يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى قايتا ياسىلىدۇ
3
‏1 باش كاھىن ئەلياشىب ۋە ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى ئىشقا چۈشۈپ، قوي دەرۋازىسىنى قايتىدىن ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. ئاندىن ئۇلار مېئاھ مۇنارىغىچە سېپىلنى قايتا ياساپ، ئۇنى خۇداغا ئاتاپ پاكلىدى ۋە خانانەئەل مۇنارىغىچىمۇ شۇنداق قىلدى.   
‏2 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى يېرىخونىڭ ئادەملىرى ياسىدى، يەنە كېيىنكى قىسمىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى.
‏3 ھاسسەنائاھنىڭ ئوغۇللىرى بېلىق دەرۋازىسىنى ياساپ، ئۇنىڭ لىملىرىنى سېلىپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى بېكىتتى.
‏4 سېپىلنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى ھاقوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرىموت ئوڭلىدى. يەنە كېيىنكى قىسمىنى مەشېزابەلنىڭ نەۋرىسى، بەرەكيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ئوڭلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى بائانانىڭ ئوغلى سادوق ئوڭلىدى.
‏5 ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى تەقوئالىقلار ئوڭلىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز خوجىسىنىڭ ئىشىغا ھەسسە قوشۇشنى خالىمىدى.
‏6 پاسېئاھنىڭ ئوغلى يويادا ۋە بەسوديانىڭ ئوغلى مەشۇللام كونا دەرۋازىنى ياساپ، ئۇنىڭ لىملىرىنى سېلىپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى بېكىتتى.
‏7 سېپىلنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى گىبېئونلۇق مەلاتيا ۋە مېرونوتلۇق يادون ھەمدە گىبېئون بىلەن مىسپاھنىڭ ئادەملىرى ئوڭلىدى. مىسپاھتا فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى زېمىننى باشقۇرىدىغان ۋالىي تۇراتتى.   
‏8 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى زەرگەرلەردىن بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىئەل ئوڭلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى ئەتىرچىلەردىن بولغان خانانيا ئوڭلىدى. ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى قېلىن تامغىچە ئوڭلىدى.
‏9 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى بولغان خۇرنىڭ ئوغلى رەفايان ئوڭلىدى. ‏10 ئۇنىڭ يېنىدا خارۇمافنىڭ ئوغلى يەدايا ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ئوڭلاپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى خاشابنىيانىڭ ئوغلى خاتتۇش ئوڭلىدى.
‏11 خارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا ۋە پاخەت-موئابنىڭ ئوغلى خاششۇب كېيىنكى قىسمى ۋە تونۇرلار مۇنارىنى ئوڭلىدى.
‏12 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ ئىككىنچى يېرىمىنىڭ ھاكىمى بولغان ھالوخەشنىڭ ئوغلى شاللۇم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى ئوڭلىدى.
‏13 خانۇن ۋە زانوئاھلىقلار ۋادى دەرۋازىسىنى ئوڭلاپ ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى بېكىتتى ۋە يەنە قىغ دەرۋازىسىغىچە بىر مىڭ گەز سېپىلنى ياسىدى.
‏14 بەيت-ھاككەرەمنىڭ يۇرتىنىڭ ھاكىمى بولغان رېكابنىڭ ئوغلى مالكىيا قىغ دەرۋازىسىنى ئوڭلاپ ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى بېكىتتى.
 
‏15 مىسپاھ يۇرتىنىڭ ھاكىمى بولغان كولخوزەنىڭ ئوغلى شاللۇن بۇلاق دەرۋازىسىنى ئوڭلاپ ياساپ، ئۆگزىسىنى سېلىپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى بېكىتتى ۋە يەنە شاھانە باغنىڭ يېنىدىكى سىلوئام كۆلىنىڭ سېپىلنى داۋۇدنىڭ شەھىرىدىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە ئوڭلىدى.
‏16 بەيت-زۇرنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى بولغان ئازبۇقنىڭ ئوغلى نەھەمىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى داۋۇدنىڭ قەبرىلىرىگە ۋە سۈنئىي كۆلگە يېتىپ، پالۋانلارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىغىچە بولغان قىسمىنى ئوڭلىدى.
‏17 ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى لاۋىيلار ئوڭلىدى، يەنى بانىنىڭ ئوغلى رېخۇم بىر قىسمىنى ئوڭلىدى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى قېئىلانىڭ يېرىم يۇرتىنىڭ ھاكىمى خاشابيا ئوڭلىدى. بۇ ئۇنىڭ يۇرتىغا تەگكەن ھەسسىسى ئىدى.
‏18 ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى، يەنى قېئىلانىڭ ئىككىنچى يېرىمىنىڭ ھاكىمى بولغان خېنادادنىڭ ئوغلى باۋۋاي ئوڭلىدى.
‏19 ئۇنىڭ يېنىدا مىسپاھنىڭ ھاكىمى بولغان يەشۇئانىڭ ئوغلى ئېزەر سېپىلنىڭ كېيىنكى قىسمىنى، يەنى قورال-ياراغ ئامبىرىغا چىقىدىغان جايدىكى دوقمۇشقىچە بولغان قىسمىنى ئوڭلىدى.
