زەبۇر
بىرىنچى بۆلۈم - زەبۇر 1-41
1
‏1 كىمكى يامانلارنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالماي،
گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرماي،
مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ مەجلىسىدىمۇ ئولتۇرماي،
‏2 بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدىن شادلىنىپ،
كېچە-كۈندۈز ئۇنى ئويلاپ تۇرسا، بەختلىك بولۇر!   
‏3 ئۇ سۇ ئېرىقلىرىنىڭ بويىغا تىكىلگەن،
ئۆز ۋاقتىدا مېۋىسىنى بېرىدىغان،
يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر.
ئۇ نېمە قىلسا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇر.
 
‏4 يامانلار ئۇنداق ئەمەس.
ئۇلار شامال توزۇتۇۋەتكەن سامانغا ئوخشايدۇ.
‏5 شۇنىڭ ئۈچۈن يامانلار ھۆكۈم كۈنىدە تىك تۇرالماس.
گۇناھكارلارغا ھەققانىيلار جامائىتىدە ئورۇن بولماس.
‏6 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى بىلىدۇ،
ئەمما يامانلارنىڭ يولى ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ.