19
‏1 توغرا يولدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى،
تىلىنى تولغاپ يالغان سۆزلەيدىغان ئەخمەقتىن ياخشى.
‏2 بىلىمسىز تۇرۇپ غەيرەت كۆرسەتكەن كىشى روناق تاپماس،
ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىش قىلغان كىشىنىڭ ئايىغى پۇتلاشماي قالماس.
‏3 ئادەمنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئۇنىڭ يولىنى ئەگرى قىلار،
ئاندىن ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ قالار.
‏4 بايلىق دوستنى كۆپەيتەر،
لېكىن كەمبەغەل ئۆز دوستىدىن ئايرىلىپ قالار.
‏5 يالغان گۇۋاھچى جازاسىز قالماس،
كۆپ يالغان سۆزلىگۈچى قۇتۇلالماس.
‏6 كۆپ كىشى ئېسىلزادە كىشىگە خۇشامەت قىلار،
ھەممە ئادەم سوۋغات بەرگۈچىنى دوست تۇتار.
‏7 كەمبەغەلنى قېرىنداشلىرى يامان كۆرەر،
دوستلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلىشار.
ئۇ ئۇلارنى قوغلاپ يالۋۇرسىمۇ،
ئۇلار ئۇنى رەت قىلىدۇ.
‏8 دانالىق تېپىشقا كۆڭۈل قويغان كىشى ئۆز جېنىنى سۆيەر،
ئەقىل-ئىدراكنى ساقلىغان كىشى سائادەتلىك بولار.
‏9 يالغان گۇۋاھچى جازاسىز قالماس،
كۆپ يالغان سۆزلىگۈچى ھالاك بولار.
‏10 ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەخمەققە ياراشماس،
ئەمىرلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈش قۇلغا ياراشماس.
‏11 ئەقىل-ئىدراكلىق ئادەم ئاچچىقىنى باسار،
ئۇ باشقىلارغا كەچۈرۈمچان بولۇپ ئىززەت تاپار.
‏12 پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىدەكتۇر،
ئۇنىڭ ئىلتىپاتى بولسا ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر.
‏13 ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالا-قازادەكتۇر،
جېدەلچى خوتۇن ئۆگزىدىن تېمىپ تۇرغان يامغۇردەكتۇر.
‏14 ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان مىراستۇر،
ئەقىل-ئىدراكلىق ئايال پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر.
‏15 ھۇرۇنلۇق ئادەمنى غەپلەت ئۇيقۇسىغا سالار،
بىپەرۋا ئادەم ئاچ قالار.
‏16 ئەمرگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار،
يوللىرىدىن ئاگاھ بولمىغان كىشى ھالاك بولار.
‏17 كەمبەغەلگە رەھىم قىلغان كىشى،
پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەندەك بولار.
ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.
‏18 ئۈمىد تېخى بار چاغدا ئوغلۇڭغا تاياق بەرگىن،
ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولمىغىن.
‏19 ئاچچىقى يامان كىشى جازا تارتار.
سەن ئۇنى قۇتقۇزساڭ،
يەنە قايتا-قايتا شۇنداق قىلماق لازىم بولار.
‏20 نەسىھەتنى ئاڭلىغىن ۋە ئەدەپنى قوبۇل قىلغىن،
شۇنداق قىلساڭ ئاخىرىدا دانا بولىسەن.
‏21 ئىنسان كۆڭلىدە كۆپ پىكىر قىلار،
لېكىن پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خالىغىنى ئەمەلگە ئاشار.
‏22 كىشىنىڭ يېقىملىق بولۇشى ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىدىندۇر.
كەمبەغەل ئادەم يالغانچىدىن ياخشىدۇر.
‏23 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش كىشىنى ھاياتلىققا ئېلىپ بارار،
ئۇ كىشى توق ياشاپ، بالا-قازادىن ساقلىنار.
‏24 ھۇرۇن كىشى قولىنى قاچىغا سالغىنى بىلەن،
غىزانى ئاغزىغا سېلىشتىن ئېرىنەر.
‏25 زاڭلىق قىلغۇچىنى ئۇرساڭ، ساددا كىشى ئىبرەت ئالار،
ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىگە نەسىھەت قىلساڭ، ئۇ ئىلىم-ھېكمەتكە ئىگە بولار.
‏26 ئاتىسىغا يامانلىق قىلغان، ئانىسىنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغان ئوغۇل،
ئۇلارغا رەسۋالىق ۋە شەرمەندىلىك كەلتۈرىدىغان ئوغۇلدۇر.
‏27 ئەي ئوغلۇم، نەسىھەت ئاڭلاشنى خالىمىساڭ،
ئىلىم-ھېكمەتتىن يىراقلىشىپ كېتىسەن.
‏28 يارىماس گۇۋاھچى ئادالەتنى مەسخىرە قىلار،
يامانلارنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتۇۋالار.
‏29 مەسخىرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن جازا تەيياردۇر،
ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە تاياق تەيياردۇر.