15
‏1 يۇمشاق جاۋاب غەزەپنى باسار،
لېكىن قاتتىق سۆز ئاچچىقنى قوزغار.
‏2 دانالارنىڭ تىلى بىلىمنى ئۆستۈرەر،
ئەخمەقلەرنىڭ ئاغزى ئەخمەقلىقتىن تېشىپ كېتەر.
‏3 پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە بولار،
ئۇ ھەم يامانلارنى، ھەم ياخشىلارنى كۆرۈپ تۇرار.
‏4 شىپالىق يۇمشاق تىل ھاياتلىق دەرىخىدۇر،
لېكىن ئەگرى تىل كىشىلەرنىڭ روھىنى سۇندۇرىدۇ.
‏5 ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى رەت قىلار،
لېكىن نەسىھىتىگە قۇلاق سالغۇچى زېرەك بولار.
‏6 ھەققانىينىڭ ئۆيىدە چوڭ خەزىنە بار،
لېكىن يامانلارنىڭ تاپقىنى زىيان كەلتۈرەر.
‏7 دانالارنىڭ لەۋلىرى بىلىم تارقىتار،
ئەمما ئەخمەقلەرنىڭ كۆڭلى ئۇنداق ئەمەستۇر.
‏8 يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر،
لېكىن دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.
‏9 يامانلارنىڭ يوللىرىدىن پەرۋەردىگار يىرگىنەر،
لېكىن ھەققانىيلىقنى ئىزدىگەن كىشىنى ئۇ سۆيەر.
‏10 يولدىن چىقىپ كەتكەنلەر قاتتىق جازالىنار،
تەنبىھنى يامان كۆرگەن كىشى ھالاك بولار.
‏11 ئۆلۈكلەر دىيارى ۋە ھالاكەت ھاڭى
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئاشكارا تۇرۇقلۇق،
قانچە ئوشۇقراق ئادەم بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى
ئۇنىڭ ئالدىدا ئاشكارىدۇر.
‏12 مەسخىرە قىلغۇچى ئۆزىگە تەنبىھ بەرگۈچىنى ياخشى كۆرمەس،
ئۇ دانالارنىڭ يېنىغا كەلمەس.
‏13 كۆڭۈل خۇش بولسا، چىراي ئېچىلىپ كېتەر،
كۆڭۈل غەمكىن بولسا، روھ چۈشۈپ كېتەر.
‏14 ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ كۆڭلى ئىلىم-ھېكمەتنى ئىزدەر،
ئەخمەقلەرنىڭ ئاغزىنىڭ غىزاسى ئەخمەقلىقتۇر.
‏15 غەمكىن كىشىنىڭ ھەممە كۈنلىرى ياماندۇر،
لېكىن كۆڭلى خۇش كىشى دائىم زىياپەتتە بولغاندەكتۇر.
‏16 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشىنىڭ دۆلىتى ئاز بولسىمۇ،
ئۇ بىئاراملىققا سەۋەب بولغان چوڭ خەزىنىدىن ئەۋزەلدۇر.
‏17 مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يېگەن كۆكتات،
ئاداۋەت بىلەن يېگەن سېمىز مالنىڭ گۆشىدىن ئەۋزەل.
‏18 تېرىككەك ئادەم جېدەل چىقىرار،
سەۋرچان كىشى تالاش-تارتىشنى باسار.
‏19 ھۇرۇن كىشىنىڭ يولى بىر تىكەنلىك چاتقالدەكتۇر،
ئەمما دۇرۇسلارنىڭ يولى تۈزدۇر.
‏20 دانا ئوغۇل ئۆز ئاتىسىنى خۇش قىلار،
ئەخمەق ئۆز ئانىسىنى كەمسىتەر.
‏21 ئەقىلسىز كىشى ئەخمەقلىقتىن خۇشال بولار،
ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى توغرا يول بىلەن ماڭار.
‏22 مەسلىھەت بولمىسا، مەقسەتلەر يوققا چىقار،
مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا مەقسەتلەر پىششىق بولار.
‏23 توغرا جاۋاب بەرگەن كىشى خۇشال بولۇر،
ۋاقتىدا ئېيتىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر.
‏24 دانا كىشى ماڭغان ھايات يولى يۇقىرىغا باشلار،
بۇ يول ئۇنى ئۆلۈكلەر دىيارىدىن قۇتقۇزۇپ قالار.
‏25 پەرۋەردىگار تەكەببۇرلارنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلار،
ئەمما تۇل خوتۇننىڭ ئۆي-زېمىنىنى ساقلار.
‏26 يامانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر،
لېكىن پاك كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى يېقىملىقتۇر.
‏27 ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئۆيىگە بالا-قازا كەلتۈرەر،
لېكىن پارىنى يامان كۆرگەن كىشى ئامان ياشار.
‏28 ھەققانىي كىشى كۆڭلىدە ئويلاپ-ئويلاپ جاۋاب بېرەر،
لېكىن يامانلارنىڭ ئاغزىدىن يامانلىق تۆكۈلەر.
‏29 پەرۋەردىگار يامانلاردىن يىراق تۇرار،
ئەمما ھەققانىيلارنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلار.
‏30 كۆزلەرنىڭ نۇرى كۆڭۈلنى خۇش قىلار،
خۇش خەۋەر سۆڭەكلەرنى ساغ قىلار.
‏31 ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان نەسىھەتكە قۇلاق سالغان كىشى،
دانالارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالار.
‏32 تەربىيەنى رەت قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى خار قىلار،
نەسىھەتكە قۇلاق سالغان كىشى ئەقىل تاپار.
‏33 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر،
ئىززەتتىن ئىلگىرى كەمتەرلىك پەيدا بولار.