24
‏1 يامان ئادەملەرگە ھەسەت قىلمىغىن،
ئۇلار بىلەن ئارىلاشمىغىن.
‏2 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى زۇلۇم قىلىشنى ئويلار،
لەۋلىرى يامانلىقنى سۆزلەر.
 
‏3 ھېكمەت بىلەن ئۆي سېلىنار،
ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۆي ساقلىنار.
‏4 ئىلىم-ھېكمەت ئۆينىڭ خانىلىرىنى تولدۇرار
ئۇلارنى ھەر خىل قىممەتلىك ئېسىل ماللار بىلەن توشتۇرار.
 
‏5 دانا كىشى كۈچلۈك بولار،
بىلىملىك كىشى قۇدرەت تاپار.
‏6 ياخشى مەسلىھەت بىلەن جەڭ قىلالايسەن،
ياخشى مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا نۇسرەت تاپىسەن.
 
‏7 ئەخمەق كىشىگە ھېكمەت يىراقتۇر،
دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئۇ ئاغزىنى ئاچالماس.
 
‏8 يامانلىقنى قەستلەپ يۈرىدىغان كىشى
سۇيىقەستچى دەپ ئاتىلار.
‏9 ھاماقەتلىكتىن بولغان نىيەت گۇناھتۇر،
مەسخىرە قىلغۇچى ئادەملەرگە يىرگىنچلىكتۇر.
 
‏10 ئەگەر سەن ئېغىر كۈندە بوشىشىپ كەتسەڭ،
كۈچسىز بولۇپ قالىسەن.
 
‏11 ئۆلۈمگە سۆرەلگەنلەرنى قۇتقۇزۇۋالغىن،
ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلارنى قۇتۇلدۇرغىن.
‏12 «بۇنى بىلمىدۇق» دېسەڭ،
كۆڭۈللەرنى تەكشۈرگۈچى بۇنى كۆرمەسمۇ؟
جېنىڭغا قارىغۇچى بۇنى بىلمەسمۇ؟
ئۇ ھەركىمنىڭ ئەمەلىگە قاراپ، ياندۇرماسمۇ؟
 
‏13 ئەي ئوغلۇم، ھەسەل يېگىن، ئۇ ياخشىدۇر،
ھەرە كۆنىكىدىن ئاققان ھەسەل گېلىڭگە شېرىندۇر.
‏14 ھېكمەتنى جېنىڭ ئۈچۈن ھەسەلدەك قەدىرلىگىن،
ئۇنى تاپساڭ، سائادەتلىك بولىسەن ۋە ئۈمىدىڭ ئۈزۈلمەس.
 
‏15 ئەي يامانلىق قىلغۇچى، ھەققانىينىڭ ماكانىنى ماراپ،
ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلمىغىن.
‏16 چۈنكى ھەققانىي كىشى يەتتە قېتىم يىقىلسىمۇ، يەنە قوپار،
لېكىن يامانلار بالاغا چۈشۈپ يىقىلىپ قالار.
 
‏17 دۈشمىنىڭ يىقىلسا، خۇشال بولمىغىن،
ئۇ پۇتلاشسا، شادلانمىغىن.
‏18 بولمىسا پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولار
ۋە دۈشمىنىڭدىن غەزىپىنى توختىتار.
 
‏19 رەزىللەردىن قىزغانمىغىن،
يامانلارغا ھەسەت قىلمىغىن.
‏20 چۈنكى رەزىللەرنىڭ ئىستىقبالى يوقتۇر،
يامانلارنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر.
 
‏21 ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھتىن قورققىن،
توپىلاڭخورلار بىلەن ئارىلاشمىغىن.
‏22 چۈنكى ئۇلارغا تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كېلەر،
ئۇلارنىڭ يىللىرىنىڭ ئاخىرى قانداق بولىدىغىنىنى كىم بىلەر؟
 
‏23 بۇلارمۇ دانالارنىڭ سۆزلىرىدۇر:
 
ھۆكۈم چىقارغاندا بىرىگە يان بېسىش ناتوغرىدۇر.
‏24 كىمكى گۇناھكارغا: «سەن ئادىلسەن» دېسە،
خەلق ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ،
ئەللەر ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ.
‏25 لېكىن ئۇلارنى ئاشكىرىلىغانلار ياخشى كۆرۈنىدۇ،
ئۇلارغا چوڭ بەرىكەت بېرىلىدۇ.
‏26 دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى
گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر.
 
‏27 سىرتتىكى ئىشلىرىڭنى تەييارلاپ،
ئېتىزلىقتىكى ئىشلىرىڭنى تۈگەتكەندىن كېيىن،
ئۆز ئۆيۈڭنى ياسىغىن.
 
‏28 قوشناڭغا قارشى سەۋەبسىز گۇۋاھلىق قىلمىغىن،
لەۋلىرىڭ بىلەن ئالدىمىغىن.
‏29 «ئۇ ماڭا قىلغاندەك ئۇنىڭغا قىلىمەن،
ئۇنىڭ ئەمەلىگە يارىشا ياندۇرىمەن» دېمىگىن.
 
‏30 مەن ھۇرۇن ئادەمنىڭ ئېتىزلىقىدىن
ئەقىلسىز كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدىن ئۆتكىنىمدە،
‏31 مانا، ئۇلارنىڭ ھەممە يەرلىرى تىكەنلەر بىلەن بېسىلىپ كەتكەنىدى،
چاققاق بىلەن قاپلانغانىدى،
ئۇنىڭ تاش تاملىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەنىدى.
‏32 مەن شۇنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم،
ئۇنىڭغا نەزەر سېلىپ ساۋاق ئالدىم.
‏33 تېخى ئازغىنە ئۇخلاپ، كىچىككىنا مۈگدەپ،
ئازراق ئارام ئېلىش ئۈچۈن قول قوشتۇرۇپ ياتساڭ،
‏34 نامراتلىق بىر بۇلاڭچىدەك ئۈستۈڭگە كېلەر،
موھتاجلىق بىر قاراقچىدەك سېنى باسار.