شەھەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى
7
1 سېپىل ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن مەن دەرۋازىلارنى ئورناتتىم. ئاندىن دەرۋازىۋەنلەر، نەغمىچىلەر ۋە لاۋىيلار خىزمەتكە تەيىنلەندى. 2 مەن ئۆز قېرىندىشىم خانانىنى ۋە قەلئەسىنىڭ سەردارى خانانيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدىم، چۈنكى بۇ كىشى ئىشەنچلىك ئادەم ئىدى ۋە خۇدادىن قورقۇشتا باشقىلاردىن ئېشىپ كېتەتتى. 3 مەن ئۇلارغا: «يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرى كۈن ئىسسىغۇچە ئېچىلمىسۇن. دەرۋازىۋەنلەر تېخى خىزمەتتە بولغان ۋاقىتتا دەرۋازا قاناتلىرى يېپىلىپ، تاقاقلىرى بىلەن ئېتىلسۇن. سىلەر يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلاردىن كۆزەتچىلەر تەيىنلەڭلار. ھەربىرى ئۆز كۆزىتىش جايىدا ۋە ئۆز ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا كۆزەتچىلىك قىلسۇن» دېدىم. 4 شەھەر چوڭ ھەم كەڭرى ۋە ئاھالىسى ئاز ئىدى، ئۆيلىرى بولسا تېخى سېلىنمىغانىدى. زەرۇبابەل بىلەن ئەسىرلىكتىن قايتىپ كېلگەنلەر
5 خۇدايىم مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئېسىلزادىلەر، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنى يىغىپ، ئۇلارنى نەسەبنامىسى بويىچە تىزىملەش نىيىتىنى سالدى. مەن ئاۋۋال قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ نەسەبنامىسىنى تېپىپ، ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنلىكىنى كۆردۈم: 6 يەھۇدىيە زېمىنىدىن بابىلنىڭ پادىشاھى نېبۇكادنەزارنىڭ ھۆكۈمى بىلەن سۈرگۈن قىلىنىپ، كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرىگە كېلىپ، 7 زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، ئازاريا، رائاميا، ناخامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپېرەت، بىگۋاي، نەخۇم ۋە بائانا بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
8 پاروسنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى،
9 شېفاتيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى،
10 ئاراخنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئەللىك ئىككى كىشى،
11 يەشۇئا ۋە يوئابنىڭ نەسلىدىن بولغان پاخەت موئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون سەككىز كىشى،
12 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى،
13 زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز يۈز قىرىق بەش كىشى،
14 زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى،
15 بىننۇئىنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق سەككىز كىشى،
16 بېباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى،
17 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى،
18 ئادونىقامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش يەتتە كىشى،
19 بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئاتمىش يەتتە كىشى،
20 ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئەللىك بەش كىشى،
21 خىزقىيانىڭ نەسلىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى،
22 خاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى،
23 بېزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە تۆت كىشى،
24 خارىفنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى،
25 گىبېئوننىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى،
26 بەيتلەھەم ۋە نەتوفانىڭ ئادەملىرى بىر يۈز سەكسەن سەككىز كىشى،
27 ئاناتوتنىڭ ئادەملىرى بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى،
28 بەيت-ئازماۋەتنىڭ ئادەملىرى قىرىق ئىككى كىشى،
29 قىريات-يېئارىم، كېفىرا ۋە بەئەروتنىڭ ئادەملىرى يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى،
30 راما ۋە گېبانىڭ ئادەملىرى ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى،
31 مىكماسنىڭ ئادەملىرى بىر يۈز يىگىرمە ئىككى،
32 بەيتەل ۋە ئاينىڭ ئادەملىرى بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى،
33 يەنە بىر نېبونىڭ ئادەملىرى ئەللىك ئىككى كىشى،
34 يەنە بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى،
35 خارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى،
36 يېرىخونىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى،
37 لود، خادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى،
38 ۋە سەنائانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز كىشى ئىدى.
