20
‏1 شاراب مەسخىرە قىلغۇچى، ھاراق غوۋغا-جېدەلچىدۇر.
شۇلارغا بېرىلىپ ئازغان كىشى ئەقىلسىزدۇر.
‏2 پادىشاھنىڭ غەزىپى بىر شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشار،
ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن كىشى ئۆز جېنىغا يامانلىق كەلتۈرەر.
‏3 جېدەلدىن نېرى تۇرغان كىشى ئۆزىگە ئىززەت كەلتۈرەر،
لېكىن ھەربىر ئەخمەق جېدەل قىلىشقا تەييار تۇرار.
‏4 ھۇرۇن كىشى كۈز ۋاقتىدا قوش ھەيدىمەس،
ئورما ۋاقتىدا ھوسۇل ئىزدەپ ھېچنېمە تاپالماس.
‏5 ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىر چوڭقۇر سۇلاردەكتۇر،
لېكىن ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى ئۇلارنى چىقىرالايدۇ.
‏6 كۆپچىلىك ئۆزىنى سادىق دەپ ماختار،
لېكىن ئىشەنچلىك كىشىنى كىم تاپالار؟
‏7 ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا توغرا ماڭار،
ئۇنىڭ ئەۋلادى بەخت-سائادەتلىك بولار.
‏8 پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرار،
كۆزلىرى بىلەن ھەممە يامانلىقنى سۈرۈۋېتەر.
‏9 «كۆڭلۈمنى پاك قىلدىم،
گۇناھلىرىمدىن ئايرىلدىم» دەپ كىم دېيەلەر؟
‏10 ئىككى خىل تارازا تېشى ياكى ئىككى خىل تارازا ئىشلىتىش،
ئىككىلىسى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر.   
‏11 بىر بالىنىڭ ئىشى پاك ۋە توغرا ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكى
ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن بىلىنەر.
‏12 ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، كۆرىدىغان كۆزنى،
پەرۋەردىگار ياراتتى ھەر ئىككىسىنى.
‏13 كەمبەغەل بولماسلىقىڭ ئۈچۈن
ئۇيقۇغا ئامراق بولمىغىن.
كۆزلىرىڭنى ئوچۇق تۇتقىن،
شۇندا تويغۇدەك نان يەيسەن.
‏14 خېرىدار «ناچار ئىكەن، ناچار ئىكەن» دەپ قويار،
لېكىن ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن سودىسىدىن ماختىنار.
‏15 ئالتۇن ۋە مەرۋايىت كۆپتۇر،
لېكىن ئىلىم-ھېكمەت بىلەن سۆزلەيدىغان لەۋلەر
كەم تېپىلىدىغان گۆھەردۇر.
‏16 ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن تونىنى ئېلىۋېلىڭلار،
يات ئايالغا كېپىل بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى كېپىللىككە ئېلىڭلار.
‏17 ئالداپ تاپقان نان ئىنسانغا تاتلىق تېتار،
كېيىن ئۇنىڭ ئاغزى شېغىلغا تولار.
‏18 مەسلىھەت بىلەن قىلغان ئىش ياخشى بولار،
بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى مەسلىھەت بىلەن جەڭ قىلىڭلار.
‏19 گەپ توشۇغۇچى سىرنى ئاشكارىلار،
شۇڭا ئاغزىنى ياپمىغان كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماڭلار.
‏20 كىمكى ئاتا-ئانىسىنى قارغىسا،
ئۇنىڭ چىرىغى قاپقاراڭغۇلۇقتا ئۆچۈرۈلەر.
‏21 ئالدىراپ ئېلىۋالغان مىراس،
ئاخىرىدا بەرىكەتلىك بولماس.
‏22 «يامانلىققا يامانلىق قايتۇرىمەن» دېمىگىن،
پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغىن، ئۇ سېنى قۇتقۇزار.
‏23 ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر،
يالغان تارازا بىلەن ئۆلچەش ياماندۇر.   
‏24 ئادەمنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر،
ئىنسان ئۆز يولىنى قانداقمۇ بىلەلىسۇن؟
‏25 ئالدىراپ «خۇداغا ئاتالغان» دەپ ۋەدە بېرىپ، كېيىن ئويلاش،
ئادەمگە قىلتاق بولار.
‏26 دانا پادىشاھ يامانلارنى سورۇۋېتەر،
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خامان چاقلىرىنى سۆرىۋېتەر.
‏27 ئىنساننىڭ روھى پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر،
ئۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ.
‏28 مېھىر-شەپكەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلار،
مېھىر-شەپقەت بىلەن ئۇنىڭ تەختى مۇستەھكەم بولار.
‏29 ياشلارنىڭ ئىززىتى ئۇلارنىڭ كۈچىدۇر،
قېرىلارنىڭ زىننىتى ئۇلارنىڭ ئاق چاچلىرىدۇر.
‏30 قامچىنىڭ ئىزلىرى يامانلىقنى چىقىرار،
تاياق ئىچ كۆڭۈلنى پاك قىلار.