ئارتاخشاستا پادىشاھ نەھەمىيانى يېرۇسالېمغا ئەۋەتىدۇ
2
‏1 ئارتاخشاستا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلى نىسان ئېيىدا مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرغان شارابنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم. مۇندىن ئىلگىرى مەن ھېچقاچان پادىشاھنىڭ ئالدىدا غەمكىن ھالەتتە بولمىغانىدىم. ‏2 پادىشاھ ماڭا: «سەن كېسەل بولماي تۇرۇپ، نېمىشقا چىرايىڭ غەمكىن كۆرۈنىدۇ؟ جەزمەن كۆڭلۈڭ بىئارام بولسا كېرەك» دېگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كەتتىم. ‏3 مەن پادىشاھقا: «پادىشاھ مەڭگۈ ياشىسۇن! ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى بار شەھەر خارابىلىككە ئايلىنىپ، دەرۋازىلىرى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن بولسا چىرايىم قانداقمۇ غەمكىن كۆرۈنمىسۇن؟» دېدىم. ‏4 پادىشاھ مەندىن: «نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟» دەپ سورىسا، مەن ئاسمانلارنىڭ خۇداسىغا دۇئا قىلىپ، ئاندىن پادىشاھقا سۆزلەپ: ‏5 «ئەگەر بۇ ئىش پادىشاھقا مۇۋاپىق كۆرۈنۈپ، مەن قۇلۇڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سەن مېنى يەھۇدىيەگە ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى بار شەھەرگە ئەۋەتكەيسەن. مەن ئۇنى يېڭىباشتىن ياساي» دېدىم. ‏6 پادىشاھ خانىش ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھالدا، مەندىن: «سەپىرىڭگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن پادىشاھنىڭ مېنى ئەۋەتىشكە رازى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بىر ۋاقىتنى دەپ بەردىم.
‏7 ئاندىن كېيىن مەن پادىشاھقا ئىلتىماس قىلىپ: «ئەگەر پادىشاھ مۇۋاپىق كۆرسە، مەن يەھۇدىيەگە يېتىپ بارغۇچە مېنىڭ ئۆتۈشۈمگە يول قويسۇن دەپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ۋالىيلارغا خەتلەر يېزىلىپ ماڭا بېرىلسۇن. ‏8 بۇنىڭدىن باشقا، پادىشاھلىق ئورمانلىقىنىڭ مەسئۇلى ئاسافقىمۇ بىر خەت بېرىلىپ: ‹بەيتكە تەئەللۇق قەلئەنىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەرنىڭ سېپىلى ۋە ئۆزۈم ئولتۇرىدىغان ئۆي ئۈچۈن ئىشلەتكىلى ماڭا ياغاچ بەرسۇن› دەپ بۇيرۇلسۇن» دېسەم، خۇدايىمنىڭ ياخشى قولى ئۈستۈمدە بولغاچقا پادىشاھ مېنىڭ ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلدى. ‏9 مەن فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ۋالىيلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە پادىشاھنىڭ خېتىنى ئۇلارغا بەردىم. پادىشاھ يەنە قوشۇن سەردارلىرى ۋە ئاتلىقلارنى مەن بىلەن بىللە بېرىشقا ئەۋەتكەنىدى.
‏10 خورونىيلاردىن بولغان سانبالات ۋە ئاممونىيلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بەنى ئىسرائىلغا ياخشىلىق قىلغىلى بىر ئادەم كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ئىچى پۇشتى.
 
نەھەمىيا يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ تەكشۈرىدۇ
‏11 مەن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ‏12 كېچىسى مەن ۋە ماڭا ھەمراھ بولغان بىرنەچچە ئادەم ئورنىمىزدىن تۇردۇق. خۇدايىمنىڭ مېنىڭ كۆڭلۈمگە يېرۇسالېم ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا سېلىپ بەرگىنىنى ھېچكىمگە ئېيتىپ بەرمىگەنىدىم. ئۆزۈم مىنگەن ئۇلاغدىن باشقا ھېچ ھايۋاننىمۇ بىللە ئالماي، ‏13 كېچىسى ۋادى دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ئەجدىھا بۇلىقى ۋە قىغ دەرۋازىسىنىڭ تەرىپىگە مېڭىپ بېرىپ، يېرۇسالېمنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن سېپىللىرىنى ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن دەرۋازىلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۈم. ‏14 ئاندىن كېيىن مەن بۇلاق دەرۋازىسى ۋە شاھ كۆلىنىڭ تەرىپىگە بارسام، تېگىمدىكى ئۇلاغقا ئۆتكىلى جاي يوق ئىدى. ‏15 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن كېچىسى جىلغا بىلەن يۈرۈپ، سېپىللارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ، ۋادى دەرۋازىسى ئارقىلىق كىرىپ، قايتىپ كەلدىم.
‏16 لېكىن ئەمەلدارلار مېنىڭ قەيەرگە بېرىپ، نېمە قىلغىنىمنى بىلمەي قالدى. مەن شۇ ۋاقىتقىچە يەھۇدىيلارغا، كاھىنلار، ئېسىلزادىلەر، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خىزمەت قىلىدىغانلارغا ھېچنېمە ئېيتمىغانىدىم. ‏17 ئەمما ئاندىن كېيىن مەن ئۇلارغا: «سىلەر بىزنىڭ قانداق ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىمىزنى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ خارابىگە ئايلانغانلىقىنى، دەرۋازىلىرىنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگىنىنى كۆردۈڭلار. ئەمدى كېلىڭلار. بىز يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى قايتىدىن ياساپ، ھاقارەتكە يەنە يول قويۇپ بېرىۋەرمەيلى» دېدىم. ‏18 خۇدايىمنىڭ ياخشى قولى مېنىڭ ئۈستۈمدە بولغانلىقىنى ۋە پادىشاھنىڭ ماڭا نېمە دېگەنلىرىنى ئېيتىپ بەرسەم، ئۇلار: «بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۇنى ياسايلى» دەپ، بۇ ياخشى ئىش ئۈچۈن كۈچىنى قوشۇشقا بەل باغلىدى.   
‏19 لېكىن خورونىيلاردىن بولغان سانبالات، ئاممونىيلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا ۋە ئەرەب كىشى گېشەم بۇنى ئاڭلىغاندا بىزنى مەسخىرە قىلىپ كەمسىتىپ: «سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ سىلەر پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمۇ؟» دېيىشتى. ‏20 مەن ئۇلارغا: «ئاسمانلارنىڭ خۇداسى بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇڭا بىز، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى، قايتا ياساش ئىشىنى باشلايمىز. لېكىن سىلەر يېرۇسالېمدا نېسىۋەڭلار، ھوقۇقۇڭلار ياكى تارىخىي خاتىرەڭلار يوق» دېدىم.