18
‏1 باشقىلار بىلەن ئارىلاشماي يالغۇز يۈرگەن كىشى ئۆزىنىلا ئويلار،
ھەرقانداق دانالىققا ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلەر.
‏2 ئەخمەق كىشى ئەقىل-ئىدراكقا قىزىقماس،
ئۆز كۆڭلىدە بارىنى ئاشكارىلاشقىلا قىزىقار.
‏3 يامان كىشى قەيەرگە كىرسە،
ھاقارەتمۇ كىرەر.
ئاھانەت شەرمەندىلىك بىلەن تەڭ كېلەر.
‏4 ئادەمنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەر چوڭقۇر سۇلاردەك بولار،
ھېكمەتنىڭ بۇلىقى ئېقىپ تۇرغان سۇلارغا ئوخشار.
‏5 ھۆكۈم قىلىشتا يامان كىشىگە يان بېسىپ،
ھەققانىي ئادەمگە ناھەقلىق قىلىش ناتوغرىدۇر.
‏6 ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى جېدەل تېرەر،
ئۆز ئاغزى ئۇنى تاياققا تۇتۇپ بېرەر.
‏7 ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۆزىگە بالا كەلتۈرەر،
لەۋلىرى ئۆز جېنى ئۈچۈن قىلتاق بولار.
‏8 غەيۋەتچىنىڭ سۆزلىرى شېرىن لوقمىدەك بولۇپ،
كۆڭۈلنىڭ تېگىگە چۈشەر.
‏9 كىمكى ئۆز ئىشىدا ھۇرۇن بولسا،
ۋەيران قىلغۇچىنىڭ قېرىندىشى بولار.
‏10 پەرۋەردىگارنىڭ نامى مۇستەھكەم مۇنار،
ھەققانىي ئادەم ئۇ يەرگە يۈگۈرۈپ بېرىپ پاناھ تاپار.
‏11 باينىڭ خەزىنىلىرى ئۇنىڭغا مۇستەھكەم شەھەردەكتۇر،
ئۇنىڭ خىيالىدا ئۇ ئېگىز سېپىلدەكتۇر.
‏12 يىقىلىشتىن ئىلگىرى تەكەببۇرلۇق ئادەمنىڭ كۆڭلىگە كېلەر،
ئەمما ئىززەتتىن ئىلگىرى كەمتەرلىك پەيدا بولار.
‏13 سۆزنى ئاڭلىماستىن ئىلگىرى جاۋاب بەرگەن كىشى،
ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىگە خىجالەت كەلتۈرەر.
‏14 ئىنساننىڭ روھى ئۇنى كېسەلگە چىداملىق قىلار،
ئەمما روھى سۇنغان بولسا، كىممۇ ئۇنى كۆتۈرەلەر؟
‏15 ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ كۆڭلى بىلىم تاپار،
دانالارنىڭ قۇلاقلىرى ئىلىم-ھېكمەتنى ئىزدەر.
‏16 سوۋغات ئادەمنىڭ يولىنى ئاچار،
ئۇنى ئۇلۇغلارنىڭ ئالدىغا باشلاپ بارار.
‏17 ئاۋۋال كېلىپ دەۋا قىلغاننىڭ سۆزى راستتەك كۆرۈنەر،
لېكىن قارشى تەرەپ سوئال قويۇپ ئىشنى سۈرۈشتۈرەر.
‏18 چەك تاشلاش جېدەللەرنى تۈگىتەر،
كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەۋانىمۇ ھەل قىلار.
‏19 رەنجىگەن قېرىنداشنى رازى قىلماق
مۇستەھكەم شەھەرنى ئالماقتىن مۈشكۈلدۇر.
ئۇرۇش-جېدەل قورغاننىڭ ئالدىدىكى بالداقلاردەكتۇر.
‏20 ئادەمنىڭ قورسىقى ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن تويار،
لەۋلىرىنىڭ ھوسۇلىدىن ئۇ توق بولار.
‏21 ئۆلۈم ۋە ھاياتلىق تىلنىڭ ئىلكىدە بولار،
ئۇنى سۆيگەنلەر ئۇنىڭ مېۋىسىغا تويار.
‏22 ئۆزىگە خوتۇن تاپقان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار،
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشكەن بولار.
‏23 كەمبەغەل يالۋۇرۇپ سۆزلەر،
باي بولسا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرەر.
‏24 دوستلىرى كۆپ بولغان كىشى ئۆزىگە ھالاكەت ئېلىپ كېلەر،
لېكىن بەزى دوست بىر تۇغقاندىنمۇ ۋاپادار بولار.