26
‏1 يازدا قار، ئورما ۋاقتىدا يامغۇر قاملاشمىغاندەك،
ئەخمەققە ئىززەت قاملاشماس.
‏2 قۇشقاچ ئۇچۇپ كەتكەندەك،
قارلىغاچ ئۇچۇپ يۈرگەندەك،
سەۋەبسىز قارغىشمۇ كىشىگە تەگمەس.
‏3 ئاتقا قامچا، ئېشەككە يۈگەن ياراشقاندەك،
ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە تاياق يارىشار.
‏4 ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپىگە جاۋاب بەرمىگىن،
بولمىسا ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىسەن.
‏5 ئەخمەقنىڭ ئەخمەقانە گېپىگە جاۋاب بەرگىن،
بولمىسا ئۇ ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ سانار.
‏6 كىمكى ئەخمەق ئارقىلىق خەۋەر ئەۋەتسە،
ئۆز پۇتلىرىنى كەسكەندەك،
زەھەر ئىچكەندەك بولار.
‏7 توكۇرنىڭ پۇتلىرى كارغا كەلمىگەندەك،
ئەخمەقنىڭ ئاغزىدىكى ماقال-تەمسىللەر كارغا كەلمەس.
‏8 ئەخمەققە ئىززەت-ھۆرمەت بىلدۈرۈش،
تاشنى سالغىغا باغلاپ قويغاندەك بولار.
‏9 ئەخمەقلەرنىڭ ئاغزىدىن چىققان ماقال-تەمسىل،
مەستنىڭ قولىغا سانجىلغان تىكەندەك بولار.
‏10 ئەخمەقنى ياكى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاننى ياللىغان كىشى
ئوقنى قارىغۇلارچە ئاتقان ئوقياچىدەكتۇر.
‏11 ئىت ئۆز قۇسۇقىنى يەنە يېگەندەك،
ئەخمەق ئۆز ئەخمەقلىقىنى يەنە قىلار.
‏12 كۆردۈڭمۇ ئۆزىنى دانا سانىغان كىشىنى؟
ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغاندىن
ئەخمەققە ئۈمىد باغلىغان ياخشى.
 
‏13 ھۇرۇن كىشى: «مانا، يولدا شىر بار،
كوچىلاردا يولۋاس بار» دەپ قويار.
‏14 ئىشىك ئۆز مۇجۇقىدا چۆرۈلگەندەك،
ھۇرۇن ئادەم ئۆز ئورنىدا ئېغىنىپ ياتار.
‏15 ھۇرۇن ئادەم قولىنى تەخسىگە سالار،
لېكىن ئاغزىغا كۆتۈرۈشكە ئېرىنەر.
‏16 ھۇرۇن كىشى ئۆزىنى داناراق سانار
ئەقىللىق جاۋاب بېرەلەيدىغان يەتتە كىشىدىن.
 
‏17 كېتىپ بېرىپ باشقىنىڭ جېدىلىگە ئارىلاشقان كىشى،
بىر ئىتنىڭ قۇلىقىنى تۇتقان كىشىگە ئوخشار.
‏18 چاقچاقنى باھانە قىلىپ ئۆز قوشنىسىنى ئالدىغان كىشى،
‏19 چۆرىسىگە ئوتلۇق ۋە ئەجەللىك ئوقلارنى ئېتىپ تۇرغان بىر ساراڭغا ئوخشار.
‏20 ئوتۇن بولمىسا، ئوت ئۆچەر،
گەپ توشۇغۇچى بولمىسا، جېدەل تۈگەر.
‏21 كۆمۈردىن چوغ، ئوتۇندىن ئوت پەيدا بولغاندەك،
بىر جېدەلچىدىن جېدەل پەيدا بولار.
‏22 چېقىمچىنىڭ سۆزى بىر تاتلىق لوقمىدەك
كۆڭۈلنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كېتەر.
‏23 يامان كۆڭۈللۈك كىشىنىڭ ئوتلۇق لەۋلىرى
ساپال قاچىنى قاپلىغان كۈمۈشنىڭ داشقىلىغا ئوخشار.
‏24 ئاداۋەت ساقلايدىغان كىشىنىڭ گېپى سىلىق بولسىمۇ،
ئۇ كۆڭلىدە ھىيلە ساقلايدۇ.
‏25 ئۇ مۇلايىم گەپ قىلسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگىن،
چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەتتە قات ھاراملىق باردۇر.
‏26 ئۇ ئاداۋەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلەتسىمۇ،
ئۇنىڭ يامانلىقى جامائەتتە ئاشكارا بولار.
‏27 بىر ئورا كولىغان كىشى ئۆزى ئۇنىڭغا چۈشەر،
تاش ئۇنى دومىلاتقان كىشىگە قايتىپ چۈشەر.
‏28 يالغانچى تىل ئۆزى زىيان كەلتۈرگەن كىشىلەرنى ئۆچ كۆرەر،
ياغلىما ئېغىز ھالاكەتكە سەۋەب بولار.