۆرۈپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى.
‏30 سەن ئۇزۇن يىللار ئۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلىپ، روھىڭنى ئەۋەتىپ، پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولساڭمۇ، ئۇلار قۇلاق سېلىشنى خالىمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يات خەلقلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. ‏31 لېكىن رەھىم-شەپقىتىڭ چوڭ بولغاچقا سەن ئۇلارنى تامامەن يوقىتىۋەتمەي، شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل خۇدا بولۇپ تۇرغاچقا ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.
‏32 ئەمدى، ئەي قورقۇنچلۇق، قۇدرەتلىك ئۇلۇغ تەڭرى، ئۆز ئەھدىسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە سادىق بولۇپ تۇرغۇچى خۇدايىمىز، ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە بىزنىڭ بېشىمىزغا، پادىشاھلىرىمىز، باشلىقلىرىمىز، كاھىنلىرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن، شۇنداقلا پۈتۈن خەلقىڭنىڭ بېشىغا كەلگەن بارلىق قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتلەرگە سەل قارىمىغىن. ‏33 بۇنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ توغرىسىدا سەن ئادىلدۇرسەن، چۈنكى سەن راستلىق بىلەن ئىش قىلغان بولساڭمۇ بىز يامانلىق قىلدۇق. ‏34 پادىشاھلىرىمىز، باشلىقلىرىمىز، كاھىنلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز سېنىڭ قانۇنۇڭغا پىسەنت قىلماي، سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن بۇيرۇق بىلەن تەنبىھلەرگە قۇلاق سالماي، ‏35 ئۆز يۇرتىدا سېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن چوڭ نېمىتىڭدە تۇرۇپ، سەن ئۇلارغا بەرگەن كەڭرى ۋە مۇنبەت زېمىندا تۇرۇپ، ساڭا ئىبادەت قىلماي، ئۆز يامان ئىشلىرىدىن يانمىغانىدى.
‏36 مانا بىز بولساق بۇ كۈنلەردە قۇل بولۇپ قالدۇق. سەن ئۇنىڭ مېۋىسى بىلەن ھوسۇلىدىن يېسۇن دەپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بەرگەن يۇرتنىڭ ئۆزىدە قۇل بولۇپ قالدۇق. ‏37 بۇ زېمىن سەن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويغان پادىشاھلارغا مول ھوسۇلىنى بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇلار بەدەنلىرىمىز، ھەم چارۋا مېلىمىزغا ئىگە بولۇۋېلىپ، بىزنى خالىغىنىچە باشقۇرىدۇ. بىز قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتتە قالدۇق›».