پەند-نەسىھەتلەر
ھېكمەتلىك سۆزلەرگە قۇلاق سېلىشنىڭ ئەھمىيىتى
1
‏1 داۋۇدنىڭ ئوغلى، ئىسرائىل پادىشاھى سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى.
 
‏2 بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر بىزنىڭ
ھېكمەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىنىشىمىز،
دانالىققا تولغان سۆزلەرنى چۈشىنىشىمىز،
‏3 تەربىيە-نەسىھەت قوبۇل قىلىشىمىز،
ھەققانىي، ئادىل ۋە دۇرۇس بولۇشىمىز ئۈچۈن بېرىلدى.
‏4 ئۇلار ساددىلارغا ھوشيارلىق بېرەر،
ياشلارنى بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار.
 
‏5 دانا كىشى بۇلارنى ئاڭلاپ بىلىمىنى ئاشۇرار،
ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى مەسلىھەتكە ئېرىشەر.
‏6 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماقال-تەمسىللەرنى،
دانىشمەنلەرنىڭ چوڭقۇر سۆزلىرى
ۋە تېپىشماقلىرىنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ.
‏7 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئىلىم-ھېكمەتنىڭ باشلىنىشىدۇر.
ئەمما ئەخمەقلەر ھېكمەت ۋە نەسىھەتنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
‏8 ئەي ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالغىن،
ئاناڭنىڭ تەلىمىنى تاشلىمىغىن.
‏9 چۈنكى ئۇلار بېشىڭغا تاقالغان بىر گۈزەل تاجدەك بولار،
بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجاندەك بولار.
 
‏10 ئەي ئوغلۇم، گۇناھكارلار سېنى ئازدۇرسا،
ئۇلارغا ئەگەشمىگىن.
‏11 ئۇلار: «بىز بىلەن بارغىن، قان تۆكۈش ئۈچۈن مۆكۈپ ياتايلى،
سەۋەب بولمىسىمۇ بىگۇناھ كىشىگە تۇزاق قۇرايلى.
‏12 ئۆلۈكلەر دىيارىدەك كىشىلەرنى يۇتۇۋېتەيلى،
گۆردەك ئۇلارنى تىرىك يەپ كېتەيلى.
‏13 ھەر خىل قىممەتلىك مال تاپايلى،
ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرايلى.
‏14 بىز بىلەن شېرىك بولغىن،
پۇل خالتىمىز بىر بولسۇن» دېسىمۇ،
‏15 ئەي ئوغلۇم، ئۇلار بىلەن ھەمراھ بولمىغىن،
پۇتۇڭنى ئۇلارنىڭ يولىدىن تارتقىن.
‏16 چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى يامانلىققا يۈگۈرىدۇ،
ئۇلار قان تۆكۈشكە ئالدىرايدۇ.
‏17 قۇشلارنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا
تور يېيىپ قويۇشنىڭ پايدىسى يوق.
‏18 لېكىن بۇ ئادەملەر ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن مۆكۈپ ياتىدۇ،
ئۆز جانلىرىغا تۇزاق قۇرىدۇ.
‏19 ھارام پايدىنى كۆزلىگەن كىشىلەرنىڭ يوللىرى شۇنداق بولار،
مۇنداق پايدا ئىگىسىنىڭ جېنىنى ئالار.
 
‏20 ھېكمەت كوچىلاردا چاقىرىپ،
بازارلاردا ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ،
‏21 كوچا باشلىرىدا جاكارلاپ،
شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
‏22 ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقنى ياخشى كۆرىسىلەر؟
ئەي مەسخىرە قىلغۇچىلار، قاچانغىچە مەسخىرە قىلىشتىن سۆيۈنىسىلەر؟
ئەي ئەخمەقلەر، قاچانغىچە ئىلىم-ھېكمەتتىن نەپرەتلىنىسىلەر؟
‏23 ماڭا قۇلاق سېلىپ، نەسىھەتىمنى ئاڭلاڭلار!
مانا، كۆڭلۈمدىكىنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرىمەن،
سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرىمەن.
‏24 لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار،
قولۇمنى ئۇزاتسام قارىمىدىڭلار.
‏25 مەسلىھەتىمنى تاشلاپ،
نەسىھەتىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار.
‏26 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بېشىڭلارغا بالا-قازا كەلگەن كۈندە كۈلىمەن،
ۋەھىمىلەر ئۈستۈڭلارغا كەلگەندە زاڭلىق قىلىمەن.
‏27 ۋەھىمە ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن توپاندەك كەلگەندە،
بالايىئاپەت بىر بوراندەك چىققاندا،
دەرد-ئەلەم ۋە غەم-قايغۇ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە،
‏28 ئۇلار ماڭا نالە قىلسا، مەن جاۋاب بەرمەيمەن،
مېنى قانچە ئىزدىسىمۇ مېنى تاپالمايدۇ.
‏29 ئۇلار ئىلىم-ھېكمەتتىن نەپرەتلىنىپ،
پەرۋەردىگاردىن قورقۇشنى خالىماي،
‏30 مېنىڭ مەسلىھەتىمگە ئۇنىماي،
ھەممە نەسىھەتىمنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن،
‏31 ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنىڭ مېۋىسىنى يەپ،
ئۆز مەسلىھەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن تويىدۇ.
‏32 چۈنكى جاھىللار مەندىن يۈز ئۆرۈگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ،
ئەخمەقلەرنىڭ بىغەملىقى ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.
‏33 لېكىن ماڭا قۇلاق سالغان كىشى تىنچ-ئامان تۇرىدۇ،
بالا-قازادىن قورقماي خاتىرجەم بولىدۇ.