ئاگۇرنىڭ سۆزلىرى
30
1 ماسسالىق ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرنىڭ سۆزلىرى شۇدۇر. ئۇ كىشى ئىتىئەلگە، ئىتىئەل ۋە ئۇكالغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2 مانا، مەن ھەممە كىشىدىن نادان،
مەندە ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى يوق.
3 ھېكمەتنى ھېچ ئۆگەنمىدىم
ۋە مۇقەددەس خۇدا توغرىسىدا بىلىمىم يوق.
4 كىم ئەرشكە چىقىپ، قايتىپ چۈشتى؟
كىم شامالنى سىقىمىغا يىغدى؟
كىم سۇلارنى بىر يېپىنچىغا چىگدى؟
كىم يەرنىڭ ھەممە چېگرىلىرىنى بېكىتتى؟
ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟
ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمىدۇر؟ سەن بىلەمسەن؟
5 خۇدانىڭ ھەممە سۆزى ھەقتۇر،
ئۇنىڭغا تايانغۇچىلارغا ئۇ قالقان بولۇر.
6 ئۇنىڭ سۆزىگە بىر نېمە قوشمىغىن،
بولمىسا ئۇ سېنى ئاشكارىلىغاندا
يالغانچى بولۇپ چىقىسەن.
7 ئىككى نەرسىنى سەندىن تىلەيمەن،
ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن ئايىمىغىن.
8 بىكارچىلىق ۋە يالغانچىلىقنى مەندىن نېرى قىلغىن،
مېنى كەمبەغەلمۇ، بايمۇ قىلمىغىن،
بەلكى ماڭا يەتكۈدەك رىزقىمنى بەرگىن.
9 زىيادە تويۇپ كېتىپ، سەندىن يۈز ئۆرۈپ:
«پەرۋەردىگار كىم ئىكەن» دەپ قالماي.
ياكى زىيادە كەمبەغەل بولۇپ قېلىپ،
ئوغرىلىق قىلىپ، خۇدانىڭ نامىنى بۇلغاپ قويماي.
10 بىر خىزمەتكارنى خوجايىنىنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىمىغىن،
بولمىسا ئۇ ساڭا لەنەت ئوقۇسا، ئەيىبكار بولىسەن.
11 ئاتىسىغا لەنەت ئوقۇيدىغان،
ئانىسىغا بەرىكەت تىلىمەيدىغان بىر نەسىل باردۇر.
12 ئۆزىنى پاك سانايدىغان،
بىراق پاسكىنىلىقىدىن تېخى يۇيۇلمىغان نەسىل باردۇر.
13 كۆزلىرىدىن تەكەببۇرلۇقى بىلىنىپ تۇرغان،
ھاكاۋۇرلۇقىدىن قاش كىرپىكلىرى كۆتۈرۈلگەن بىر نەسىل باردۇر.
14 ئېزىلگەنلەرنى زېمىندىن يوقىتىش ئۈچۈن،
مىسكىنلەرنى ئادەملەرنىڭ قاتارىدىن چىقىرىش ئۈچۈن
يالماپ يۇتۇۋالىدىغان چىشلىرى قىلىچتەك بولغان،
ئېزىق چىشلىرى پىچاقتەك بولغان بىر نەسىل باردۇر.
15 زۈلۈك دېگەن قۇرتنىڭ ئىككى قىزى بار،
ئۇلار ھەمىشە: «بەرگىن بەرگىن» دەپ ۋارقىرار.
ھەرگىز تويمايدىغان ئۈچ نەرسە بار،
«يېتەرلىك» دەپ ھېچ ئېيتمايدىغان تۆت نەرسە بار.
16 بۇلار: ئۆلۈكلەر دىيارى، تۇغماس ئايال،
سۇغا قانمايدىغان يەر
ۋە ‹بولدى› دېمەيدىغان ئوتتۇر.
17 ئاتىسىنى زاڭلىق قىلغان،
ئانىسىغا بويسۇنۇشنى رەت قىلغان كىشىنىڭ كۆزىنى
جىلغىنىڭ قۇزغۇنلىرى چوقار،
بۈركۈتنىڭ بالىلىرى يەپ كېتەر.
18 ئەقلىم يەتمىگەن، سىرلىق بولغان ئۈچ نەرسە بار،
مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار:
19 بۇلار بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى يولى،
يىلاننىڭ قورام تاشتىكى يولى،
كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى
ۋە يىگىتنىڭ قىز بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش يولى.
20 بۇزۇق خوتۇننىڭ يولى مۇنداقتۇر:
ئۇ يەپ بولۇپ، ئاغزىنى سۈرتىۋېتىپ:
«ھېچ گۇناھ قىلمىدىم» دەيدۇ.
21 ئۈچ نەرسە ئاستىدا يەر تىترەر،
يەر كۆتۈرەلمەيدىغان تۆت ئىش بار:
22 قۇلنىڭ پادىشاھ بولۇشى،
بىر ئەخمەقنىڭ قورسىقى تويۇشى،
23 نەپرەتلەنگەن ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشى
ۋە بىر دېدەكنىڭ ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋېلىشى.
24 ئۇلارغا چوڭ ھېكمەت بېرىلگەن بولسىمۇ،
يەر يۈزىدە كۆزگە ئىلمىغان تۆت كىچىك نەرسە بار:
25 بىر ئاجىز خەلق بولۇپ تۇرۇپ،
ياز كۈنلىرىدە يېمەكلىكىنى يىغىۋالغان چۈمۈلىلەر،
26 كۈچى ئاز خەلق بولۇپ تۇرۇپ،
ئۇۋىسىنى قورام تاشلاردا ياسىغان تاغ چاچقانلىرى،
27 پادىشاھى بولمىسىمۇ،
لەشكەردەك تىزىلىپ چىقىدىغان چېكەتكىلەر
28 ۋە قول بىلەن تۇتۇلۇشى مۇمكىن بولۇپ تۇرۇپ،
پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدا يۈرىدىغان كەسلەنچۈق.
29 شۇ ئۈچەيلەننىڭ قەدەم بېسىشى قۇدرەتلىك،
شۇ تۆتەيلەننىڭ مېڭىشى ھەيۋەتلىك:
30 ھەممە ھايۋانلاردىن كۈچلۈك،
ھېچ كىمدىن قاچمايدىغان شىر،
31 خوراز ۋە تېكە،
ۋە قوشۇنىنىڭ ئارىسىدا ماڭىدىغان پادىشاھ.
32 ئەگەر سەن ئەخمەقلىق قىلىپ ئۆزۈڭنى يوغان تۇتقان بولساڭ
ياكى يامان نىيەتتە بولغان بولساڭ،
قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياپقىن.
33 سۈت چېلىنسا قايماق چىققاندەك،
بۇرۇن مىجىلسا قان چىققاندەك،
ئاچچىقنى قوزغىسا جېدەل چىقار.