11
‏1 يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر،
لېكىن توغرا تارازا تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلىدۇ.   
‏2 تەكەببۇرلۇققا شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر،
ئەمما كەمتەرلىككە دانالىق ھەمراھ بولار.
‏3 دۇرۇسلارنىڭ پاك تىلى ئۆزلىرىنى يېتەكلەر،
ۋاپاسىزلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلار.
‏4 خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە دۆلەتنىڭ پايدىسى بولماس،
لېكىن ھەققانىيلىق ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار.
‏5 توغرا كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ يولىنى تۈز قىلار،
لېكىن يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
‏6 دۇرۇسلارنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇلارنى قۇتقۇزار،
لېكىن ۋاپاسىزلار ئۆز بۇزۇق نىيىتىدىن تۇتۇلار.
‏7 يامان ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار،
يامانلىقنىڭ ئىنتىزارى بىكار بولار.
‏8 ھەققانىي ئادەم بالا-قازادىن قۇتۇلار،
يامان كىشى ئۇنىڭ ئورنىغا بالا-قازاغا دۇچار بولار.
‏9 بۇزۇق ئادەم ئۆز تىلى بىلەن قوشنىسىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلەر،
لېكىن ھەققانىيلار ئىلىم-ھېكمەت بىلەن قۇتقۇزۇلار.
‏10 ھەققانىيلار روناق تاپسا شەھەر شادلىنار،
يامانلار ھالاك بولسا خەلق تەنتەنە قىلار.
‏11 دۇرۇسلارنىڭ بەرىكىتى بىلەن شەھەر ئۇلۇغلىنار،
لېكىن ئۇ يامانلارنىڭ تىلىدىن خاراب بولار.
‏12 ئەقىلسىز كىشى ئۆز قوشنىسىنى كەمسىتەر،
ئەقىل-پاراسەتلىك ئادەم ئاغزىنى يىغار.
‏13 گەپ توشۇغۇچى سىرنى ئاشكارىلار،
ئىشەنچلىك كىشى سىرنى ساقلار.
‏14 ياخشى مەسلىھەت بولمىسا، خەلق ۋەيران بولار.
ياخشى مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا، خەلقنىڭ ئەھۋالى ئوبدان بولار.
‏15 باشقىسىغا كېپىل بولغان كىشى بالاغا چۈشەر،
كېپىل بولۇشنى يامان كۆرگەن كىشى تىنچ-ئامان ياشار.
‏16 مۇلايىم ئايال ھۆرمەتكە ئىگە بولار،
زوراۋانلار بايلىقنىلا ئىگىلەر.
‏17 رەھىمدىل كىشى ئۆز جېنىغا ياخشىلىق كەلتۈرەر،
رەھىمسىز كىشى ئۆز تېنىگە زىيان يەتكۈزەر.
‏18 يامان ئادەمنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتەر،
ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى تېرىغۇچى چوقۇم ئىنئام تاپار.
‏19 ھەققانىيلىقتا مەزمۇت تۇرغان كىشى ھايات تاپار،
يامانلىققا ئەگەشكەن كىشى ئۆلۈمگە بارار.
‏20 پەرۋەردىگار ئەگرى كۆڭۈللۈك كىشىدىن يىرگىنەر،
لېكىن ئۇ يولى توغرا كىشىدىن خۇرسەن بولار.
‏21 بىلىپ قويۇڭلاركى، يامانلار چوقۇم جازاغا تارتىلار،
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى نىجاتلىق تاپار.
‏22 چىرايلىق، لېكىن ئەقىلسىز خوتۇن
توڭگۇزنىڭ تۇمشۇقىغا سالغان ئالتۇن ھالقىدەكتۇر.
‏23 ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشىلىق ئېلىپ كېلەر،
لېكىن يامانلارنىڭ ئۈمىد قىلغىنى غەزەپكە ئېلىپ بارار.
‏24 بىرى كۆپ بەرسىمۇ، ئۇنىڭ بارى كۆپىيەر،
يەنە بىرى ھەددىدىن كۆپ ئايىسىمۇ، كەمبەغەل بولۇپ قالار.
‏25 قولى ئوچۇق كىشى بەرىكەت تاپار،
باشقىلارنى سۇغارغان كىشى ئۆزى سۇغىرىلار.
‏26 ئاشلىقىنى سېتىپ بەرمەي ساقلايدىغان كىشىنى خەلق قارغار،
لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بېرىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا بەرىكەت ياغار.
‏27 ياخشىلىققا ئىنتىلگۈچىگە ئىلتىپات كۆرسىتىلەر،
لېكىن يامانلىقنى ئىزدىگۈچىگە يامانلىق كېلەر.
‏28 ئۆز دۆلىتىگە تايانغانلار يىقىلار،
لېكىن ھەققانىيلار بىخىدەك كۆكلەر.
‏29 ئۆز ئۆيىگە قىيىنچىلىق سالغان كىشى شامالغىلا ئىگە بولار،
ئەقىلسىز كىشى دانا كىشىگە قۇل بولار.
‏30 ھەققانىي ئادەمنىڭ مېۋىسى بىر ھاياتلىق دەرىخىدەكتۇر،
دانا كىشى كۆڭۈللەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ.
‏31 ئەگەر ھەققانىي ئادەمگە بۇ ئالەمدە ياندۇرۇلسا،
قانچە ئوشۇقراق يامانلار ۋە گۇناھكارلارغا ياندۇرۇلار.