39 كاھىنلاردىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
يەشۇئانىڭ جەمەتىدىن بولغان يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى،
40 ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى،
41 پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى،
42 ۋە خارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى.
43 لاۋىيلاردىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
ھوداۋيانىڭ نەسلىدىن بولغان قادمىئەلنىڭ جەمەتىدىن چىققان يەشۇئانىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى،
44 نەغمىچىلەردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز قىرىق سەككىز كىشى،
45 دەرۋازىۋەنلەردىن بولغان شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاققۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە شوباينىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز كىشى ئىدى.
46 قايتىپ كەلگەن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىلەر ئىدى: زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى، 47 قېروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىيانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، 48 لەبانانىڭ ئەۋلادلىرى، خاگابانىڭ ئەۋلادلىرى، سالماينىڭ ئەۋلادلىرى، 49 خاناننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاخارنىڭ ئەۋلادلىرى، 50 رېئايانىڭ ئەۋلادلىرى، رېزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىقودانىڭ ئەۋلادلىرى، 51 گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسېئاھنىڭ ئەۋلادلىرى، 52 بەساينىڭ ئەۋلادلىرى، مېئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇشىسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، 53 باقبۇقنىڭ ئەۋلادلىرى، خاقۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، 54 بازلىتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەخىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، 55 بارقوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، 56 نەزىياھنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرى.
57 قايتىپ كەلگەن سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا: سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پەرۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، 58 يائالانىڭ ئەۋلادلىرى، دارقوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، 59 شېفاتيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوكەرەت-زەبايىمنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئاموننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
60 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى ئىدى.
61 ئەمما تەل-مېلاخ، تەل-خارشا، كەرۇب، ئاددون ۋە ئىممەردىن كەلگەن تۆۋەندىكىلەر ئاتىلىرىنىڭ جەمەتى ۋە نەسلى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى:
62 دەلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيا ئەۋلادلىرى ۋە نەقودانىڭ ئەۋلادلىرى، جەمئىي ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى.
63 يەنە كاھىنلاردىن خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، ھاقوزنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىمۇ قايتىپ كەلگەنىدى. بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۇ جەمەتنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. 64 ئۇلار ئۆز نەسەبنامىلىرىنى ئىزدەپ تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار كاھىنلىق خىزمىتىگە نالايىق دەپ ھېسابلاندى. 65 ۋالىي ئۇلارغا: «سىلەر ‹ئۇرىم› ۋە ‹تۇمىم›نى كۆتۈرگۈچى بىر كاھىن ئارىمىزدا بولمىغۇچە، ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمەڭلار» دېدى. ■
66 پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى ئىدى. 67 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە ئەر-ئايال خىزمەتكارى ۋە ئىككى يۈز قىرىق بەش ئەر-ئايال ناخشىچىمۇ بار ئىدى. 68 ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئاتلىرى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرلىرى، تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىلىرى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكىمۇ بار ئىدى.
69 جەمەت باشلىقلىرىدىن بەزىلىرى قۇرۇلۇش ئىشى ئۈچۈن ئىئانە قىلدى. ۋالىي بولسا خەزىنىگە سېلىش ئۈچۈن بىر مىڭ ئالتۇن دارىك، ئەللىك جاۋۇر ۋە بەش يۈز ئوتتۇز قۇر كاھىن تونىمۇ بەردى. ■ 70 جەمەتلەرنىڭ بەزى باشلىقلىرى قۇرۇلۇش ئىشىنىڭ خەزىنىسىگە سېلىش ئۈچۈن يىگىرمە مىڭ ئالتۇن دارىك ۋە ئىككى يۈز مىنا كۈمۈشنى بەردى. ■ 71 قالغان خەلق يىگىرمە مىڭ ئالتۇن دارىك، ئىككى مىڭ مىنا كۈمۈش ۋە ئاتمىش يەتتە قۇر كاھىن تونى بەردى.
72 كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، نەغمىچىلەر، خەلقنىڭ بىر قىسمى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، شۇنداقلا قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشتى.