12
1 نەسىھەتنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئىلىم-ھېكمەتنىمۇ ياخشى كۆرەر، لېكىن تەنبىھنى يامان كۆرگەن كىشى گالۋاڭ بولار.
2 ياخشى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر،
ئەمما ئۇ ھىيلىگەر ئادەمنى جازاغا ھۆكۈم قىلار.
3 ھېچ كىشى يامانلىق قىلىپ مەزمۇت تۇرماس،
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى قومۇرۇلماس.
4 پەزىلەتلىك ئايال ئۆز ئېرىگە تاجدەكتۇر،
ئۇياتسىز ئايال ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى چىرىتكۈچىدۇر.
5 ھەققانىيلارنىڭ ئوي-خىياللىرى دۇرۇستۇر،
يامانلارنىڭ مەسلىھەتلىرى ھىيلىگەرلىكتۇر.
6 يامانلارنىڭ سۆزلىرى قان تۆكۈش ئۈچۈن ماراپ تۇرار،
دۇرۇسلارنىڭ سۆزلىرى ئادەملەرنى قۇتقۇزار.
7 يامانلار يىقىتىلىپ يوق بولار،
ئەمما ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار.
8 كىشى ئەقىل-پاراسىتىگە قاراپ ماختىلار،
ئەگرى كۆڭۈللۈك كىشى پەس كۆرۈنەر.
9 خىزمەتكارى بار كەمتەر كىشى،
ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ نانغا موھتاج كىشىدىن ياخشى.
10 ھەققانىي ئادەم ئۆز قوي-قالىسىنىمۇ ئاسرار،
ئەمما يامانلارنىڭ كۆڭلى رەھىمسىز بولار.
11 ئۆز يېرىنى ھەيدەپ تېرىغان كىشى يەتكۈدەك نان تاپار،
پايدىسىز قۇرۇق نەرسىلەرگە ئەگەشكەن كىشى ئەقىلسىز بولار.
12 يامان كىشى رەزىللەرنىڭ ئولجىسىغا ھەۋەس قىلار،
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى ئۈنۈپ مېۋە بېرەر.
13 يامان كىشى ئۆز لەۋلىرىنىڭ خاتاسىدىن تۇتۇلار،
لېكىن ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار.
14 ئىنسان ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن تويار،
ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان ئەمگىكىدىن نېسىۋىسىنى تاپار.
15 ئەخمەق كىشىنىڭ نەزىرىدە ئۆز يولى توغرىدۇر،
ئەمما مەسلىھەتنى ئاڭلىغۇچى دانادۇر.
16 ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى دەرھال مەلۇم بولار،
ئەمما زېرەك كىشى خىجالەتتە قالغىنىنى يوشۇرار.
17 راست سۆزلىگەن كىشى ئادىللىقنى بىلدۈرەر،
لېكىن يالغان گۇۋاھچى ھىيلە ئويلاپ چىقار.
18 ئويلىماي قىلىنغان سۆز قىلىچتەك سانجار،
لېكىن دانانىڭ تىلى داۋا بولار.
19 راست سۆزلەيدىغان لەۋلەر مەڭگۈ قالار،
لېكىن يالغان سۆزلەيدىغان تىل بىردەملىك بولار.
20 نىيىتى يامانلار كۆڭلىدە ھىيلە ساقلار،
لېكىن تىنچلىق ئورناتقۇچىلار خۇشاللىق تاپار.
21 ھەققانىي ئادەم بالا-قازاغا ئۇچرىماس،
ئەمما يامانلار ئازاب-ئوقۇبەتكە تولار.
22 پەرۋەردىگار يالغانچى لەۋلەردىن يىرگىنەر،
ئەمما توغرا ئىش قىلغۇچىلاردىن ئۇ خۇرسەن بولار.
23 زەرەك كىشى ئۆز بىلىمىنى يوشۇرار،
ئەخمەقلەرنىڭ كۆڭلى ئۆز ئەخمەقلىقىنى جاكارلار.
24 تىرىشچان قول ھۆكۈم سۈرەر،
ھۇرۇن قول قۇللۇققا چۈشەر.
25 ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى غەم-قايغۇ ئۇنى مۈكچەيتەر،
لېكىن ياخشى سۆز كۆڭلىنى كۆتۈرەر.
26 ھەققانىي ئادەم ئۆز قوشنىسىغا يول كۆرسىتەر،
يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئازدۇرار.
27 ھۇرۇن كىشى ئوۋلىغان ئوۋنى تۇتالماس،
ئەمما تىرىشچانغا چوڭ دۆلەت تېگەر.
28 ھەققانىيلىقنىڭ يولىدا ھاياتلىق باردۇر.
شۇ يولنىڭ ئىزىدە ئۆلۈم يوقتۇر.