پادىشاھنىڭ ئانىسىنىڭ نەسىھىتى
31
‏1 لەمۇئەل پادىشاھنىڭ ئۆز ئانىسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئۆگەتكەن سۆزلىرى:
 
‏2 ئەي ئوغلۇم، ئەي قورسىقىمنىڭ مېۋىسى،
ئەي مەن خۇداغا ۋەدە قىلىپ ئۇنىڭدىن تىلىگەن ئوغلۇم،
مەن ساڭا نېمە دېسەم بولار؟
‏3 كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئاياللارغا بەرمىگىن،
پادىشاھلارنى ۋەيران قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئۆزۈڭنى بەرمىگىن.
‏4 بىر ئىش پادىشاھلارغا ماسلاشمەس، ئەي لەمۇئەل:
شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا ماسلاشمەس،
ھاراق ئىچىش ئەمىرلەرگە ياراشماس.
‏5 بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىۋېلىپ قانۇننى ئۇنتۇپ قالار
ۋە ھەممە بىچارىلەرنىڭ ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلار.
‏6 بەلكى ھالاكەتكە يېقىن بولغانلارغا ھاراق ئىچۈرگىن،
كۆڭلى غەمگە تولغانلارغا شاراب بەرگىن.
‏7 ئۇنداق كىشى شاراب ئىچىپ ئۆز بىچارىلىكىنى ئۇنتۇسۇن،
مۇشەققەتلىرىنى يادىدىن چىقارسۇن.
‏8 سۆزلىيەلمەيدىغانلار ئۈچۈن سۆزلىگىن،
ئاجىزلارنىڭ دەۋاسى ئۈچۈن ئاغزىڭنى ئاچقىن.
‏9 ئاغزىڭنى ئېچىپ ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغىن،
كەمبەغەل-بىچارىلەرنىڭ ھەقلىرىنى قوغدىغىن.
 
پەزىلەتلىك ئايال
‏10 پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟
ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى مەرۋايىتتىن ئۈستۈن.
 
‏11 ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنار،
ئۇنىڭ ئېرى ھېچ نەرسىگە موھتاج بولماس.
‏12 ئۇ ئېرىگە ئۆمۈر بويى ياخشىلىق قىلار،
ئۇنىڭغا ھېچ يامانلىق قىلماس.
‏13 ئۇ يۇڭ ۋە كەندىر ئىزدەپ تېپىپ،
ئۆز قولىدا چېۋەرلىك بىلەن ئىش قىلار.
‏14 ئۇ سودىگەرنىڭ كېمىلىرىدەك بولۇپ،
رىزقىنى يىراقتىن ئېلىپ كېلەر.
‏15 ئۇ تاڭ ئاتماستا قوپۇپ،
ئائىلىسىدىكىلەرگە تاماق تەييارلار،
خىزمەتكارلىرىغا تېگىشلىكىنى بېرەر.
‏16 ئۇ بىر ئېتىزلىقنى خالىسا، ئۇنى سېتىۋالار،
ئۆز قولىنىڭ چېۋەرلىكى بىلەن تاپقىنىغا
بىر ئۈزۈمزارلىقنى بەرپا قىلار.
‏17 ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار،
بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر.
‏18 ئۇ ئۆز ئىشىنىڭ پايدىسىنى كۆرەر،
كېچىچە ئىشلەپ ئۇنىڭ چىرىغى ئۆچمەس.
‏19 ئۇ قوللىرى بىلەن ئۇرچۇقنى ئايلاندۇرار،
بارماقلىرى يىپنى تۇتۇپ ئېگىرەر.
‏20 ئۇ يوقسۇللارغا قولىنى ئۇزىتار،
مىسكىنلەرگە قولىنى ئاچار.
‏21 ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن قاردىن قورقماس،
چۈنكى ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەربىرى قېلىن قىزىل كىيىم كىيەر.
‏22 ئۇ ئۆزىگە چىرايلىق تەكىيە توقۇر،
ئۇنىڭ كىيىمى نەپىس كەندىر ۋە سۆسۈن رەختلەردىندۇر.
‏23 ئۇنىڭ ئېرى شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىدا ئاقساقاللارنىڭ قاتارىدا ئولتۇرار،
ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيى بار.
‏24 ئۇ نەپىس كەندىر رەختتىن كىيىملەرنى تىكىپ ساتار،
سودىگەرلەرنى بەلۋاغلار بىلەن تەمىنلەر.
‏25 كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئۇنىڭ لىباسىدۇر.
ئۇ خۇشاللىق بىلەن كېلىدىغان كۈننى كۈتىدۇ.
‏26 ئۇ ئاغزىنى ھېكمەت بىلەن ئاچار،
يۇمشاق تىلى بىلەن تەلىم بېرەر.
‏27 ئۇ ئۆز ئۆيىنى ياخشى باشقۇرار،
ناننى بىكار يەپ ياتماس.
‏28 ئوغۇللىرى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى تەبرىكلەر.
ئېرىمۇ ئۇنى ماختاپ مۇنداق دەر:
‏29 «پەزىلەتلىك ئاياللار كۆپتۇر،
لېكىن سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈنسەن».
‏30 گۈزەللىك ئالدامچىدۇر، چىرايلىقلىق تۈگەپ كېتىدۇ،
لېكىن پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئايال ماختاشقا لايىقتۇر.
‏31 ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىسىنى يېسۇن،
ئۇنىڭ ئىشلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۇرسۇن.