23
‏1 ئەمىر بىلەن داستىخاندا ئولتۇرساڭ،
ئالدىڭدا كىم ئولتۇرغىنىنى ئېسىڭدا ساقلىغىن.
‏2 نەپسىڭ يامان بولسا،
گېلىڭغا بىر پىچاقنى قويغىن.
‏3 ئۇنىڭ لەززەتلىك تاماقلىرىنى ئارزۇ قىلمىغىن،
ئۇلار ئالدامچى تاماقلاردۇر.
 
‏4 باي بولىمەن دەپ مۇشەققەت تارتمىغىن،
بۇنداق ئويلىرىڭنى تاشلىغىن.
‏5 بايلىققا كۆز تىكسەڭ، ئۇ يوق بولار.
ئۇ ئۆزىگە قانات ياساپ، بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر.
 
‏6 قىزغانچۇق ئادەمنىڭ نېنىنى يېمىگىن،
ئۇنىڭ لەززەتلىك تاماقلىرىنى ئارزۇ قىلمىغىن.
‏7 چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى قىزغانچۇق بولغاندەك،
ئەمەللىرىمۇ شۇنداق بولار.
ئۇ ساڭا: «يەپ-ئىچكىن» دېسىمۇ،
كۆڭلىنى سېنىڭدىن يىراق تۇتار.
‏8 يېگەن تامىقىڭنى قۇسۇۋېتىسەن،
ئېيتقان شېرىن سۆزلىرىڭ بىكار بولار.
 
‏9 ئەخمەقنىڭ قۇلىقىغا سۆزلىمىگىن،
چۈنكى ئۇ ئەقىلانە سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلماس.
 
‏10 قەدىمدە بېكىتىلگەن پاسىل تاشلىرىنى يۆتكەپ،
يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىغا كىرىۋالمىغىن.
‏11 چۈنكى ئۇلارنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچىسى كۈچلۈكتۇر،
ئۇ ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلىدۇ.
 
‏12 نەسىھەتكە كۆڭۈل قويغىن،
ھېكمەتلىك سۆزلەرگە قۇلاق سالغىن.
‏13 بالىدىن تەربىيە تايىقىنى ئايىمىغىن،
چۈنكى ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ قالماس.
‏14 سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ،
ئۇنىڭ جېنىنى دوزاختىن قۇتقۇزۇۋالىسەن.
 
‏15 ئەي ئوغلۇم، سېنىڭ كۆڭلۈڭ دانا بولسا،
مېنىڭ كۆڭلۈم خۇش بولار.
‏16 سېنىڭ لەۋلىرىڭ توغرا سۆزلىسە،
مېنىڭ ئىچىم شادلىنار.
 
‏17 كۆڭلۈڭدە گۇناھكارلارغا ھەسەت قىلمىغىن،
لېكىن ھەمىشە پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ تۇرغىن.
‏18 شۇنداق قىلساڭ، ئىستىقبالىڭ بار،
ئارزۇ-ئۈمىدىڭ ئۈزۈلۈپ قالماس.
 
‏19 ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ دانا بولغىن،
كۆڭلۈڭنى توغرا يولغا باشلىغىن.
‏20 شارابخورلارغا قوشۇلمىغىن،
گۆشخورلار بىلەن ئارىلاشمىغىن.
‏21 چۈنكى شارابخور ۋە گۆشخورلار كەمبەغەل بولۇپ قالار،
غەپلەت ئۇيقۇسى ئۇلارغا يىرتىق چاپان كىيدۈرەر.
 
‏22 سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن،
ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنى كەمسىتمىگىن.
‏23 ھەقىقەتنى سېتىۋالغىن، ئۇنى ھەرگىز ساتمىغىن،
ھېكمەت، ئەدەپ ۋە ئەقىل-پاراسەتنىمۇ ئىزدىگىن.
‏24 ھەققانىينىڭ ئاتىسى زور خۇشاللىق تاپار،
دانانىڭ ئاتىسى ئۇنىڭدىن شادلىنار.
‏25 ئاتا-ئاناڭنىڭ كۆڭلى خۇش قىلغىن،
تۇغقان ئاناڭنى شادلاندۇرغىن.
 
‏26 ئەي ئوغلۇم، ماڭا كۆڭلۈڭنى بەرگىن،
مېنىڭ يوللىرىمغا كۆزلىرىڭ تىكىلىپ تۇرسۇن.
‏27 چۈنكى پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدەكتۇر،
يات ئايال تار قۇدۇقتەكتۇر.
‏28 ئۇ بىر بۇلاڭچىدەك مۆكۈنۈپ تۇرار،
ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ۋاپاسىزلارنىڭ سانىنى ئاشۇرار.
 
‏29 كىم ئازابتا؟ كىم غەمدە؟
كىم جېدەل ئىچىدە؟
كىم نالە قىلار؟ كىم بىكار زەخىملىنار؟
كىمنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتەر؟
‏30 ئۇزۇن ۋاقىتقىچە شاراب ئىچىپ ئولتۇرغانلار،
ئىلەشتۈرگەن شەرەبنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر!
‏31 قارىمىغىن شارابنىڭ قىزىللىقىغا،
قەدەھتە يالتىراپ تۇرۇشىغا،
گېلىڭدىن سىلىق ئۆتۈشىگە.
‏32 ئاخىرى ئۇ يىلاندەك سېنى چېقىۋالار،
ساڭا زەھەرلىك نەشتىرىنى سانجار.
‏33 كۆزلىرىڭگە غەلىتە نەرسىلەر كۆرۈنەر،
كۆڭلۈڭدىن ناتوغرا سۆزلەر چىقار.
‏34 دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتقاندەك،
كېمىنىڭ موما ياغىچى ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقاندەك بولىسەن.
‏35 «ئۇلار مېنى ئۇردى، لېكىن ئاغرىمىدى،
مېنى دۇمبىلىدى، لېكىن تۇيمىدىم.
ئويغىنىپ، ئەس-ھوشۇمغا كېلىپ،
يەنە ئۇنى ئىزدىسەم» دەيسەن.