27
‏1 ئەتىكى كۈن ئۈچۈن ماختانمىغىن،
چۈنكى ئۇ كۈننىڭ نېمە ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەيسەن.
‏2 ئۆز ئاغزىڭ ئەمەس، باشقا كىشى سېنى ماختىسۇن،
ئۆز لەۋلىرىڭ ئەمەس، ياتلار سېنى ماختىسۇن.
‏3 تاش ئېغىر، قۇممۇ ئېغىر،
لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى بۇ ئىككىسىدىن ئېغىردۇر.
‏4 غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر كەلكۈندەكتۇر،
لېكىن ھەسەت ئالدىدا كىممۇ تۇرالار؟
‏5 يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن،
ئوچۇق تەنقىد ياخشىدۇر.
‏6 دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر ۋاپادارلىقتىندۇر،
لېكىن دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى يالغاندۇر.
‏7 توق كىشى ھەرە كۆنىكىدىن ئاققان ھەسەلنىمۇ رەت قىلار،
لېكىن ئاچ كىشىگە ئاچچىق نەرسىلەرمۇ تاتلىق بولار.
‏8 ئۆز ماكانىدىن ئايرىلىپ كەتكەن كىشى،
ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەن قۇشقا ئوخشار.
‏9 خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىردىن كۆڭۈل خۇش بولغاندەك،
دوستنىڭ چىن كۆڭلىدىن بەرگەن سەمىمىي مەسلىھەتىدىن
كۆڭۈل خۇش بولار.
‏10 دوستۇڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ دوستىنى تاشلىمىغىن.
مۇسىبەت كۈنۈڭدە قېرىندىشىڭنىڭ ئۆيىگە بارمىغىن.
يېقىندىكى قوشنا، نېرى تۇرغان قېرىنداشتىن ياخشىدۇر.
 
‏11 ئەي ئوغلۇم، دانا بولساڭ، كۆڭلۈمنى خۇش قىلىسەن.
شۇندا مېنى ئەيىبلىگەنلەرگە جاۋاب قايتۇرالايمەن.
 
‏12 زېرەك كىشى خەتەرنى كۆرۈپ يوشۇرۇنۇۋالار،
نادان كىشى مېڭىۋېرىپ زىيان-زەخمەت تارتار.
‏13 ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن تونىنى ئېلىۋېلىڭلار،
يات ئايالغا كېپىل بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى كېپىللىككە ئېلىڭلار.
‏14 بىر كىشى سەھەر تۇرۇپ دوستىغا ئۈنلۈك ئاۋازدا بەخت تىلىسە،
شۇنىڭ ئۆزى دوستىغا قارغىشتەك ئاڭلىنار.
‏15 يامغۇر كۈنىدە ئۆگزىدىن تېمىپ تۇرغان تامچە
ۋە ئۇرۇشقاق خوتۇن بىر-بىرىگە ئوخشار.
‏16 ئۇنى توسۇشنى خالىغان كىشى شامالنى توسقاندەك،
ئوڭ قولى بىلەن ياغنى توختاتقاندەك بولار.
‏17 تۆمۈر تۆمۈرنى بىلەپ ئۆتكۈرلەشتۈرەر،
دوستلار بىر-بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەر.
‏18 ئەنجۈر دەرىخىنى پەرۋىش قىلغان كىشى ئۇنىڭ مېۋىسىنى يەر،
ئۆز خوجايىنىغا ياخشى خىزمەت قىلغان كىشى ئىززەتكە ئېرىشەر.
‏19 سۇدا ئادەمنىڭ يۈزىنىڭ ئەكسى كۆرۈنگەندەك،
ئىنساننىڭ كۆڭلىدە ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەكسى كۆرۈنەر.
‏20 گۆر ۋە ئۆلۈكلەر دىيارى تويمىغاندەك،
ئادەمنىڭ كۆزلىرى تويماس.
‏21 كۈمۈش ساپال قازاندا، ئالتۇن خۇمداندا تاۋلىنار،
ئادەم شۆھرەت تاپقىنىدا سىنىلار.
‏22 ئەگەر سەن ئەخمەقنى ھاۋانچىغا سېلىپ،
بۇغداي بىلەن بىرگە سوقساڭمۇ،
ئەخمەقلىقى ئۇنىڭدىن ھەرگىز كەتمەس.
 
‏23 سەن ئۆز قويلىرىڭدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ،
پادىلىرىڭغا كۆڭۈل قويۇپ قارىغىن.
‏24 چۈنكى دۆلەت ھەمىشە تۇرمايدۇ.
بىر تاجمۇ نەسىلدىن نەسىلگە قالامدۇ؟
‏25 قۇرۇق ئوتلار ئورۇلغاندىن كېيىن يۇمران ئوت-چۆپ ئۈنۈپ چىققاندا
ۋە تاغلاردىكى ياۋا ئوتلار يىغىلىپ بولغاندا،
‏26 قوزىلار كىيىمىڭ ئۈچۈن بولار،
تېكىلەر زېمىن سېتىپ ئېلىشىڭ ئۈچۈن يارار
‏27 ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۈتى ئۆزۈڭ، ئائىلەڭ
ۋە دېدەكلىرىڭنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن يېتەر.