4
1 سانبالات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونىيلار ۋە ئاشدودلۇقلارنىڭ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى قايتا قۇرۇلۇش ئىشى ئالغا باسىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يېرىقلىرىنىڭ ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قاتتىق غەزەپلەندى. 2 ئۇلار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ ئىچىگە پاراكەندىچىلىك سېلىشنى قەستلىدى. 3 لېكىن بىز خۇدايىمىزغا دۇئا قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئۇلارغا قارشى قاراۋۇل قويدۇق. 4 يەھۇدىيلار: «ئىشچىلارنىڭ كۈچى كېتىپ قالدى. خارابىلىك ئەخلەتلەر بەك كۆپ بولغاچقا بىز سېپىلنى پۈتۈرەلمەيمىز» دېدى. 5 دۈشمەنلىرىمىز بولسا: «ئۇلار ھېچنېمىنى ئاڭلاپ كۆرمەستە بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئىشىنى توختىتىۋېتىمىز» دېيىشقانىدى.
6 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇشلۇق يەھۇدىيلار ئون قېتىمچە بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ: «ئۇلار ھەر تەرەپتىن بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 7 شۇڭا مەن خەلقنى ئۆز جەمەتلىرى بويىچە سېپىلنىڭ كەينىدىكى پەس ۋە ئوچۇق يەرلەردە قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالىرى بىلەن قوراللانغان ھالدا سەپكە تىزدىم. 8 مەن ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئەسىلزادىلەر، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلققە: «سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار، بەلكى قورقۇنچلۇق ئۇلۇغ ئىگىمىزنى ياد ئېتىڭلار. ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆيلىرىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار» دېدىم.
9 دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىلىپ قالغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، خۇدا ئۇلارنىڭ غەرىزىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز سېپىلغا قايتىپ كېلىپ، ھەربىرىمىز يەنە ئۆز ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. 10 ئۇ كۈندىن تارتىپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ يېرىمى ئىشلەپ تۇردى، يەنە يېرىمى نەيزە، قالقان ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان ۋە زەنجىر ساۋۇتلارنى كىيگەن ھالدا تۇرۇشتى. باشلىقلار بولسا سېپىلنى ياساۋاتقان پۈتۈن يەھۇدا جەمەتىنىڭ كەينىدە تۇرىدىغان بولدى. 11 يۈك كۆتۈرگۈچىلەر بىر قولى بىلەن ئىش قىلىپ، يەنە بىر قولى بىلەن قورال تۇتاتتى. 12 قۇرۇلۇشچىلار قىلىچىنى بېلىگە ئاسقان ھالدا سېپىلنى ياسايتتى. بۇرغا چالغۇچى بولسا مېنىڭ يېنىمدا تۇراتتى. ■
13 مەن ئېسىلزادىلەر، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلققە: «قىلىدىغان ئىش چوڭ، دائىرىسى كەڭ. مانا، بىز سېپىلدا بۆلەك-بۆلەك تۇرۇشۇپ، بىر-بىرىمىزدىن يىراق تۇرىمىز. 14 شۇڭا سىلەر بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، ئاۋاز چىققان يەرگە بىزنىڭ يېنىمىزغا يىغىلىپ كېلىڭلار. خۇدايىمىز بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ» دېدىم.
15 بۇ تەرىقىدە تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ يۇلتۇزلار كۆرۈنگۈچە بىز ئىشلەپ تۇردۇق ۋە يېرىمىمىز نەيزە بىلەن قوراللىنىپ تۇرۇشتۇق. 16 شۇ ۋاقىتتا مەن خەلققە: «ھەر كىشى ئۆز خىزمەتكارىنى بىللە ئېلىپ، يېرۇسالېم ئىچىدە قونسۇن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېچىسى بىز ئۈچۈن قاراۋۇللۇق قىلسۇن، كۈندۈزى ئىش قىلسۇن» دېدىم. 17 بۇنىڭ ئۈچۈن مەن، قېرىنداشلىرىم، خىزمەتكارلىرىم ياكى يېنىمدىكى مۇھاپىزەتچىلەر بولسۇن، ھېچقايسىمىز كىيىملىرىمىزنى سالمىدۇق، ھەتتا سۇغا بارغاندىمۇ، چوراللىرىنى كۆتۈرۈپ باراتتۇق.