21
1 پادىشاھنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا ئېقىن سۇلاردەكتۇر، ئۇ ئۆزى ئۇنى خالىغان تەرەپكە باشلايدۇ.
2 ئادەم ھەممە يوللىرىنى توغرا دەپ ئويلار،
لېكىن پەرۋەردىگار كۆڭۈللەرنى سىنار.
3 ھەققانىيلىق ۋە ئادالەت بويىچە ئىش قىلىش،
قۇربانلىق كەلتۈرۈشتىنمۇ پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلار.
4 كۆزلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقى، كۆڭۈلنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى
ۋە يامانلارنىڭ قىلمىشلىرى گۇناھتۇر.
5 تىرىشچاننىڭ ئويلىنىشى بايلىققا ئېرىشتۈرەر،
لېكىن ئالدىراڭغۇلۇق موھتاجلىققا سالار.
6 يالغان تىل بىلەن يىغقان خەزىنە ھوردەك يوق بولار،
بۇنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر ئۆلۈمنى تەلەپ قىلار.
7 يامانلارنىڭ زوراۋانلىقى ئۆزلىرىگە تېگەر،
چۈنكى ئۇلار ئادالەتنى رەت قىلار.
8 گۇناھكار كىشىنىڭ يولى ئەگرى بولار،
پاك كىشىنىڭ ئىشى توغرا بولار.
9 سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن كەڭرى ئۆيدە ياشاشتىن كۆرە،
ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشاش ياخشىدۇر.
10 ياماننىڭ جېنى يامانلىق قىلىشقا ئامراق،
قوشنىسىغىمۇ ئۇ مەرھەمەت كۆرسەتمەس.
11 مەسخىرە قىلغۇچىغا جازا بېرىلسە، نادان كىشى دانا بولار.
دانا كىشىگە تەلىم بېرىلسە، ئۇ ئىلىم-ھېكمەتكە ئىگە بولار.
12 ھەققانىي بولغۇچى يامان كىشىنىڭ ئۆيىنى كۆزىتەر،
ئۇ يامانلارنى بالا-قازاغا دۇچار قىلىپ يىقىتىدۇ.
13 كىمكى كەمبەغەللەرنىڭ پەريادىدىن قۇلىقىنى ئېتىۋالسا،
ئۆزى پەرياد قىلغاندىمۇ جاۋاب كەلمەس ئۇنىڭغا.
14 يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار،
پىنھاندا بېرىلگەن پارا قاتتىق ئاچچىقنى پەسلىتەر.
15 ئادىللىق قىلىنغاندا ھەققانىيلار خۇشال بولار،
ئەمما يامانلىق قىلغۇچىلار ۋەھىمىگە پاتار.
16 ئەقىل-ئىدراك يولىدىن ئېزىقىپ كەتكەن كىشىلەر،
ئۆلۈكلەر قاتارىدا ھېسابلىنار.
17 تاماشاغا بېرىلگەن كىشى كەمبەغەل بولار،
شاراب ۋە ياغقا ئامراق كىشى باي بولماس.
18 يامان كىشى ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن پىدا قىلىنار،
ھىيلىگەر كىشى دۇرۇسلارنىڭ ئورنىغا ئېلىپ كېتىلەر.
19 سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك خوتۇن بىلەن ياشاشتىن،
چۆل-باياۋاندا ياشاش ياخشىدۇر.
20 دانا كىشىنىڭ ئۆيىدە بىباھا خەزىنە ۋە ياغ بولار،
ئەمما ئەخمەق كىشى ئۆز مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ چاچار.
21 ئادالەت ۋە مېھىر-شەپقەت ئىزدىگەنلەر،
ھايات، ئادالەت ۋە ئىززەتكە ئېرىشەر.
22 دانا كىشى پالۋانلارنىڭ شەھىرىنىڭ سېپىلىغا چىقار،
ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى غۇلىتار.
23 ئۆز ئاغزى ۋە تىلىنى تۇتقان كىشى،
ئۆز جېنىنى بالا-قازادىن ساقلاپ قالار.
24 تەكەببۇرلۇق ۋە يوغانچىلىق قىلغان كىشى مەسخىرىچى دەپ ئاتىلار،
ئۇ چېكىدىن ئاشقان مەغرۇرلۇق بىلەن ئىش قىلار.
25 ھۇرۇن كىشىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئۆزىنى ھالاك قىلار،
چۈنكى ئۇنىڭ قوللىرى ئىشلەشنى رەت قىلار.
26 مۇنداق كىشى كۈن بويى ئاچكۆزلۈك بىلەن تەمە قىلار،
لېكىن ھەققانىي ئادەم ئايىماستىن بېرىپ تۇرار.
27 يامانلارنىڭ قۇربانلىقى يىرگىنچلىكتۇر،
يامان نىيەت بىلەن قىلىنغان بولسا تېخىمۇ يىرگىنچلىكتۇر.
28 يالغان گۇۋاھچى ھالاك بولار،
لېكىن ھەقىقەتقە قۇلاق سالغان كىشى سۆزلەپ تۇرار.
29 يامان ئادەم يۈزىنى قېلىن قىلار،
دۇرۇس كىشى ئۆز يولىنى ئويلاپ قەدەم تاشلار.
30 ھېچ ھېكمەت، ھېچ ئەقىل-پاراسەت ۋە ھېچ مەسلىھەت
پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالماس.
31 ئاتلار جەڭ كۈنىگە تەييار قىلىنار،
لېكىن غەلىبە پەرۋەردىگاردىن بولار.