13
1 دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلار، لېكىن مەسخىرە قىلغۇچى نەسىھەتكە قۇلاق سالماس.
2 ئىنسان ئۆز سۆزلىرىنىڭ مېۋىسىنى يەر،
ئاسىيلار زوراۋانلىقنىڭ مېۋىسىنى ئىزدەر.
3 ئۆز ئاغزىنى ساقلايدىغان كىشى جېنىنى ساقلار،
ئاغزى بوش كىشى ھالاكەتكە يۈزلىنەر.
4 ھورۇننىڭ جېنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەس،
ئەمما تىرىشچانلارنىڭ جېنى ئوبدان تويار.
5 ھەققانىي كىشى يالغانچىلىقتىن نەپرەتلىنەر،
يامان كىشى سېسىپ كېتىپ، ئۇياتقا قالار.
6 ھەققانىيلىق توغرا يولدا ماڭغان كىشىنى ساقلار،
لېكىن يامانلىق گۇناھكارنى يىقىتار.
7 بىرى ھېچنېمىسى بولمىسىمۇ، ئۆزىنى باي كۆرسىتەر،
يەنە بىرىنىڭ نۇرغۇن دۆلىتى بولسىمۇ، ئۆزىنى كەمبەغەل كۆرسىتەر.
8 باينىڭ دۆلىتى ئۇنىڭ جېنىغا بەدەل بولار،
لېكىن كەمبەغەل كىشى ھېچ تەھدىت ئاڭلىماس.
9 ھەققانىيلارنىڭ نۇرى پارلاپ تۇرار،
ئەمما يامانلارنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر.
10 تەكەببۇرلۇقتىن پەقەت جېدەل-ماجىرالا چىقار،
لېكىن مەسلىھەت قىلىشقانلاردا ھېكمەت تېپىلار.
11 بىكاردىن تاپقان دۆلەت ئاسان كېتەر،
ئۆز قولى بىلەن يىغقان دۆلەت كۆپىيەر.
12 ئۇزاققا سوزۇلغان ئۈمىد كۆڭۈلگە دەرد بېرەر،
ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ ھاياتلىق دەرىخىگە ئوخشار.
13 تەلىمگە سەل قارىغان كىشى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزەر،
لېكىن ئەمردىن قورققان كىشى مۇكاپاتقا ئېرىشەر.
14 دانانىڭ تەلىمى ھاياتلىقنىڭ بۇلىقىدۇر،
ئۇ كىشىنى ئۆلۈمنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلدۇرار.
15 ئەقىل-ئىدراك ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر،
ئەمما ئاسىيلىقنىڭ يولى ئېغىر بولار.
16 زېرەك كىشى ئىلىم-ھېكمەت بىلەن ئىش قىلار،
ئەخمەق كىشى ئۆز ئەخمەقلىقىنى ئاشكارىلار.
17 يامان ئەلچى بالا-قازاغا ئۇچرار،
لېكىن سادىق ئەلچى دەردكە دەرمان بولار.
18 تەربىيىنى رەت قىلغۇچى نامراتلىشىپ شەرمەندىلىككە قالار،
لېكىن نەسىھەتكە قۇلاق سالغۇچى ئىززەتكە ئېرىشەر.
19 ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ جانغا شېرىندۇر،
يامانلىقنى تاشلاش ئەخمەقلەرگە يىرگىنچلىكتۇر.
20 دانالار بىلەن ھەمراھ بولغان كىشى دانا بولار،
ئەقىلسىزلەر بىلەن ھەمراھ بولغان كىشى زىيانغا ئۇچرار.
21 بالا-قازا گۇناھكارنى قوغلار،
ھەققانىيلارغا ياخشىلىق قايتۇرۇلار.
22 ياخشى ئادەم ئۆز نەۋرىلىرىگە مىراس قالدۇرار،
لېكىن گۇناھكارنىڭ مال-دۇنياسى ھەققانىيلارغا قالار.
23 كەمبەغەللەرنىڭ تېرىلغۇ يېرى كەڭرى ئاشلىق بېرەر،
لېكىن ئادالەتسىزلىك سەۋەبىدىن ئۇ ۋەيران بولار.
24 ئوغلىدىن تاياقنى ئايىغان كىشى ئۇنى يامان كۆرەر،
ئوغلىنى سۆيگەن كىشى ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى جازالاپ، تەربىيە بەرەر.
25 ھەققانىي ئادەم تويغۇدەك غىزالىنار،
لېكىن يامانلارنىڭ قورسىقى ئاچ قالار.