ئەييۇب
ئەييۇب ئىخلاسمەن ئادەم
1
1 ئۇز دېگەن يۇرتتا ئەييۇب ئىسىملىك بىر ئادەم ياشايتتى. ئۇ كامىل ۋە دۇرۇس ئادەم ئىدى، خۇدادىن قورقۇپ، يامانلىقتىن قاچاتتى. 2 ئۇنىڭ يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىزى بار ئىدى. 3 ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قويى، ئۈچ مىڭ تۆگىسى، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈزى ۋە بەش يۈز مادا ئېشىكى ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلىرى بار بولۇپ، شەرقتىكىلەر ئىچىدە ئەڭ كاتتىسى ئۇ ئىدى. 4 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بېكىتىلگەن كۈنلەردە ئۆيلىرىدە نۆۋەت بىلەن زىياپەت بېرىپ، ئۈچ سىڭلىسىنىمۇ بىللە يەپ-ئىچىپ غىزالىنىشقا چاقىرىشاتتى. 5 بۇ زىياپەت كۈنلىرى ئاياغلىشىشى بىلەن ئەييۇب ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى پاكلىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئۇ سەھەر تۇرۇپ ھەربىرىگە ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ: «بالىلىرىم گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، كۆڭۈللىرىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. ئەييۇب ھەر دائىم شۇنداق قىلىپ تۇراتتى.
شايتاننىڭ ئەييۇبنى ئەيىبلىشى
6 بىر كۈنى ‹خۇدانىڭ ئوغۇللىرى› پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولغىنىدا، شايتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ■ 7 پەرۋەردىگار شەيتاندىن: «قەيەردىن كەلدىڭ؟» دەپ سورىدى. شەيتان: «ئۇياق-بۇياقلارنى كېزىپ يەر يۈزىنى ئايلىنىپ كەلدىم» دېدى جاۋابەن. 8 پەرۋەردىگار شەيتانغا: «خىزمەتكارىم ئەييۇبقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك خۇدادىن قورقۇپ، يامانلىقتىن قاچىدىغان كامىل ۋە دۇرۇس كىشى يوقتۇر» دېدى. 9 شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ دېدىكى: «ئەييۇب خۇدادىن بىكاردىن-بىكار قورقمىغاندۇ؟ 10 سەن ئۆزۈڭ ئۇنىڭ ھەم ئائىلىسىنىڭ ۋە ئېرىشكەن ھەممە نەرسىسىنىڭ ئەتراپىنى توسۇقلار بىلەن قورشاپ قوغدىمىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ قوللىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلدىڭ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەئەللۇقاتى ئاۋۇپ روناق تاپتى. 11 ئەگەر قولۇڭنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭ ئېرىشكەن ھەممە نەرسىسىنى يوقىتىۋەتسەڭ، ئۇ چوقۇم سەندىن يۈز ئۆرۈپ ساڭا لەنەت ئوقۇيدۇ». 12 پەرۋەردىگار شەيتانغا: «ماقۇل، ئۇنىڭ بارىنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىگە قول تەگكۈزكۈچى بولما» دېدى. شۇنىڭ بىلەن شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى.
ئەييۇبنىڭ ھەممىدىن ئايرىلىشى
13 بىر كۈنى ئەييۇبنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە غىزالىنىپ شاراب ئىچىپ ئولتۇرغاندا، 14 بىر خەۋەرچى كېلىپ ئەييۇبقا مۇنداق دېدى: «ئۆكۈزلەر يەر ھەيدەۋاتاتتى ۋە ئېشەكلەر ئەتراپتا ئوتلاۋاتاتتى، 15 شېبالىقلار بېسىپ كېلىپ ئۇلارنى بۇلاپ كەتتى، ئىشلەۋاتقان يىگىتلەرنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قېلىپ، ساڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم».
16 ئۇنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا باشقا بىر خەۋەرچى كېلىپ: «ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ، قويلار ۋە يىگىتلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قېلىپ، ساڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم» دېدى.
17 ئۇ تېخى گەپ قىلىۋاتقاندا يەنە بىر كىشى كېلىپ خەۋەر بېرىپ: «كالدىيلار ئۈچ قولغا بۆلۈنۈپ تۆگىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى، ئىشلەۋاتقان يىگىتلەرنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قېلىپ، ساڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم» دېدى.
18 ئۇ تېخى گەپ قىلىۋاتقاندا يەنە بىر كىشى كېلىپ خەۋەر بېرىپ: «ئوغۇل-قىزلىرىڭ چوڭ ئاكىلىرىنىڭ ئۆيىدە غىزالىنىپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇرغىنىدا، 19 تۇيۇقسىز، چۆلدىن شىددەتلىك بىر بوران كېلىپ، ئۆينىڭ تۆت تەرىپىگە شۇنداق ئۇردىكى، ئۆي بالىلارنىڭ ئۈستىگە غۇلاپ چۈشتى ۋە ھەممىسى ئۆلدى. يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قېلىپ، ساڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم» دېدى.
20 ئەييۇب بۇنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن دەس تۇردى ۋە تونىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ، يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلدى. 21 ئۇ: «ئانامنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چىقتىم، يەنە يالىڭاچ قايتىمەن. پەرۋەردىگار بەردى، پەرۋەردىگار ئالدى، پەرۋەردىگارنىڭ نامى مۇبارەك بولسۇن» دېدى. 22 بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەييۇب گۇناھ قىلمىدى ۋە خۇدانى ھېچقانداق نالايىقلىق بىلەن ئەيىبلىمىدى.