29
‏1 كىمكى قايتا-قايتا نەسىھەت ئاڭلاپ تۇرۇپ، بوينى قاتتىقلىق قىلسا،
تۇيۇقسىز سۇندۇرۇلۇپ داۋاسىز قالار.
‏2 ھەققانىيلار كۆپەيسە، خەلق خۇشال بولار،
لېكىن يامانلار ھۆكۈم سۈرسە، خەلق ئاھ ئۇرار.
‏3 ھېكمەتنى دوست تۇتقان كىشى ئاتىسىنى خۇش قىلار،
لېكىن پاھىشىلەر بىلەن ئارىلاشقان كىشى مال-مۈلكىنى يوقىتار.
‏4 پادىشاھ ئادالەت بىلەن ئۆز يۇرتىنى ساقلار،
لېكىن ئۇ پارىخور بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار.
‏5 ئۆز قوشنىسىغا خۇشامەت قىلغان كىشى،
پۇتىغا قاپقان قۇرار.
‏6 يامان ئادەم ئۆز گۇناھلىرىدا چىرمىشار،
ھەققانىي كىشى ناخشا ئېيتىپ شادلىنار.
‏7 ھەققانىي ئادەم كەمبەغەللەرنىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلەر،
لېكىن يامان كىشىنىڭ كارى بولماس.
‏8 مەسخىرىۋاز كىشىلەر شەھەردە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلار،
لېكىن دانا كىشىلەر غەزەپنى باسار.
‏9 دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشقىنىدا،
ئەخمەق تىنچلانماي كۈلۈپ-ھۈرپىيىپ تۇرار.
‏10 قانخورلار بىگۇناھ كىشىنى يامان كۆرەر،
لېكىن دۇرۇس كىشى ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشنى خالار.
‏11 ئەخمەق كىشى ھەممە ئاچچىقىنى ئاشكارىلار،
لېكىن دانا كىشى ئۆزىنى تۇتۇۋالار.
‏12 ئەگەر بىر ھۆكۈمدار يالغان گەپكە قۇلاق سالسا،
ئۇنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرى يامان بولار.
‏13 كەمبەغەل بىلەن زالىم بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشار،
ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزلىرىگە نۇر بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇر.
‏14 بىچارىلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغان پادىشاھنىڭ تەختى
مەڭگۈگە مەزمۇت تۇرار.
‏15 تاياق ۋە نەسىھەت ھېكمەت تاپقۇزار،
لېكىن ئۆز خاھىشىغا قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى شەرمەندە قىلار.
‏16 يامانلار كۆپىيىپ ئۇلغايغاندا گۇناھ كۆپىيەر،
لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر.
‏17 ئوغلۇڭنى تەربىيىلەپ تۈزەتسەڭ،
ئۇ ساڭا ئارام بېرىپ، جېنىڭنى سۆيۈندۈرەر.
‏18 ئىلاھى ۋەھىي بولمىسا خەلق تىزگىنسىز بولار،
ئەمما تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغۇچى بەخت تاپار.
‏19 سۆز بىلەنلا قۇلغا نەسىھەت بەرگىلى بولماس،
چۈنكى ئۇ نەسىھەتنى ئۇقسىمۇ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماس.
‏20 گەپ قىلىشقا ئالدىراڭغۇ كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟
ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى.
‏21 كىمكى قۇلىنى كىچىكىدىن ئەركىلىتىپ باقسا،
ئاخىرى قۇلى ئۇنىڭغا قارشى چىقار.
‏22 تېرىككەك ئادەم جېدەل پەيدا قىلار،
ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشى پات-پات گۇناھقا چۈشەر.
‏23 ئادەمنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۇنى پەس قىلار،
لېكىن كەمتەر كۆڭۈللۈك كىشى ئىززەت تاپار.
‏24 ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەن بولار،
ئۇ لەنەتنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەھۋالنىڭ راستىنى ئېيتماس.
‏25 ئادەملەردىن قورقۇپ يۈرۈش كىشىگە تۇزاق بولار،
لېكىن پەرۋەردىگارغا تايانغان ئادەم ئامان قالار.
‏26 كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمدارنىڭ ئىلتىپاتىنى ئىزدەر،
لېكىن ھەر كىشىنىڭ ھەققى پەرۋەردىگاردىن كېلەر.
‏27 ھەققانىيلار زالىم كىشىدىن يىرگىنەر،
يامانلار دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىدىن يىرگىنەر.