نەھەمىيا نامراتلارنى قوللايدۇ
5
‏1 ئۇ چاغلاردا ئاۋام خەلق، ئەر-ئاياللار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ داد-پەرياد كۆتۈردى. ‏2 بەزىلەر: «بىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ سانىمىز كۆپ. بىزنىڭ يەپ ھايات قېلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە يەتكۈدەك ئاشلىق كېرەك» دېيىشتى. ‏3 بەزىلەر: «بىز ئۆز ئېتىزلىرىمىز، ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ۋە ئۆيلىرىمىزنى قورسىقىمىزنى تويدۇرغىلى ئاشلىق ئېلىش ئۈچۈن رەنىگە قويدۇق» دېيىشتى. ‏4 يەنە بەزىلەر: «بىز پادىشاھقا ئالۋان-سېلىق تۆلەش ئۈچۈن ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە قەرز ئالدۇق. ‏5 لېكىن بىزنىڭ بەدەنلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەدەنلىرىگە، بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش بولسىمۇ، بىز ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى قۇللۇققا بېرىشكە مەجبۇر بولىمىز. دەرۋەقە ھېلىمۇ قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى قۇللۇققا كېتىپ قالدى. ئەمما ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز باشقىلارنىڭ قولىدا بولغاچقا شۇنى توسالماي قالدۇق» دېدى.
‏6 مەن ئۇلارنىڭ داد-پەريادلىرى ۋە بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەندىم. ‏7 مەن كۆڭلۈمدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باققاندىن كېيىن، ئېسىلزادىلەر ۋە ئەمەلدارلارغا: «ھەربىرىڭلار قېرىنداشلىرىڭلاردىن ئۆسۈم ئېلىپ ئۇلارنى قەرزگە پاتقۇزغانىكەنسىلەر» دەپ ئۇلارنى ئەيىبلىدىم. ئاندىن كېيىن مەن ئۇلارغا قارشى چوڭ بىر مەجلىس ئېچىپ، ‏8 ئۇلارغا «بىز باشقا خەلقلەرگە سېتىلىپ كەتكەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تۆلەم تۆلەپ، ئۇلارنى قايتۇرۇۋېلىپ ئازاد قىلدۇق ئەمەسمۇ؟ ئەمدى سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى يەنە قۇللۇققا ساتامسىلەر؟ ئۇلار يەنە بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن سېتىۋېلىنسۇنمۇ؟» دېدىم. ئۇلار شۈك تۇرۇپ جاۋاب بېرەلمىدى.    ‏9 مەن يەنە ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار ھەرگىز توغرا ئەمەس. سىلەر دۈشمەنلىرىمىز بولغان يات خەلقلەرگە بىزنى مەسخىرە قىلغىلى پۇرسەت بەرمەي، خۇدايىمىزنىڭ قورقۇنچىدا ماڭساڭلار بولماسمىدى؟ ‏10 مەن ئۆزۈم، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىممۇ ئۇلارغا پۇل ۋە ئاشلىق قەرز بەردۇق. ئەمدى بىز بۇ قەرزلەرنى كەچۈرۈم قىلايلى.    ‏11 سىلەر بۈگۈن ئۇلارنىڭ رەنىگە قويۇلغان ئېتىزلىرى، ئۈزۈمزارلىقلىرى، زەيتۇنلۇقلىرى ۋە ئۆيلىرىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار ۋە ئۇلاردىن ئالغان پۇل، ئاشلىق، شاراب ۋە ياغنىڭ ئۆسۈملىرىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار» دېدىم. ‏12 ئۇلار: «بىز سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە ئىش قىلىپ، بۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلاردىن ھېچنېمىنى تەلەپ قىلمايمىز» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن كاھىنلارنى چاقىرىپ، مەزكۇر كىشىلەرنى بۇ سۆز بويىچە ئىش قىلىشقا قەسەم قىلدۇردۇم. ‏13 مەن ئېتىكىمنى قېقىپ: «كىمكى بۇ قىلغان ۋەدىنى ئادا قىلمىسا، خۇدا ئۇنى قېقىۋېتىپ، ئۆز ئۆيى ۋە مۈلكىدىن ھەيدىۋەتسۇن. دەرۋەقە بۇ كىشى مۇنداق قېقىۋېتىلىپ قۇرۇق قالسۇن» دېدىم. پۈتۈن جامائەت: «ئامىن» دەپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىدى. ئاندىن كېيىن ئۇلار قىلغان ۋەدە بويىچە ئىش قىلدى.
 
نەھەمىيانىڭ ئىخلاسمەنلىكى
‏14 مەلۇم بولسۇنكى، ئىككى يىل ئىچىدە، يەنى مەن يەھۇدىيە زېمىنىدا ئۇلارغا ۋالىي بولۇشقا تىكلىنىپ، ئارتاخشاستا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىغىچە، نە مەن، نە قېرىنداشلىرىم ۋالىيلىق نېنىنى يېمىدۇق. ‏15 ئىلگىرىكى ۋالىيلار بولسا خەلقتىن قىرىق شېكەل كۈمۈش باجتىن باشقا يەنە ئۇلاردىن نان ۋە شارابنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ گەدىنىگە ئېغىر يۈك سالغانىدى. ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن خۇدادىن قورقۇپ ئۇنداق قىلمىدىم. ‏16 بۇ تەرىقىدە مەن سېپىلنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇم، خىزمەتكارلىرىمنىڭ ھەممىسىمۇ ئۇ يەردە بولۇپ قۇرۇلۇش ئىشىغا قاتناشقانىدى. لېكىن ھېچبىرىمىز يەر سېتىۋالمىدۇق. ‏17 بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى يات خەلقلەر ئارىسىدا ياشايدىغانلاردىن يېنىمىزغا كەلگەنلەردىن باشقا يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلاردىن بىر يۈز ئەللىك كىشى مېنىڭ داستىخىنىمدىن غىزالىناتتى. ‏18 ھەر كۈنى مېنىڭ خىراجىتىمدە بىر كالا ۋە ئالتە دانە خىللانغان قوي تەييارلىناتتى، بۇنىڭغا قوشۇپ قۇشلارمۇ تەييارلىناتتى ۋە ھەر ئونىنچى كۈنى ھەر خىل شاراب سېخىيلەرچە بېرىلەتتى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ۋالىيلىقنىڭ نېنىنى تەلەپ قىلمىدىم، چۈنكى خەلقنىڭ ئۈستىدىكى يۈك ئېغىر ئىدى.
‏19 ئەي خۇدايىم، مېنىڭ بۇ خەلق ئۈچۈن قىلغىنىمنىڭ ھەممىسىنى ياد ئېتىپ، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.