خىزقىيانىڭ ئادەملىرى توپلىغان ھېكمەتلىك سۆزلىرى
25
1 شۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرمۇ سۇلايماندىن بولۇپ، يەھۇدا پادىشاھى خىزقىيانىڭ ئادەملىرىدىن توپلانغان.
2 خۇدانىڭ شان-شەرىپى بىر ئىشنىڭ سىرىنى مەخپىي تۇتۇشتا بولار،
پادىشاھلارنىڭ شان-شەرىپى بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشىشتە بولار.
3 ئاسماننىڭ ئېگىزلىكىنى، يەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى
ۋە پادىشاھلارنىڭ كۆڭۈللىرىنىڭ ئىچىدىكىنى بىلگىلى بولماس.
4 كۈمۈشتىن داشقىلىنى ئايرىساڭ،
زەرگەر بىر قاچا ياساپ چىقار.
5 يامانلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىدىن چىقىرىلسا،
ئۇنىڭ تەختى ئادالەتكە تايىنىپ مۇستەھكەم بولار.
6 پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتمىغىن،
ئۇلۇغلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالمىغىن.
7 كۆزلىرىڭ كۆرۈپ تۇرغان ئەمىرنىڭ ئالدىدا
تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە،
ساڭا «كەلگىن، يۇقىرىدا ئولتۇرغىن» دېيىلگىنى
قانچە ياخشى بولار.
8 ئالدىراپ دەۋا قىلمىغىن،
بولمىسا قوشناڭ سېنى شەرمەندە قىلسا، قانداق قىلىسەن؟
9 ئۆز قوشناڭغا دەۋا قىلساڭمۇ،
باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچمىغىن.
10 بولمىسا، شۇنى ئاڭلىغان كىشى سېنى ئەيىبلەيدۇ،
نامىڭغا چۈشكەن داغدىن قۇتۇلالمايسەن.
11 جايىدا قىلىنغان گەپ
كۈمۈش تاۋاققا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردەكتۇر.
12 ئاڭلايدىغان قۇلاق ئۈچۈن دانانىڭ تەنبىھى بىر ئالتۇن ھالقىدەكتۇر،
ساپ ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمىدەكتۇر.
13 بىر ۋاپادار ئەلچى ئۆز ئەۋەتكۈچىسى ئۈچۈن،
ئورما ۋاقتىدىكى قارنىڭ سالقىنىدەك بولار،
ئۇ ئۆز خوجىيىنىنىڭ جېنىنى ياشارتار.
14 سوۋغات بەرمەي تۇرۇپ «بېرىمەن» دەپ ماختانغان كىشى
يامغۇرسىز بۇلۇت-شامالغا ئوخشار.
15 سەۋر-تاقەت قىلىنسا ئەمىر كۆنەر،
يۇمشاق تىل سۆڭەكلەرنىمۇ سۇندۇرار.
16 ئەگەر ھەسەل تاپساڭ، سىڭگۈدەك يېگىن،
بولمىسا تويۇپ كېتىپ قۇسۇۋەتىسەن.
17 قوشناڭنىڭ ئۆيىگە پات-پات بېرىشتىن پۇتۇڭنى تارتقىن،
ئۇ سەندىن تويۇپ ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن.
18 ئۆز قوشنىسىغا قارشى يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن كىشى
توقماق، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر يا ئوقىدەكتۇر.
19 ئاپەت كۈنىدە ۋاپاسىز كىشىگە ئۈمىد باغلاش،
سۇنۇق چىش بىلەن چايناشقا
ۋە توكۇر پۇتتا مېڭىشقا ئوخشاشتۇر.
20 غەمكىن كىشىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىش،
قىش كۈنىدە كىيىمنى سالدۇرغاندەك
ۋە سىركىنى شورغا قۇيغاندەك بولار.
21 دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنىڭغا نان بەرگىن،
ئۇسسىغان بولسا، ئۇنىڭغا سۇ بەرگىن.
22 شۇندا ئۇنىڭ بېشىغا قىزىتىلغان چوغلارنى توپلىغاندەك بولىسەن
ۋە پەرۋەردىگار ساڭا ياندۇرار.
23 شىمال تەرەپتىن كەلگەن شامال يامغۇر كەلتۈرەر،
چېقىمچى تىل غەزەپلىك چىراينى كەلتۈرەر.
24 ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشاش،
ئۇرۇشقاق خوتۇن بىلەن كەڭرى ئۆيدە ياشاشتىن ياخشىدۇر.
25 يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەر،
ئۇسساپ كەتكەن ئادەمگە بېرىلگەن سوغۇق سۇدەكتۇر.
26 يامان كىشىنىڭ ئالدىدا ئېگىلگەن ھەققانىي ئادەم،
لاي بولۇپ كەتكەن بۇلاقتەك
ۋە بۇلغانغان قۇدۇقتەكتۇر.
27 ھەسەلنى كۆپ يېيىش ياخشى ئەمەس،
كىشىگە ئۆز ئىززىتىنى ئىزدەش مۇناسىپ ئەمەس.
28 ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى،
ۋەيران بولۇپ سېپىلسىز قالغان شەھەردەكتۇر.