سېپىلنىڭ ياسىلىپ بولۇشى
6
‏1 بىز تېخى دەرۋازىلارنىڭ قاناتلىرىنى ئورناتمىگەن ۋاقتىدا سانبالات، توبىيا، ئەرەب كىشى گېشەم ۋە قالغان دۈشمەنلىرىمىز بىزنىڭ توغرىمىزدا: «ئۇلار سېپىلنى ياساپ بولۇپ، ئۇنىڭدا يېرىق قالمىدى» دەپ ئاڭلىغىنىدا، ‏2 سانبالات ۋە گېشەم ماڭا: «كەلگىن، بىز ئونو ۋادىسىدىكى پالان كەنتتە جەم بولۇشايلى» دېگەن خەت يوللىدى، چۈنكى ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلىشنى قەستلىگەنىدى. ‏3 لېكىن مەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «مەن چوڭ بىر ئىشقا قول قويغاچقا بارالمايمەن. نېمە ئۈچۈن ئىش توختاپ قالسۇن، چۈنكى ئۇنى قويۇپ يېنىڭلارغا بېرىپ كەلسەم، شۇنداق بولۇپ قالىدۇ» دېدىم. ‏4 ئۇلار تۆت قېتىم ماڭا ئوخشاش خەت يوللىسىمۇ، مەن ھەر قېتىم ئۇلارغا ئوخشاش جاۋاب بەردىم. ‏5 شۇنىڭ ئۈچۈن سانبالات بەشىنچى قېتىم ئوخشاش تەرىقىدە ئۆز خىزمەتكارىنى ئەۋەتسە، ئۇ ئوچۇق خەتنى قولىدا كۆتۈرۈپ كەلدى.
‏6 خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى: «مانا، خەلقلەر ئارىسىدا گەپ تارقىلىپتۇ ۋە گېشەممۇ بۇنى تەستىقلىدى. سەن ۋە يەھۇدىيلار ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغاچقا، سىلەر سېپىلنى قايتا ياساۋېتىپسىلەر ۋە سەن ئۇلارغا پادىشاھ بولماقچىكەنسەن. ‏7 بۇنىڭدىن باشقا، يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭ توغرۇلۇق: ‹مانا، يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى بار› دەپ جاكارلاش ئۈچۈن بىرنەچچە پەيغەمبەرنى تىكلەپ قويۇپسەن. ئەمدى بۇ خەۋەر چوقۇم پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كېلىپ، بىز بىللە مەسلىھەتلىشەيلى».
‏8 مەن ئۇنىڭغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «بۇ گەپلىرىڭنىڭ ھېچ ئاساسى يوق، بۇنى ئۆزۈڭ ئويدۇرۇپ چىقاردىڭ» دەپ جاۋاب قايتۇردۇم. ‏9 چۈنكى ئۇلار بىزنى قورقۇتۇپ، قوللىرىمىزنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىپ، ئىشتىن قالدۇرماقچى ئىدى.
ئەي خۇدا، مېنىڭ قولۇمنى كۈچلەندۈرگەيسەن!
 
‏10 كېيىن مەن مەھېتابەلنىڭ نەۋرىسى، دەلايانىڭ ئوغلى شەمايانىڭ ئۆيىگە بارسام، ئۇ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئۆيىدىن چىقماي ئولتۇرغانىدى. ئۇ ماڭا: «بىز خۇدانىڭ بەيتىدە، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە ئۇچرىشايلى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاپ قويايلى. چۈنكى ئۇلار سېنى ئۆلتۈرگىلى كېلىدۇ. دەرۋەقە، ئۇلار بۇ كېچە سېنى ئۆلتۈرگىلى كېلىدۇ» دېدى. ‏11 مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەندەك بىر ئادەم قېچىپ كېتەمدۇ؟ مەندەك بىر كىشى جان قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا كىرىۋالامدۇ؟ ياق، مەن كىرمەيمەن» دېدىم. ‏12 چۈنكى مەن ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى، بەلكى توبىيا ۋە سانبالات ئۇنىڭغا پۇل بەرگەچكە، ئۇ مېنىڭ زىيىنىمغا مۇنداق بېشارەت بەرگەنلىكىنى بايقىدىم. ‏13 ئۇلار مېنىڭ قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسەم، مەن توغرۇلۇق يامان گەپ چىقىرىپ، مېنى بەدنام قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پۇل بەرگەن ئىكەن.
‏14 ئەي خۇدايىم، توبىيا ۋە سانبالاتنى ئېسىڭدا تۇتقايسەن. ئۇلارنىڭ شۇ قىلمىشلىرىنى ئۆز باشلىرىغا ياندۇرغايسەن. نوئاديا دېگەن پەيغەمبەر ئايالنىمۇ ۋە مېنى قورقۇتماقچى بولغان باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئېسىڭدا تۇتقايسەن.
 
‏15 سېپىل بولسا ئەللىك ئىككى كۈن ئىچىدە، ئېلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى پۈتتى. ‏16 دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقىنىدا ۋە ئەتراپىمىزدىكى ھەممە خەلقلەر بۇنى كۆرگىنىدە ئۇلار خىجالەتكە قېلىپ پەرىشان بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئۇلار بۇ ئىش خۇدايىمىزنىڭ تەرىپىدىن بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.   
‏17 ئۇ كۈنلەردە يەھۇدىيەنىڭ ئېسىلزادىلىرى توبىياغا نۇرغۇن خەت ئەۋەتتى، توبىيانىڭ تەرىپىدىنمۇ ئۇلارغا خەتلەر ئەۋەتىلدى. ‏18 چۈنكى ئۇ ئاراخنىڭ ئوغلى شەكانيانىڭ كۈيئوغلى بولغىنى ۋە يەھوخانان بەرەكيانىڭ ئوغلى مەشۇللامنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالغىنى ئۈچۈن يەھۇدىيەدە كۆپ كىشىلەر قەسەم قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغانىدى. ‏19 شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى ماختاتتى ۋە مېنىڭ سۆزۈمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزەتتى. توبىيا بولسا مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن خەتلەر ئەۋەتىپ تۇردى.