28
‏1 يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار،
ئەمما ھەققانىيلار شىردەك باتۇر بولار.
‏2 يۇرتتا گۇناھ كۆپەيسە، ئۇنىڭ ھۆكۈمدارلىرى كۆپ بولار،
لېكىن ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ھۆكۈمدار بولسا،
نىزام مۇقىم تۇرار.
‏3 بىچارىلەرگە زۇلۇم قىلغان بىر كەمبەغەل،
ئاشلىقنى ئېقىتىپ كېتىدىغان يامغۇرغا ئوخشار.
‏4 تەۋرات قانۇنىدىن چەتنىگەنلەر يامانلارنى ياخشى دەپ ماختار،
ئەمما تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلار ئۇلارغا قارشى كۈرىشەر.   
‏5 رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس،
لېكىن پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەنلەر ھەممىنى چۈشىنەر.
‏6 توغرا يولدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى،
ئەگرى يولدا ماڭغان بايدىن ياخشى.
‏7 دانا ئوغۇل تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلار،
ئىسراپ قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولغان ئوغۇل ئاتىسىنى شەرمەندە قىلار.
‏8 ئۆسۈم ۋە جازانىخورلۇق بىلەن بايلىقلىرىنى كۆپەيتكەن كىشى
بۇلارنى بىچارىلەرگە رەھىم قىلغۇچى ئۈچۈن يىغقان بولىدۇ.
‏9 كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يېپىۋالسا،
ھەتتا ئۇنىڭ دۇئاسىمۇ يىرگىنچلىك بولار.
‏10 كىمكى دۇرۇسلارنى يامان يولغا باشلىسا،
ئۆز كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر،
لېكىن كامىل بولغانلار ياخشىلىققا مىراسخور بولار.
‏11 باي كىشى ئۆزىنى دانا سانار،
لېكىن ئەقىل-پاراسەتلىك كەمبەغەل ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىلەر.
‏12 ھەققانىيلار نۇسرەت تاپسا، چوڭ تەنتەنە بولار،
لېكىن يامانلار غەلىبە قازانسا، ئادەملەر ئۆزىنى يوشۇرار.
‏13 ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس،
لېكىن ئۆز گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ،
توۋا قىلغان كىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلىنار.
‏14 ھەمىشە خۇدادىن قورققان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
لېكىن ئۆزىنىڭ جاھىللىقىدا چىڭ تۇرغان كىشى بالا-قازاغا ئۇچرار.
‏15 كەمبەغەل خەلقنى باشقۇرغان يامان ھۆكۈمدار
بىر ھۇۋلايدىغان شىرغا ۋە ئوۋ ئىزدەيدىغان ئېيىققا ئوخشار.
‏16 ئەقىلسىز ھۆكۈمدار خەلققە كۆپ زۇلۇم سالار،
ئەمما ھارام بايلىقنى يامان كۆرگۈچىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولار.
‏17 قان تۆككەن كىشى قىينىلىپ ئۆلگۈچە قېچىپ يۈرەر،
ھېچكىم ئۇنى توسمىسۇن.
‏18 توغرا يولدا ماڭغان كىشى نىجات تاپار،
لېكىن ئەگرى يوللاردا ماڭغان كىشى ئۇنىڭ بىرىدە يىقىلار.
‏19 ئۆز ئېتىزلىقىدا ئىشلىگەن كىشى تويغۇدەك نان يەر،
لېكىن بىكار يۈرگەنلەرگە ئەگەشكەن كىشى موھتاجلىقتا قالار.
‏20 ئىشەنچلىك كىشى بەرىكەتكە تولغان بولار،
باي بولۇشقا ئالدىرىغان كىشى جازاسىز قالماس.
‏21 بىرىگە يان بېسىش ياخشى ئەمەستۇر،
مۇنداق كىشى بىر پارچە نان ئۈچۈن گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ.
‏22 ئاچكۆز كىشى باي بولۇشقا ئالدىرىدۇ،
ئۇ كەمبەغەللىكنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشىنى ئويلىمايدۇ.
‏23 باشقىلارغا نەسىھەت بەرگۈچى
خۇشامەتچىگە قارىغاندا ئاخىردا چوڭ ئىلتىپاتقا ئېرىشەر.
‏24 ئۆز ئاتا-ئانىسىنى بۇلاپ: «بۇ گۇناھ ئەمەس» دېگەن كىشى
بۇلاڭچىلار بىلەن بىر قاتاردا بولار.
‏25 تەكەببۇر كىشى جېدەل پەيدا قىلار،
ئەمما پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشى راۋاج تاپار.
‏26 ئۆز ئەقلىگە ئىشەنگەن كىشى ئەخمەق بولار،
ھېكمەت بىلەن ماڭغان كىشى ئامان قالار.
‏27 نامراتلارغا بەرگەن كىشى موھتاجلىقتا قالماس،
لېكىن ئۇلاردىن كۆزلىرىنى يۇمغان كىشى كۆپ لەنەتكە ئۇچرار.
‏28 يامانلار غەلىبە قازانسا، ئادەملەر ئۆزىنى يوشۇرار،
لېكىن يامانلار ھالاك بولسا، ھەققانىيلار كۆپىيەر.