16
1 ئوي-پىكىرلەر ئىنساننىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولار، لېكىن تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگاردىن كېلەر.
2 ئادەمنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ ھەممە يوللىرى دۇرۇستۇر،
لېكىن ئۇنىڭ نىيەتلىرىنى چاغلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر.
3 ھەممە ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن،
شۇنداق قىلساڭ مەقسەتلىرىڭگە يېتەلەيسەن.
4 پەرۋەردىگار ھەر نەرسىنى مەقسەت بىلەن قىلغاندۇر،
يامانلارنىمۇ بالايىئەپەت كۈنى ئۈچۈن قالدۇرغاندۇر.
5 تەكەببۇر ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىكتۇر،
شۇنداق كىشى جازاسىز قالمايدىغانلىقى شەكسىزدۇر.
6 مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنار،
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش كىشىنى يامانلىقتىن قاچۇرار.
7 بىر ئادەمنىڭ يوللىرى پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا،
ئۇ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ياراشتۇرار.
8 ھەققانىيلىق بىلەن تاپقان ئاز نەرسە،
ناھەقلىق بىلەن تاپقان مول بايلىقتىن ئەۋزەلدۇر.
9 ئىنسان ئۆز يولى توغرىسىدا كۆڭلىدە خىيال قىلىدۇ،
لېكىن ئۇنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ باشلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇر.
10 ئىلھاملىق ھۆكۈم بار پادىشاھنىڭ لەۋلىرىدە ،
ئۇنىڭ ئاغزى خاتا قىلماس ھۆكۈم چىقارغىنىدا. ■
11 توغرا تارازا-مىزان پەرۋەردىگاردىندۇر،
خالتىدىكى تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىشىدۇر.
12 پادىشاھنىڭ يامانلىق قىلىشى يىرگىنچلىكتۇر،
چۈنكى ئادالەت بىلەن تەخت مەزمۇت تۇرىدۇ.
13 توغرا لەۋلەر پادىشاھنى خۇرسەن قىلار،
راست سۆزلەيدىغان كىشىنى ئۇ ياخشى كۆرەر.
14 پادىشاھنىڭ غەزىپى ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدەكتۇر،
لېكىن دانا كىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى پەسلىتىدۇ.
15 پادىشاھنىڭ ئوچۇق چىرايىدا ھاياتلىق باردۇر،
ئۇنىڭ ئىلتىپاتى ئەتىياز يامغۇرىنى ياغدۇرىدىغان بۇلۇتىدەكتۇر. ■
16 ھېكمەت تاپماق ئالتۇن تاپماقتىن كۆپ ياخشىدۇر،
ئەقىل-پاراسەت تاپماق كۈمۈش تاپماقتىن كۆپ ئەۋزەلدۇر.
17 دۇرۇسلارنىڭ يولى يامانلىقتىن قاچماقتۇر،
ئۆز يولىنى ساقلىغان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالىدۇ.
18 يوغانچىلىق ھالاكەتتىن ئىلگىرى كېلەر،
تەكەببۇرلۇق يىقىلىشتىن ئىلگىرى كېلەر.
19 تەكەببۇرلار بىلەن ئولجىنى بۆلۈشۈشتىن كۆرە،
مىسكىنلەر بىلەن بىللە كەمتەر كۆڭۈللۈك بولۇش ياخشىدۇر.
20 ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلغان كىشى روناق تاپار،
پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشى بەختلىك بولار.
21 دانا كۆڭۈللۈك كىشى ئەقىل-پاراسەتلىك دەپ ئاتىلار،
لەۋلەردىكى شېرىن سۆزلەر قايىل قىلارلىق بولار.
22 ئەقىل-ئىدراك ئۆز ئىگىسىگە ھاياتلىق بۇلىقىدۇر،
ئەخمەقنىڭ ئەخمەقلىقى ئۆزىگە جازا تايىقىدۇر.
23 دانا كىشىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭ تىلىنى دانا قىلار،
ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ سۆزلىرى قايىل قىلارلىق بولار.
24 يېقىملىق سۆزلەر ھەرە كۆنىكىدىن ئاققان ھەسەلدەكتۇر،
ئۇلار جانغا شېرىن ۋە سۆڭەككە داۋادۇر.
25 بەزى يوللار ئادەمگە توغرا كۆرۈنەر،
لېكىن ئۇنىڭ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارار.
26 ئىشلىگۈچىنىڭ ئاچلىقى ئۇنى ئىشقا سالار،
چۈنكى ئۇنىڭ ئاغزى ئۇنى ھەيدەپ تۇرار.
27 يارىماس ئادەم يامانلىقنى قوزغار،
ئۇنىڭ لەۋلىرى كۆيۈپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار.
28 ئەگرى ئادەم ئۇرۇش-جېدەل چىقىرىپ يۈرەر،
غەيۋەت قىلغۇچى دوستلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەر.
29 زوراۋان كىشى ئۆز قوشنىسىنى ئازدۇرار،
ئۇ ئۇنى يامان يولغا باشلار.
30 ئۇ كۆزلىرىنى قىسىپ، شۇملۇق ئويلاپ چىقار،
لەۋلىرىنى چىشلەپ يامانلىق قىلىشقا تەييار تۇرار.
31 ئاقارغان چاچلار ئىززەت تاجىدۇر،
ئۇ ئادالەتنىڭ يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈندۇر.
32 ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان ئادەم كۈچلۈك ئادەمدىن ياخشىدۇر،
ئۆزىنى تۇتۇۋالغان كىشى شەھەرنى ئالغان كىشىدىن ئۈستۈندۇر.
33 چەك قۇچاققا تاشلىنىدۇ،
لېكىن ئۇنىڭ قانداق بولۇشى پەرۋەردىگاردىندۇر.