خۇدانىڭ قانۇن كىتابىدىن ئوقۇپ بېرىلىدۇ
8
1 بەنى ئىسرائىل ئۆز شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، يەتتىنچى ئاينىڭ بېشىدا، خەلقنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمدەك بولۇپ، سۇ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا يىغىلىپ، تەۋرات ئۇستازى ئەزرادىن: «پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق بەنى ئىسرائىلغا يەتكۈزگەن تەۋرات قانۇن كىتابىنى ئېلىپ كەلگىن» دەپ تەلەپ قىلدى. 2 بۇنىڭ ئۈچۈن يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كاھىن ئەزرا جامائەت ئالدىغا، يەنى ئەر-ئاياللار ۋە بارلىق ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغانلارنىڭ ئالدىغا تەۋرات قانۇن كىتابىنى ئېلىپ كەلدى. 3 ئۇ سۇ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا تۇرۇپ، تەۋرات قانۇنىنى ئەتىگەندىن چۈشگىچە ئەر-ئاياللار ۋە ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغانلارنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بەردى. ھەممە خەلقنىڭ قۇلاقلىرى تەۋرات قانۇن كىتابىدىكى سۆزلەردە ئىدى. 4 تەۋرات ئۇستازى ئەزرا شۇ ئىش ئۈچۈن ياسالغان ياغاچ مۇنبەر ئۈستىدە تۇردى. ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ماتىتيا، شېما، ئانايا، ئۇرىيا، خىلقىيا ۋە مائاسېيا، ئۇنىڭ سول يېنىدا پەدايا، مىشائەل، مالكىيا، خاشۇم، خاشباددانا، زەكاريا ۋە مەشۇللام تۇردى. 5 بۇ تەرىقىدە ئەزرا ھەممە خەلقتىن ئېگىز ئورۇندا تۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا كىتابنى ئاچقاندا، خەلقنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇردى. 6 ئەزرا: «ئۇلۇغ خۇدا بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي» دېگەندە، خەلقنىڭ ھەممىسى قول كۆتۈرۈپ «ئامىن، ئامىن» دەپ جاۋاب بېرىپ، ئېڭىشىپ، يۈزلىرىنى يەرگە قويۇپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 7 خەلقنىڭ ھەربىرى ئۆز ئورنىدا تۇرغىنىدا، يەشۇئا، بانى، شېرەبيا، يامىن، ئاققۇب، شاببىتاي، ھودىيا، مائاسېيا، قېلىتا، ئازاريا، يوزاباد، خانان ۋە پەلايالار خەلققە تەۋرات قانۇنىنى چۈشەندۈردى. ■ 8 ئۇلار كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىنى بۆلۈپ-بۆلۈپ ئوقۇپ بېرىپ، مەنىسىنى بىلدۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئوقۇپ بېرىلگەن سۆزلەرنى چۈشىنەلىدى.
9 خەلقنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى. شۇڭا ۋالىي نەھەمىيا، تەۋرات ئۇستازى كاھىن ئەزرا ۋە خەلققە تەلىم بېرىدىغان لاۋىيلار ھەممە خەلققە: «بۈگۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈن بولغاچقا غەمكىن بولۇپ يىغلىماڭلار» دېدى. 10 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: «سىلەر بېرىپ، ئېسىل تاماقلارنى يەپ، شېرىن ئىچىملىكلەرنى ئىچىڭلار ۋە ئۆزىگە بىر نېمە تەييارلىيالمىغانلارغا تارقىتىڭلار، چۈنكى بۈگۈن رەببىمىزگە ئاتالغان مۇقەددەس كۈندۇر. غەمكىن بولماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگاردا شادلىنىش سىلەرنىڭ كۈچۈڭلار بولىدۇ» دېدى. ■ 11 لاۋىيلارمۇ: «بۈگۈن مۇقەددەس كۈن بولغاچقا تىنچلىنىڭلار، غەمكىن بولماڭلار» دەپ ھەممە خەلقنى تىنچلاندۇردى. 12 ئۇ ۋاقىتتا خەلقنىڭ ھەممىسى بېرىپ، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يەپ-ئىچىپ غىزالاندى، باشقىلارغىمۇ تاماق تارقاتتى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئېيتىلغان سۆزلەرنى چۈشەنگەنىدى. 13 ئەتىسى خەلق ئىچىدىكى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار تەۋرات قانۇنىنىڭ سۆزلىرىنى ئوبدانراق چۈشىنىپ بېقىش ئۈچۈن تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى.
سايىۋەن ھېيتى ئۆتكۈزۈلىدۇ
14 ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەنى ئىسرائىلنىڭ يەتتىنچى ئايدىكى ھېيتتا كەپىلەردە ئولتۇرۇشى بۇيرۇغانلىقى توغرىسىدا يېزىلغانلىقىنى كۆردى، 15 شۇنداقلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ھەممە شەھەرلەردە ۋە يېرۇسالېمدا: «تاغقا چىقىپ زەيتۇن شاخلىرى، ياۋا زەيتۇن شاخلىرى، ھاداس دەرىخىنىڭ شاخلىرى، خورما شاخلىرى ۋە باشقا مول يوپۇرماقلىق دەرەخنىڭ شاخلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، پۈتۈلگەندەك كەپە ياساڭلار» دەپ جاكارلاش كېرەكلىكىنى ئۇقتى. 16 شۇنىڭ بىلەن خەلق چىقىپ، مۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆگزىلىرىنىڭ ئۈستىدە، ھويلىلىرىدا، خۇدانىڭ بەيتىنىڭ ھويلىسىدا، سۇ دەرۋازىسىنىڭ مەيدانى ۋە ئەفرائىم دەرۋازىسىنىڭ مەيدانىدا ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن كەپە تىكتى.
17 سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن پۈتۈن جامائەت كەپىلەر تىكىپ، بۇ كەپىلەردە ئولتۇرۇشتى. بەنى ئىسرائىل نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ ئۇ كۈنگىچە مۇنداق ئىشنى قىلمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ خۇشاللىق پەيدا بولغانىدى. 18 بىرىنچى كۈندىن تارتىپ ئاخىرقى كۈنگىچە ئەزرا ھەر كۈنى خۇدانىڭ تەۋرات قانۇن كىتابىنى ئوقۇپ بەردى. ئۇلار يەتتە كۈن ھېيت قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە سەككىزىنچى كۈنى بىر ھېيت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.