22
‏1 ياخشى نام چوڭ بايلىقتىن ئەۋزەلدۇر،
ئىلتىپاتقا ئېرىشىش ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئوبداندۇر.
‏2 باي بىلەن كەمبەغەل بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشار،
ھەر ئىككىلىسىنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر.
‏3 پەملىك كىشى خەتەرنى كۆرۈپ يوشۇرۇنۇۋالار،
لېكىن نادانلار كېتىۋېرىپ زىيان-زەخمەت تارتار.
‏4 كەمتەرلىك بىلەن پەرۋەردىگاردىن قورقۇش
دۆلەت، ئىززەت ۋە ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەر.
‏5 تىكەنلەر ۋە تۇزاقلار ھىيلىگەرنىڭ يولىدا ياتار،
ئۆز جېنىنى قەدىرلەپ ساقلىغان كىشى ئۇلاردىن يىراق تۇرار.
‏6 باشتىلا بالىغا توغرا يولدا مېڭىشنى ئۆگەتسەڭ،
ئۇ قېرى بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس.
‏7 باي كەمبەغەلنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلار،
قەرز ئالغۇچى بەرگۈچىنىڭ قۇلى بولار.
‏8 يامانلىق تېرىغان ھالاكەت ئورار،
ئۇنىڭ غەزەپ تايىقى يوق بولار.
‏9 مېھرىبان كىشى بەرىكەت تاپار،
چۈنكى ئۇ ئۆز نېنىدىن نامراتلارغا بېرەر.
‏10 مەسخىرە قىلغۇچىنى قوغلىۋېتىڭلار،
شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش-جېدەل ۋە ھاقارەت توختىتىلار.
‏11 قەلبىنىڭ پاكلىقىنى سۆيگەن،
ۋە لەۋلىرىدىن مېھرىبان سۆزلەر چىققان كىشى
پادىشاھقا دوست بولار.
‏12 پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرى ئىلىم-ھېكمەتنى قوغدار،
خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۇ يوققا چىقىرار.
‏13 ھۇرۇن كىشى مۇنداق دەيدۇ:
«تاشقىرىدا شىر بار. كوچىغا چىقسام ئۆلتۈرۈلىمەن».
‏14 بۇزۇق خوتۇننىڭ ئاغزى بىر چوڭقۇر ئورىدەكتۇر.
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن كىشى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ.
‏15 ئەخمەقلىق بالىنىڭ كۆڭلىگە چاپلاشقان بولسىمۇ،
تەربىيە تايىقى ئۇنى بۇنىڭدىن نېرى قىلار.
‏16 ئۆز پايدىسى ئۈچۈن بىچارىنى ئەزگۈچى
ۋە بايغا سوۋغات بەرگۈچى،
ئىككىلىسى گاداي بولۇپ قالار.
 
دانالارنىڭ ھېكمەتلىرى
‏17 قۇلاقلىرىڭنى ئېچىپ، دانالارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغىن،
ئىلىم-ھېكمىتىمگە كۆڭۈل قويغىن.
‏18 چۈنكى ئۇلارنى قەلبىڭدە ساقلاپ،
لەۋلىرىڭدە تەييار تۇتساڭ،
ساڭا ياخشى بولار.
‏19 پەرۋەردىگارغا تايىنىشىڭ ئۈچۈن،
بۈگۈن بۇلارنى ساڭا ئۆگىتىمەن.
‏20 نەسىھەت ۋە بىلىمگە تولغان ئەسىل ھېكمەتلىك سۆزلەر
ساڭا يېزىپ بەرمىدىممۇ؟
‏21 ساڭا ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىپ،
ئۆزۈڭنى ئەۋەتكۈچىگە توغرا جاۋاب بېرەلىشىڭ ئۈچۈن بۇنى يازدىم.
 
‏22 بىچارىنى بىچارە بولغىنى ئۈچۈن ئەزمىگىن
ۋە كەمبەغەلنى دەرۋازىدا دەسسىمىگىن.
‏23 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى سورار،
ئۇلارنى بۇلىۋالغانلارنىڭ جېنىنى ئالار.
 
‏24 تېرىككەك ئادەم بىلەن دوست بولمىغىن،
ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشى بىلەن ئارىلاشمىغىن.
‏25 بولمىسا ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىپ،
ئۆز جېنىڭغا قىلتاق سالىسەن.
 
‏26 بولمىغىن نە قوللاشقۇچىلارنىڭ بىرى،
نە قەرز ئۈچۈن كېپىل بولغانلارنىڭ بىرى.
‏27 ئەگەر قەرزنى قايتۇرغۇدەك سەندە بىر نەرسە بولمىسا،
ئۇلار ياتقان ئورنۇڭنى ئاستىڭدىن تارتىۋالىدۇ.
 
‏28 بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىڭ بېكىتكەن پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمىگىن.
 
‏29 ئۆز ئىشىغا ماھىر كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟
ئۇ پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدە بولار،
ئاددىي خەلقنىڭ خىزمىتىنى قىلماس.