14
‏1 دانا ئايال ئۆز ئۆيىنى ئاۋات قىلار،
ئەخمەق ئايال ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ۋەيران قىلار.
‏2 توغرا يولدا ماڭغان كىشى خۇدادىن قورقار،
لېكىن يوللىرى ئەگرى كىشى ئۇنى كۆزگە ئىلماس.
‏3 ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى ئۆزىگە قامچا بولار،
لېكىن دانانىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى ساقلار.
‏4 كالا يوق بولسا، ئوقۇر بىكار تۇرار،
ئۆكۈزنىڭ كۈچى بىلەن مول ھوسۇل بولار.
‏5 سادىق گۇۋاھچى يالغان سۆز ئېيتماس،
ساختا گۇۋاھچى يالغاننى كۆپ سۆزلەر.
‏6 مەسخىرە قىلغۇچى ھېكمەت ئىزدىسىمۇ ئۇنى تاپمايدۇ،
لېكىن ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىگە بىلىم ئاشۇرۇش ئاساندۇر.
‏7 ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن ئەخمەق ئادەمدىن،
ئىلىم-ھېكمەت تاپمايسەن ئۇنىڭ لەۋلىرىدىن.
‏8 زېرەك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلاپ چۈشىنىشىدۇر،
ئەخمەقلەرنىڭ ئەخمەقلىقى ئۇنىڭ ئالدامچىلىقىدۇر.
‏9 ئەخمەقلەر گۇناھنى زاڭلىق قىلار،
لېكىن دۇرۇسلار ئارىسىدا ئىلتىپات تېپىلار.
‏10 كۆڭۈل ئۆز دەردىنى ئۆزىلا ياخشى بىلەر،
باشقا كىشى ئۇنىڭ خۇشاللىقىغىمۇ ئارىلىشالماس.
‏11 يامانلارنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ ۋەيران بولار،
لېكىن دۇرۇسلارنىڭ چېدىرى ئاۋات بولار.
‏12 بەزى يوللار ئادەمگە توغرا كۆرۈنەر،
لېكىن ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارار.
‏13 بەزىدە ئادەم كۈلسىمۇ يۈرەك ئاغرار،
بەزىدە خۇشاللىق غەم بىلەن تۈگەر.
‏14 كۆڭلىدە ئېزىقىپ كەتكەن كىشى ئۆز يوللىرىدىن تويار،
ياخشى كىشى ئۆز ياخشىلىقىدىن تويار.
‏15 ئەخمەق ئادەم ھەرقانداق سۆزگە ئىشىنەر،
زېرەك ئادەم ھەر قەدىمىدە ئويلىنار.
‏16 دانا كىشى ئېھتىيات قىلىپ يامانلىقتىن قاچار،
ئەقىلسىز كىشى يوغانچىلىق قىلىپ بىغەم يۈرەر.
‏17 تېرىككەك ئادەم ئەخمەقلىق قىلار،
ھىيلىگەر كىشى نەپرەتكە قالار.
‏18 نادان ئادەملەرگە ئەخمەقلىق مىراس بولار،
زېرەك ئادەملەرگە ئىلىم-ھېكمەت تاج بولۇپ تاقىلار.
‏19 يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا باش ئېگەر،
رەزىللەر ھەققانىيلارنىڭ دەرۋازىلىرىدا ئېگىلەر.
‏20 نامراتقا ئۆز يېقىنلىرىمۇ ئۆچ بولار،
لېكىن باينىڭ دوستلىرى كۆپ بولار.
‏21 ئۆز قوشنىسىنى كەمسىتكەن كىشى گۇناھ قىلار،
مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان كىشى بەختلىك بولار.
‏22 يامانلىق قىلغۇچىلار يولدىن ئادىشىپ كەتتى ئەمەسمۇ؟
لېكىن نىيىتى ياخشىلار مېھىر-شەپقەت ۋە سادىقلىق تاپار.
‏23 ھەرقانداق مېھنەتنىڭ پايدىسى بولار،
لېكىن قۇرۇق گەپتىن كىشى موھتاجلىقتا قالار.
‏24 دانالارنىڭ تاجى ئۇلارنىڭ دۆلىتىدۇر،
ئەخمەقلەرنىڭ ئەخمەقلىقى ئۇنى ئەخمەقلىق بىلەن بېزەيدۇ.
‏25 توغرا گۇۋاھچى جانلارنى قۇتقۇزار،
لېكىن كۆپ يالغان سۆزلىگۈچى ھىيلىگەر بولار.
‏26 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشىنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھى بار،
ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭدا پاناھ تاپار.
‏27 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتلىقنىڭ بۇلىقىدۇر،
ئۇ كىشىنى ئۆلۈمنىڭ تۇزىقىدىن ساقلاپ قالار.
‏28 خەلقى كۆپ بولسا پادىشاھنىڭ ئىززىتى چوڭ بولار،
لېكىن خەلقى ئاز بولسا ئۇ ھالاكەتكە ئۇچرار.
‏29 ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان كىشى چوڭ ئەقىل-پاراسەت كۆرسىتەر،
لېكىن تېرىككەك كىشى ئەخمەقلىقىنى ئاشكارىلار.
‏30 خاتىرجەم كۆڭۈل بەدەننىڭ ساغلاملىقىدۇر،
لېكىن ھەسەت سۆڭەكنى چىرىتىدىغان كېسەلدۇر.
‏31 بىچارىلەرگە زۇلۇم قىلغان كىشى ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت قىلار،
لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان كىشى ئۇنى ئۇلۇغلار.
‏32 يامان كىشى ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار،
ھەققانىي ئادەم ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۈمىدلىك بولار.
‏33 ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ كۆڭلىدە دانالىق ساقلىنار،
ئەخمەقلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە بار بولسا، ئاشكارا بولار.
‏34 ھەققانىيەت خەلقنى كۆتۈرەر،
لېكىن گۇناھ خەلقلەرنى رەسۋاچىلىققا قالدۇرار.
‏35 پادىشاھ ئەقىللىق خىزمەتكاردىن رازى بولار،
لېكىن ئۇنى شەرمەندە قىلغان كىشى ئۈستىگە ئۇنىڭ غەزىپى چۈشەر.