17
‏1 تىنچ-ئامانلىقتا يېگەن بىر پارچە قۇرۇق نان،
زىياپەت ئۆيىدە جېدەل-ماجىرا بىلەن يېگەن مول نېمەتلەردىن ئەۋزەلدۇر.
‏2 ئەقىللىق خىزمەتكار ئۇياتقا قالدۇرغۇچى ئوغۇلنى باشقۇرار،
ئۇ قېرىنداشلار بىلەن تەڭ مىراسقا ئىگە بولار.
‏3 خۇمداندا كۈمۈش، تونۇردا ئالتۇن تاۋلانغاندەك،
پەرۋەردىگار كۆڭۈللەرنى سىناق قىلىپ تاۋلار.
‏4 يامانلىق قىلغۇچى ھىيلىگەر لەۋلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالار،
يالغانچى غەيۋەت-پىتنە گەپنى تىڭشار.
‏5 كەمبەغەلنى مەسخىرە قىلغۇچى ئۆز ياراتقۇچىسىنى مەنسىتمەس،
باشقىلارنىڭ مۇسىبەتىگە خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس.
‏6 قېرىلارنىڭ تاجى نەۋرىلىرى بولار،
ئوغۇللارنىڭ ئىززىتى ئاتا-بوۋىلىرى بولار.
‏7 ئەخمەق يوغان گەپ قىلسا ئۇنىڭغا ياراشماس،
ئېسىلزادە كىشى يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشماس.
‏8 سوۋغات ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىك گۆھەردۇر،
كىشى ئۇنىڭ بىلەن نەگە بارسا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇر.
‏9 باشقىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەن كىشى مۇھەببەتنى كۆزلەر،
كونا گەپنى قوزغىغان كىشى دوستلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەر.
‏10 دانا كىشىگە بېرىلگەن بىرلا نەسىھەت سۆزى،
ئەخمەققە ئۇرۇلغان يۈز قامچىدىن پايدىلىق بولار.
‏11 قوزغىلاڭ كۆتۈرگۈچى پەقەت يامانلىقنى ئىزدەر،
شۇنىڭ ئۈچۈن رەھىمسىز ئەلچى ئۇنىڭغا ئەۋەتىلەر.
‏12 ھاماكەتلىك قىلىۋاتقان ئەخمەققە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە،
بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا ئۇچراپ قالغان ياخشىدۇر.
‏13 ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرغان كىشىنىڭ ئۆيىدىن
بالا-قازا ھەرگىز كەتمەس.
‏14 جېدەلنىڭ باشلىنىشى سۇ توسمىسىنى تەشكەنگە ئوخشار،
شۇڭا جېدەل-ماجىرا باشلىنىشى بىلەنلا ئۇنى توختاتقىن.
‏15 يامان كىشىنى ھەققانىي سانىغان كىشى،
ھەققانىي كىشىنى يامان سانىغان كىشى،
ئىككىلىسى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر.
‏16 ئەخمەقنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
ئۇنىڭ ئەقلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن ھېكمەت ئىزدىشى ئۈنۈمسىز بولار.
‏17 ھەقىقىي دوست مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان،
قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە يەردەمچى بولۇشقا تۇغۇلغان.
‏18 ئەقىلسىز كىشى قول بېرىپ،
ئۆز قوشنىسىغا كېپىل بولار.
‏19 جېدەلنى ياخشى كۆرگەن كىشى گۇناھنى ياخشى كۆرەر،
ئىشىكىنى ئېگىز ياسىغان كىشى ئۆز ۋەيرانلىقىنى ئىزدەر.
‏20 ئەگرى كۆڭۈللۈك كىشى ياخشىلىقتىن مەھرۇم بولار،
تىلىدا ھەقىقەتنى بۇرمۇلىغۇچى بالاغا ئۇچرار.
‏21 ئەخمەق بالا تاپقان كىشى ئۇنىڭدىن غەم يەيدۇ،
ئەخمەقنىڭ ئاتىسىنىڭ خۇشاللىقى يوقتۇر.
‏22 شاد كۆڭۈل ئوبدان داۋا بولار،
لېكىن ئېزىلگەن روھ ئۇستىخان يىلىكىنى قۇرۇتار.
‏23 يامان كىشى يوشۇرۇنچە پارا ئېلىپ،
ئادالەت يوللىرىنى بۇرمىلار.
‏24 ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى ھېكمەتنى كۆزلەر،
لېكىن ئەخمەقنىڭ كۆزلىرى يەرنىڭ چەتلىرىگە تىكىلەر.
‏25 ئەخمەق ئوغۇل ئۆز ئاتىسىنى ئازابقا سالار،
تۇغقان ئانىسىغا دەرد-ئەلەم يەتكۈزەر.
‏26 ھەققانىي ئادەمگە جازا بېرىش توغرا ئەمەستۇر،
شەرەپلىك كىشىلەرنى ئۇرۇشمۇ ناتوغرىدۇر.
‏27 ئىلىم-ھېكمەت ئىگىسى گەپنى ئاز قىلار،
ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى ئۆزىنى تۇتۇۋالار.
‏28 ئەخمەق كىشى شۈك تۇرسا، دانا ھېسابلىنار،
لەۋلىرىنى ئاچمىغان كىشى ئەقىل-پاراسەتلىك كۆرۈنەر.