‏20 زابباينىڭ ئوغلى بارۇخ ئەستايىدىللىك بىلەن ئىشلەپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى دوقمۇشتىن تارتىپ باش كاھىن ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىغىچە بولغان قىسمىنى ئوڭلىدى.
‏21 ھاقوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرىموت ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىدىن باشلاپ ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان قىسمىنى ئوڭلىدى.
‏22 ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى تۈزلەڭلىكتە ئولتۇرۇشلۇق كاھىنلار ئوڭلىدى.
‏23 بەنيامىن ۋە خاششۇب ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ئوڭلىدى. ئانانيانىڭ نەۋرىسى، مائاسېيانىڭ ئوغلى ئازاريا ئۇلاردىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ئوڭلىدى.
‏24 خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى ئازاريانىڭ ئۆيىدىن تارتىپ دوقمۇشى بىلەن بۇلۇڭغىچە بولغان قىسمىنى ئوڭلىدى.
‏25 ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال دوقمۇشنىڭ ئۇدۇلىدىن تارتىپ زىنداننىڭ يېنىدىكى ئۈستۈنكى ئوردىدىن تاشقىرىغا چىقىپ تۇرغان مۇنارنىڭ ئۇدۇلىغىچە بىر قىسمىنى ئوڭلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى پاروسنىڭ ئوغلى پەدايا ئوڭلىدى.
‏26 ئوفەلدە ئولتۇرۇشلۇق ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى شەرق تەرەپتىكى سۇ دەرۋازىسى ئۇدۇلىغىچە، ئېگىز مۇنارغىچە بولغان قىسمىنى ئوڭلىدى.   
‏27 تەقوئالىقلار ئۇلاردىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى ئېگىز چوڭ مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىن تارتىپ ئوفەلنىڭ سېپىلىغىچە بولغان قىسمىنى ئوڭلىدى.
‏28 ئات دەرۋازىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىنى كاھىنلار ئوڭلىدى. ھەربىرى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ئوڭلىدى.
‏29 ئىممەرنىڭ ئوغلى سادوق ئۇلاردىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ئوڭلىدى. ئۇلاردىن كېيىنكى قىسمىنى شەكانيانىڭ ئوغلى شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى شەمايا ئوڭلىدى.
‏30 شېلەميانىڭ ئوغلى خانانيا ۋە زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى خانۇن ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى ئوڭلىدى. بەرەكيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ئۇلاردىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى ئۆز ھويلىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ئوڭلىدى.
‏31 زەرگەرلەردىن بولغان مالكىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنى، يەنى ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ، كۆزەت دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلى ۋە دوقمۇشتىكى بالىھانىسىغىچە ئوڭلىدى.
‏32 دوقمۇشتىكى مۇنار بىلەن قوي دەرۋازىسىنىڭ ئارىلىقىنى زەرگەرلەر ۋە سودىگەرلەر ئوڭلىدى.
 
سېپىلنىڭ ياسىلىشى توسقۇنلۇقلارغا قارىماي داۋاملىشىدۇ
‏33 سانبالات بىزنىڭ سېپىلنى قايتىدىن ياساۋاتقىنىمىزنى ئاڭلىغىنىدا ئاچچىقى كېلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ يەھۇدىيلارنى مەسخىرە قىلىپ، ‏34 ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە سامارىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدا: «بۇ زەئىپ يەھۇدىيلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇستەھكەملىمەكچىمۇ؟ يەنە قۇربانلىقلارنى سۇنماقچىمۇ؟ بۇ ئىشنى بىر كۈندە پۈتكۈزەلەمدىكەن؟ ئۇلار كۆيۈپ كەتكەن تاشلارنى خارابىلىكلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ، ئۇلارغا جان كىرگۈزەمدىكەن؟» دېدى. ‏35 ئاممونىيلاردىن بولغان توبىيا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: «ئۇلار قانچە ياسىسىمۇ، بىر تۈلكە سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقسا، ئۇلارنىڭ تاش تېمىنى ئۆرۈۋېتىدۇ!» دېدى.
‏36 – ئەي خۇدايىمىز، ئاڭلىغىن. شۇنچە خورلۇق تارتىمىز. ئۇلارنىڭ قىلغان ھاقارەتلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن. ئۇلارنى ئەسىرلىككە چۈشۈرۈپ، ئېلىپ بېرىلغان ياقا يۇرتتا تالان-تاراج قىلىنىشقا تاپشۇرغايسەن. ‏37 ئۇلار قۇرۇلۇشچىلارغا خاپىلىق سالغىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ھەرگىز ياپمىغايسەن، گۇناھلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن. –
‏38 لېكىن بىز سېپىلنى ياساۋەردۇق. خەلق كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەچكە، سېپىل يېرىم ئېگىزلىكىگىچە ياسىلىپ، تۇتاشتۇرۇلدى.
يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى (نەھەمىيا قايتا قۇرغان) (نەھ. 3)