ۋەز ئېيتقۇچى
خەممە نەرسە بىھۇدىلىكتۇر
1
1 يېرۇسالېمدا پادىشاھ بولغان داۋۇدنىڭ ئوغلى «ۋەز ئېيتقۇچى»نىڭ سۆزلىرى. ■ 2 «بىھۇدە، بىھۇدە» دەيدۇ ۋەز ئېيتقۇچى،
«ھەممىسى بىھۇدىدۇر».
3 ئىنسان قۇياش ئاستىدا سەرپ قىلغان
پۈتۈن جاپالىق ئەمگىكىدىن نېمە پايدىغا ئېرىشەر؟
4 بىر نەسىل ئۆتۈپ كېتەر، يەنە بىر نەسىل كېلەر،
لېكىن يەر-زېمىن مەڭگۈگە قالار.
5 كۈن چىقار، كۈن پاتار
ۋە چىقىدىغان يېرىگە ئالدىراپ ماڭار.
6 شامال جەنۇبقا كېتەر، يەنە شىمالغا بۇرۇلار.
ئايلىنىپ-ئايلىنىپ، دەۋرىنى تامام قىلىپ ئۆز يولىغا قايتار.
7 پۈتۈن دەريالار دېڭىزغا قاراپ ئاقار،
لېكىن دېڭىز تولماس.
دەريالار چىققان جايىغا قايتار.
8 ھەممە ئىشلار جاپالىق.
ئىنسان ھەممىنى بايان قىلىپ تۈگىتەلمەس.
كۆز كۆرۈشتىن تويماس، قۇلاق ئاڭلاشتىن.
9 بولغان ئىشلار يەنە بولىدۇ،
ئۆتكەن ۋەقەلەر يەنە يۈز بېرىدۇ.
قۇياش ئاستىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوقتۇر.
10 «قاراڭلار بۇ يەڭىكەن!» دېگۈدەك بىرەر نەرسە بارمۇ؟
ھەممىسى بىزدىن بۇرۇنقى زاماندىلا بار ئىشلار.
11 ئۆتكەنلەر ئەسلەنمەس،
كېيىن كېلىدىغانلار ھازىرقىلارنى ياد ئەتمەس.
ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ ھېقمەت ئىزدىشى
12 مەن ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى، يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ ئىدىم. 13 ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ۋەقەلەرنى ھېكمەت بىلەن چوڭقۇر ئويلىنىپ چۈشىنىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويدۇم. خۇدا ئادەم بالىلىرىغا ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلىپ ئۇپرىتىشى ئۈچۈن بۇ مۇشەققەتلىك ئىشنى بەردى. 14 ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ئىشلارغا قارىسام، مانا، ھەممىسى بىھۇدىدۇر، شامالنى قوغلىغانلىقتۇر.
15 ئەگرىنى تۈزلىگىلى بولماس
ۋە يوق نەرسە ھېسابقا ئېلىنماس.
16 مەن ئۆز كۆڭلۈمدە: «مانا، مەن ئۇلۇغ دانالىققا ئېرىشىپ، مەندىن بۇرۇن يېرۇسالېمدا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىدىن دانىشمەن بولدۇم. كۆڭلۈم كۆپ ھېكمەت ۋە بىلىم تاپتى» دېدىم. 17 لېكىن مەن ھېكمەتنى چۈشىنىشكە، شۇنداقلا ئەخمەقلىق ۋە تەلۋىلىكنى چۈشىنىشكە كۆڭۈل قويسام، بۇ ئىشمۇ ماڭا شامالنى قوغلىغاندەك بولدى.
18 چۈنكى ھېكمەت كۆپ بولسا غەممۇ كۆپ بولار.
بىلىمىنى ئاشۇرغان كىشى دەردىنىمۇ ئاشۇرار.